خىتاي تالىبانلار بىلەن نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.25
taliban-moskwa-rusiye.jpg تالىبانلارنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئابدۇغېنى بارادار باشچىلىقىدىكى تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى. 2019-يىلى 30-ماي، رۇسىيە.
REUTERS

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تالىبانلارنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئابدۇغېنى بارادار باشچىلىقىدىكى تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ زىيارەتنى رەسمىي ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلىشىدۇر. تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتى 2014‏-يىلى 12‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىلى 5‏-ئايدا تالىبانلار بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچىدە مەخپىي سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ بۇ قېتىم تالىبانلارنىڭ قاچان بېيجىڭنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن قايسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، لۇ كاڭ 20‏-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، 2001‏-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تالىبان بىلەن، قايسى تېررورچىلارغا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم تالىبانلارنى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى پرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەدىكى كيۇتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشىغا تىكىلگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، دۇنيانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە كۈتۈۋالغانىدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تالىبانلارنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىشى يۇقىرىقى ھەر ئىككى مەسىلىگە چېتىلىدىكەن. ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، خىتاي ئانالىزچى خۇ پېڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا تالىبانلارنى بېيجىڭغا چاقىرتىشىدىكى بىر قىسىم مەقسىتىنىڭ ئۇلارنى كوزىر قىلىپ، ئامېرىكىغا ھەيۋە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پېڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بېيجىڭنىڭ بۇ قېتىم تالىبانلار بىلەن كۆرۈشۈشىدىكى بىر قىسىم مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۆھبىتى بىلەن ئالاقىدار. ئۇ مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا تالىبانلارنى ئۆزىگە تارتىپ، بىر تەرەپتىن تالىبانلارنى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بىر كوزىر قىلىش كۆرسەتمەكچى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكچى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئامېرىكالىقلارغا ‹مەن بۇ كوزىرنى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوينىيالايمەن. مەن ھەتتا بۇ كوزىرنى ئامېرىكاغا پايدىلىق ئوينىشىممۇ مۇمكىن› دېمەكچى. شۇڭا، بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى خىل رولى بار.»

لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا كۆپ خىل ئامىللارنى كۆزدە تۇتماقتىكەن. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم بۇ قاراشتىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 25‏-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن ئامېرىكا چېكىنىپ چىقىپ كەتسە، تالىبانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرمەيلى، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن خام ئەشيا بار رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى تالىبانلارنىڭ تەسىرىدىكى رايونلاردا. شۇڭا يەنە تالىبان بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇر. ئۇنىڭدىن باشقا تالىبانلار ئۇيغۇرلارنى ھىمايە ئاستىغا ئالمىسۇن دەپ تىرىشىدۇ. ئامېرىكا چېكىنىپ چىقىپ كەتسە ئافغانىستاندا سايلام بولۇپ، تالىبان ھاكىمىيەتكە كىرىشى مۇمكىن. تالىبان ئافغانىستاندا سىياسەتنىڭ ئىچىدە ئەسلى. پەقەت ھاكىمىيەتنى ئالالمىدى. شۇڭا، تالىبان بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن؟ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.»

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قېتىم تالىبانلار بىلەن كونكرېت قايسى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، مەيلى قانداق بولمىسۇن ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ تالىباندەك بىر قوراللىق كۈچ بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېما بولىدىغانلىقىدا ھېچقانداق گۇمان يوق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سۆھبەتنىڭ يۈزدە 50 ئى ئىقتىسادى مەنپەئەت بولسا، يۈزدە 50 ئى ئۇيغۇر مەسىلىسى. چۈنكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى، يەنى، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتى، دېگىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى. ئەمدى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنى يولغا سالسا، خەۋپسىزلىككە ناھايىتى چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بۇ گەپلەرنى مەيلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا بولسۇن، مەيلى 4 دۆلەت ئىستىخبارات گۇرۇپپىسىدا بولسۇن مۇشۇنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىممۇ دۈشەنبىدە ئېچىلغان يىغىندا يەنە مۇشۇ مەسىلىنى تىلغا ئالدى.»

خىتاي-تالىبان مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىر قانچە يىللىق مەسىلە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلار ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان 1990‏-يىللاردىلا ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئۆز ۋاقتىدىكى ئەلچىسى سابىق تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەر قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىن بىر چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىكەن. موللا ئۆمەر خىتاي ئەلچىسى بىلە 1999-يىلى قەندىھاردا كۆرۈشكەن.

لېكىن، خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلماننىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ تالىبانلار بىلەن ئىشەنچلىك بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بېيجىڭنىڭ تالىبانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەھشىيلەرچە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تالىبانلارمۇ چوقۇم بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار خىتايغا بەك يېقىنلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە، خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بەزى يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى خىتاينىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشى، دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت مەنپەئەتنى كۆزلەپ، خىتاينى تەنقىد قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا، خىتاينىڭ تالىبانلارنى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ دوستىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ 20‏-ئىيۇن كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى پايدىلىق، دەپ تۆنىدى شۇنىڭدەك داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا، ئافغانىستان مەسىلىسىدە داۋاملىق سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەشكە ۋە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.