«USCC» : ئامېرىكا خىتاينى تەھدىت دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-02
Share
«USCC» : ئامېرىكا خىتاينى تەھدىت دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا. 2017-يىلى 15-ماي، بېيجىڭ.
AP

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى» 28-يانۋار كۈنى خىتاي ھەققىدە بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىرى سۆز قىلدى ۋە ھەرقايسى تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئۇنۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ مۇلاھىزە قىلدى.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېـتەكچىلىكىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىدەك ئورتاق كۆز قاراش ئالغا سۈرۈلدى. ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى خەتەرلىك تاجاۋۇزچى كۈچكە ئايلاندۇرغانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتنى داۋاملىق ھالدا تەھدىت، دەپ قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى «USCC» نىڭ رەئىسى كارولىن بارتولوموۋ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېدى:

«بۇ يىل ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بۇ يىل خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە خىتاي بۇنىڭغا زور ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۇ خەلقئارادا خىتاينىڭ تېز سۈرئەت بىلەن يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ چۆكۈشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىۋاتقان پاراڭلار ھەمىشە يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇ ھەقىقەتتىن ئۇزاق.»

كارولىن بارتولوموۋ خانىم سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىق ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دېپلوماتلىرى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى كونترول قىلىشتىكى مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكاغا دۆڭگىدى. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىغا ئائىت ئستاتىستىكىلار بولسا گۇمانلىق. ئۇلار ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ‹خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، › دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە دىنىي سورۇنلارنى ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئىنتايىن تولۇق مەلۇماتلارغا قارىماي يالغان سۆزلەۋاتىدۇ.»

كارولىن بارتومولوۋ خانىم سۆزىدە يەنە: «جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى دۆلەت مەجلىسى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيانقى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا تىركىشىۋاتقان دەۋرى بىلەن يۈزلەشتى،» دېدى. ئۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكى، ئىقتىسادى، قىممەت قاراشلىرى ۋە دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلاندى، دەپ ئەسكەرتتى.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارى روي كامپاۋسېنمۇ كىرىش سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى ۋە ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۇمان، ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھىندى-تېنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر بېيجىڭنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئارزۇسىغا گۇمان بىلەن ھەتتا پۈتۈنلەي دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ. . . خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ھەققىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى كۈچلەندۈرمەكتە. خىتاينىڭ بۇنداق قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى پەرۋاسىز ھەرىكەتلىرى رايون بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت»

يۇقىرىقى ئىككى كومىتېت ئەزاسىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يىغىندا ئىسپات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىلەر بىر-بىرلەپ سۆز قىلىپ خىتاي ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەردى. بۇ مۇتەخەسىسسىلەر بىردەك خىتاي ئامېرىكاغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكى، بۇنىڭ ئىقتىساد، سودا، ھەربىي، پەن-تېخنىكا قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا سۆز قىلغان ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى روبېرت سۇتتېر ئەپەندى خىتاينى ئامېرىكاغا ھەرساھەدە تەھدىت بولۇۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ بېرىپ: «ئامېرىكانىڭ بىرىنچىدىن، خىتاي تەھدىتىگە قارىتا كۈچلۈك قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، ئىككىنچىدىن، خىتايغا قارشى سىياسەتلەرنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى. ئۇ: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي تەھدىتىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە، بۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى.

بۇ يىغىن جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى» دا خىتاي ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى. ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ كومىتېت ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەيدانى دىققەت قوزغىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتى ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدا خىتايغا پەيدا بولغان نارازىلىق تۈگىمىگەنلىكىنى، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتايغا قاتتىق قول پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەردى، دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىگە خىتايغا قارشى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش ھەققىدە كۆپ بېسىم قىلىۋاتقاتقان بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارمۇ ھۆكۈمەت سىياسىتى ھەققىدىكى ئىپادىلىرىدە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتىكەن.

شۇ كۈنكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىمۇ مەيلى كومىتېت ئەزالىرى بولسۇن مەيلى تەتقىقاتچىلار بولسۇن ھەممىسى بىر ئېغىزدىن خىتاينىڭ بۈگۈنگىچە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ باقمىغانلىقى، بۇندىن كېيىنمۇ قىلمايدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ ھەرگىزمۇ كېلىمات مەسىلىسى قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى دەپ، يەنە خىتاينىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە، ئامېرىكانى داۋاملىق كولدۇرلىتىشىغا يول قويماسلىقىنى ھەم بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ئامېرىكانىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خىتاينى تەنقىدلىشىگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. كومىتېت رەئىسى كارولىن بارتولوموۋ بولسا: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى› دېگىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادىغا ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا پايدىلىقتۇر،» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت