«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا ئىككى سائەتكە يېقىن كۆرۈشكەن. ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ سۆھبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا دوستانە تۈس ئالغان.
بۇ ئالدىنقى يىلى نويابىردىكى سان فىرانسىسكو باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ بۇنداق سىلىق-سىپايە ئېلىپ بېرىلىشنى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جامېس كلېۋېرلىي مۇخبىرلارغا «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۇنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ» دەپ ئېيتقانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى يازدا خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا، خىتايدا بەشتىن بىر قىسىم ياشلار ئىشسىز قالغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەھلىلچىلەر «خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تاشقى بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
«تېلېگراف» گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ بايدىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئەقىل ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە ھەمدە تەيۋەننى بارغانسېرى كۈچلۈك قوللاۋاتقىنىغا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ يەنە «تىك-توك» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاشلا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشكە ئۇرۇنغان.
1989-يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيا خىتايغا قارىتا دوستانە پوزىتسىيەسىنى تامامەن ئۆزگەرتكەن. ئەينى ۋاقىتتا دېڭ شياۋپىڭ «ئۆز كۈچىنى يوشۇرۇپ، باشقىلاردىن نەپ ئېلىش» ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، جىمجىت تەرەققىي قىلىش يولىنى تاللىغانىدى.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيە ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. مېنىڭچە 2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن خىتاي باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇڭا كۈچىنى يوشۇرۇشنىڭ ياكى پەيت كۈتۈپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىدا، دەپ قارايمەن. »
ئۇ يەنە شى جىنپىڭنىڭ دېڭ شياۋپىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر ئىستراتېگىيە قوللانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى. بۇ ناھايىتى چوڭ بۇرۇلۇش. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن يولغا قويغان يۇقىرى دەرىجىدىكى كونتروللۇق ئېنىقلا خىتايغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شى جىنپىڭ سىياسىي كونتروللۇقنى مۇستەھكەملىدى، بۇ خىل ۋەزىيەت ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئىشىنىمەنكى، فالۇنگۇڭ، تىبەت، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مۇستەقىل سىياسىي تەشكىلاتلارنى شى جىنپىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ ھەمدە قاتتىق باستۇرىدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، سىزدە كۈچ بار، ئەمما كىمگە ئىشىنىشنى بىلمەيسىز ۋە پۈتۈن خەلقنى قورقۇتىسىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدە، بەلكىم خىتاينىڭ سىرتىدىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شى جىنپىڭ يەنىلا ئۆزىنى ھوقۇقتا بىخەتەر دەپ قارىمايدۇ» .
ئامېرىكا—خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ماقالىلەرگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشۈشكە تېخى كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى، غەربنىڭ دوستلۇقىدىن يەنىلا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ يەنە غەربنىڭ خىتاينىڭ بازىرىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ يەتكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹خىتاي پەقەت ئۆزىنى يېتەكلەيدۇ› دىن ‹خىتاينىڭ دۇنيانى يېتەكلەش ئىقتىدارى بار› دېيىشكە ئۆزگەردى. ئەينى ۋاقىتتا، دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تاشقى سىياسەت تۆۋەن نۇقتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتمەسلىك ئىدى. بۇ دېگەنلىك، كۈچى يېتەرلىك بولمىغاندا ئۆزىنى يوشۇرۇش ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىك. 2003-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ھېچكىمگە تەھدىت سالمايدىغانلىقى، زومىگەرلىك قىلمايدىغانلىقى، كەلگۈسىدە كۈچلۈك بولغاندىمۇ ھەرگىزمۇ زومىگەرلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەسىلە شۇكى، ئۆز دۆلىتىدىكى تىنچ نامايىش قىلغانلارنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەنگەن ۋە قوغدالغان ھاكىمىيەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلەمدۇ؟ خىتايدىكى ئىختىساسلىقلارغا توختىماي توسقۇنلۇق قىلىش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدىغان ھاكىمىيەت باش كۆتۈرگەندە باشقىلارغا تەھدىت سالمامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئېنىق. شۇڭلاشقا، بىز شۇنى دېيىشىمىز كېرەككى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ جىمجىت تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىدىن شى جىنپىڭنىڭ چىلبۆرە دىپلوماتىيەسىگە ئۆتۈشى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغاندەك تۇيۇقسىز ۋە غايەت زور ئۆزگىرىش ئەمەس، بەلكى مۇقەررەر يۆنىلىش. پەقەت شى جىنپىڭنىڭ ھەرىكىتى بەك تېز بولۇپ كەتتى، خالاس. »
ئۇ يەنە خىتاينىڭ «چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «شى جىنپىڭنىڭ چىلبۆرە دىپلوماتىيەسى ئاساسلىقى ئامېرىكىنى نىشان قىلغان. ئەمما كېيىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ كۈچىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. ئامېرىكانىڭ كۈچىنى تۆۋەن چاغلاپ قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنىلا ئامېرىكانىڭ رەقىبى بولالمايدىغانلىقىنى، يەنى ئۆزىنىڭ ‹قىلىچ› ىنى سەل بالدۇر كۆرسىتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا كېيىنچە سەل مۇلايىم بولۇپ قالدى. ئەمما شى جىنپىڭ يەنىلا شەرقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، غەربنىڭ يىقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شى جىنپىڭ چىلبۆرە دىپلوماتىيەسىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ تاجاۋۇزچى بولىدۇ. »
رايموند كو بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكانىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرا. لېكىن يەنىلا مۇناسىۋەتتە بەك تۇراقسىز ياكى دۈشمەن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلاشقاندا، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، ئەمما ھەر زامان جەڭگە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. مېنىڭچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بازىسىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك. ئۆزىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئېھتىياجلىق بولغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان زاۋۇتلىرىمىز بولۇشى كېرەك» .
مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپ قانچە نارازىلىق بىلدۈرسىمۇ خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، ئەمما غەربتىكى سىياسىيونلار ۋە جامائەت ئارىسىدىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئېقىمنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.