ئادۋوكات خې چاۋدوڭ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاش تەشۋىقاتىنى تەيۋەنگىمۇ كېڭەيتمەكتە»

0:00 / 0:00

«خىتاي خەۋەر تورى»5 – ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە 50 تىن ئارتۇق خىتاي ۋە تەيۋەن مۇخبىرلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇتۇقلىرى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىگە ئۇيۇشتۇرغان. شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋەپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ يەنە تەيۋەنلىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن.

يالقۇن ياقۇپ تەيۋەنلىك مۇخبىرلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ: «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئېچىش، كىشىلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى بۆشۈكىدىلا تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭدا ھېچقانداق تېرورلۇق ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. ھازىر بۇ مەركەزلەرنىڭ ھەممىسى تاقالدى. ئۇ جايدىكى كىشىلەر يېڭىدىن خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىپ بولدى،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھارپىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىەە قاتناشقان ئاتالمىش «تەيۋەنلىك مۇخبىرلار» تەيۋەندىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ماھىل بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىكەن. بۇ تەشۋىقات ھەركىتىدىن ئىلگىرى، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خوڭ شيۇجۇ تەيۋەن تاراتقۇلىرىدا سۆز قىلىپ، «<ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى> دېگەن گەپلەر ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توقۇپ چىققان يالغان سۆزلەردۇر،» دېگەن ئىكەن.

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى 6-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

ئادۋوكات خې چاۋدوڭنىڭ قارىشىچە، 4-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي ۋە تەيۋەن مۇخبىرلىرىغا ئۆتكۈزۈلگەن «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇتۇقلىرى» تېمىسىدىكى بۇ يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاش تەشۋىقاتىنىنىڭ خىتاي تىللىق تاراتقۇلار ئىچىدە بىر قەدەر ئەركىن ۋە مۇستەقىل خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتقان تەيۋەنگىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەن.

خې چاۋدوڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، تەيۋەن خىتاي تىلى دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان، يەنى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. تەيۋەن تاراتقۇلىرىمۇ ئىنتايىن ئەركىن. شۇڭا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن تاراتقۇلىرىنى قوبۇل قىلدى دىيىلسە، كۆرۈنۈشتە كىشىلەرگە <تەيۋەن تاراتقۇلىرىمۇ خەۋەر بېرىپتۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ مەسىلى يوق ئىكەنغۇ> دەيدىغان چۈشەنچىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> جىنايى قىلمىشلىرىنى پەردازلىغىلى ياكى ئاقلاشتا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ يەنە ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى»نى ئاقلاپ، ئۇلارنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىدا دېيىلگەندەك «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئەمەس، بەلكى «قۇتقۇزۇش ھەركىتى» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خې چاۋدوڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئېرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئاقلىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خې چاۋدوڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق بۇنداق باياناتنى بېرىشىدە ئېنىق مەقسەت بار. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەلدار ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇلار < سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بۇ يەردە <يىغىۋېلىش لاگېرى> يوق دەۋەتىدۇ. بۇ يەردە تېرورلۇققا قارشى كۈرەش بولىۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى دىگۈزمەكچى.»

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلھام مەخۇت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەندە 2019- يىلى ئادۋوكات خې چاۋدوڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تەيۋەنگە قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان بىر ئامىل ئىكەن.

خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى قۇرۇلغان «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى» ۋە تەيۋەن پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەخسۇس يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. ئۇلار بۇ پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى» نى تەيۋەنلىكلەرگە ئاڭلاتقان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھەم تەيۋەندىكى خىتايغا ماھىل بىر قىسىم سولچىل تەشكىلاتلارمۇ ئادەم تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىگە كۆپ قېتىم پاراكەندىچىلىك سالغان ئىكەن.

خېچاۋدوڭ ئەپەندى يەنە ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەندە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئەڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» ۋە تەيۋەن پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» 5-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرلىگەن. بۇ پائالىيەتتە خەلقئارادا خىتاينى ئەيىبلەش ۋە جازالشقا سەۋەپ بولۇۋاتقان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەيۋەندىمۇ چەكلەش توغرىلىق تەدبىر ئېلىش مۇھاكىمە قىلىنغان.