خىتاي بىلەن تالىباننىڭ سودا ھەمكارلىقى ۋە كەلگۈسى خىرىسلار (2)

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تۇتۇپ تۇرغان ئەڭ مۇھىم نەرسە دىن ۋە ئىدېئولوگىيە بولۇشتىن كۆرە، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە سىياسىي رىقابەت بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي بىلەن «شەرىئەت دۆلىتى» قۇرۇش غايىسىدىكى تالىباننىڭ دىن ۋە ئىدېئولوگىيە پەرقىنى قايرىپ قويۇپ، دىپلوماتىيە ۋە سودا جەھەتتە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشى بۇنىڭ مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاندىن مۇھىم كان بايلىقلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا كەڭ يول ئاچقانلىقىنى، ئەسلىدىمۇ خىتاينىڭ ئافغانىستاننى «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىنىڭ مۇھىم تۈرى بولغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ كىرمەكچى بولغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئافغانىستاندىنمۇ پاكىستانغا ئوخشاش پايدىلانماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلغانىدۇق.

پاكىستانلىق دىپلومات، گېئو-سىياسىي خەتەر ئانالىزچىسى دوكتور فارھات ئاسىف لىنكدىن (Linkedin)ھېسابىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، گەرچە ئافغانىستاندا خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەمدە تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇشنىڭ گېئو-سىياسىي خەتىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاينىڭ نىيىتى تالىباننىڭ ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق بۇ رايوندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئىكەن. ھالبۇكى بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى نائېنىق بولۇپ، بۇ جەرياندىكى تەرەققىياتلار خىتاي-تالىبان مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا خەلقئارا سودىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

تۈركىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئافغانىستاندا جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان ھەر قانداق خەۋپ-خەتەردىن ساقلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇللاھ ئابدۇل غېنى بارادار بىلەن. 2022-يىلى 24-مارت، كابۇل، ئافغانىستان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇللاھ ئابدۇل غېنى بارادار بىلەن. 2022-يىلى 24-مارت، كابۇل، ئافغانىستان. (AP)

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتايدىن ياردەم ئېلىش بەدىلىگە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن، شۇڭا ھازىرچە ئافغانىستاندا خىتاي ئۈچۈن بىرەر تەھدىت مەۋجۇت ئەمەسكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو 31-ئۆكتەبىر X ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، «خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن تالىبانلارنىڭ سودا قىلىشى ھېچكىمنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. بۇ، باشقا دۆلەتلەرگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىكى، كوممۇنىست خىتاي تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن تېررورىست ھاكىمىيەت بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىدۇ» دېگەن.

بۇ ئۇچۇرغا ئىنكاس يازغانلاردىن بەزىلىرى كوممۇنىزم دېگەن نەرسىنىڭ تارىختىن بېرى تېررورىزمنىڭ بېشى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىست خىتاينىڭمۇ 70 يىلدىن بېرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە تالىبان، خاماس، ھېزبۇللا ۋە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي كۈچلىرىنى قورال، ئاشلىق، پۇل ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى كوممۇنىست خىتاي بىلەن تالىباننىڭ نۆۋىتى كەلسە بىر-بىرى بىلەن سوقۇشىدىغان ھاكىممۇتلەق، زوراۋان، تېررورىست كۈچلەر بولسىمۇ، ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي بىلەن تالىباننىڭ دۇنيا قارىشى ئوخشىمايدۇ، شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنياغا خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلسا، تالىبان دۇنيا خەلىپىلىكى ئىدىيەسىگە ئېسىلىدۇ. ئەمما يېقىن مەزگىلدە ھەر ئىككى دۆلەت ئامېرىكانى دۈشمەن ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرىدۇ. مەلۇم نۇقتىدا خىتاي بىلەن تالىبان ئۆلگۈچە ئېلىشىدىغان دۈشمەنلەرگە ئوخشايدۇ، ئەمما ھازىر ئۇلار ئامېرىكانى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوممۇنىست خىتاي بىلەن تالىباننىڭ مەقسەت-غايىلىرى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۆز ئىدىيەلىرىنى دۇنياغا تېڭىش جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار ئىكەن.

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي بىلەن تالىبان ئىدېئولوگىيەسى ئوخشاشلا دېموكراتىيەگە دۈشمەن ئىدېئولوگىيە بولۇپ، ئۇلار ئۆز خەلقىنى ئەل رايى بويىچە ئەمەس، قورال كۈچى بىلەن باشقۇرىدىكەن.

بۈگۈنكى دۇنيادا مۇستەبىت تۈزۈمنى دېموكراتىيەگە قارشى قويۇۋاتقان خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ، تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ ھەمكارلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنىڭ ھامان ئۈستۈنلۈك قازىنىدىغانلىقى تارىخنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى دەپ قارالماقتا.