ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مالىيە ۋە ھەربىي كومىتېتلىرى 7-فېۋرال كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئايرىم-ئايرىم ئىككى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي تەھدىتلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، جۈملىدىن 4-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرىلگەن خىتاي جاسۇسلىق ھاۋا شارىغا قارىتا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىككى گۇۋاھلىق يىغىنى يېڭى نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى 2023-يىلى رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى چاقىرىلغان تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنى بولۇپلا قالماي، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا چاقىرىغان تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى نۇقتىلىق ئامېرىكا-خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر ۋە سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى.
گۇۋاھلىق يىغىنىدا مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەكھېنرى، «خىتاي، ئامېرىكانىڭ يەر شارىۋىي مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىۋاتقان بىردىن-بىر ئەڭ چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. پاترىك مەكھېنرى مۇنداق دىگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ھەرىكىتى ئايدىڭلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىدى. خىتاي بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ياكى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكىمىز ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ رىقابەتچىمىز. ئۇ ئامېرىكانىڭ يەر شارىۋىي مەۋجۇتلىقىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ۋە بىردىن-بىر تەھدىت. بۇگۈنكى يىغىن، بۇ كومىتېتنىڭ ئۆتكۈزگەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتى ھەققىدىكى تۇنجى گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رەئىسى پاترىك مەكھېنرىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مالىيە كومىتېتى دىققىتىنى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش، بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دىگىتال پۇلىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينى يىتىم قالدۇرۇش مەقسىتىدىكى ئون نەچچە خىل قانۇن لايىھەسىگە مەركەزلەشتۈرمەكتە ئىكەن. يىغىندا پاترىك مەكھېنرى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئەركىن بازار ۋە ئىنسان ئىززەت-ھۆرمىتىنى چىقىش قىلغان قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
پارتىك مەكھېنرى مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بازار ئەركىنلىكىگە بولغان ۋەدىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكلا بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدىكى پەرق بۇنىڭدىنمۇ ئېنىق بولمايدۇ. ئۇلار مەركەزلەشتۈرسە، بىز مەركەزلەشتۈرمەيمىز. ئۇلار تاقىسا، بىز ئېچىۋېتىمىز. ئۇلار سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى خورلىسا، بىز ئۇنى قەدىرلەيمىز. ئامېرىكانىڭ بۇ قىممەت قارىشى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخدىكى ئەڭ يۇقىرى تۇرمۇش ئۆلچىمى ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ بولۇشىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى».
يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بلەيىن لۇكامايېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا سەرمايىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپلا قالماي، ئۆز تەۋەلىكىدىكى خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە ئىكەن. بلەيىن لۇكامايېر مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىزچىل رەۋىشتە ئامېرىكا سەرمايىسىنى دەسمايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي، ئىستىخبارات ۋە باشقا بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا ۋە زامانىۋىيلاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى مەزلەغ بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ خەلقىنى باستۇرىۋاتىدۇ. بۇ خىل باستۇرۇش ئۆز پۇقرالىرىنى دەپسەندە قىلىشنى كۈچەيتىش، دىني ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار ۋە ئېتنىك مىلللەتنى جازالاش، جۈملىدىن خالىغانچە قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتۇر.»
بلەيىن لۇكامايېرنىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سېلىۋاتقان ئىجتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر ئالمىغان.
بلەيىن لۇكامايېر مۇنداق دېگەن: «2021-يىلى پرېزىدنېت بايدېن سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىغا قوشۇمچە قىلىپ، ‹خىتاينىڭ نازارەت تېخنىكاسىنى باستۇرۇش ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدە ئىشلىتىشى، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، تاشقىي سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا غەيرىي-نورمال ۋە پەۋقۇلئاددە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ› دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پەيدا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئېتىراپ قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بىز ھەقىقىي رەۋىشتە يېتەرلىك تەدبىر ئالمىدۇق. بىز بۇنىڭغا ئۆتكەن ھەپتىدىكى ھاۋا شارى ۋەقەسىدە شاھىت بولدۇق».
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 4-فېۋرال شەنبە كۈنى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن بىر خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋار شارىنى شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقى ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرگەن. بۇ ھاۋا شارى 1-فېۋرال كۈنى مونتانا شتاتىدا بايقالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت بايدېننى خىتاي ھاۋا شارىنى ئېتىپ چۈشۈرىشتە «تېز ھەرىكەت قىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. لېكىن پرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئۆزىنىڭ «مۇۋاپىق پەيت» نى ساقلىغانلىقى ۋە خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ «توغرا ئىش قىلغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.
يىغىنىدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېرورلۇق ۋە مالىيە ئىستىخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ سابىق ئالىي مەسلىھەتچىسى ئېرىك لوربېر گۇۋاھلىق بېرىپ، يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە ئىقتىسادىي جازا ئامېرىكانىڭ تاشقىي ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى
يادرولىق ۋاستىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئېرىك لوربېر مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە، ئىقتىسادىي جازا ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ يادرولۇق قورالىغا ئايلاندى. ئىقتىسادى جازانى مۇۋاپىق ۋە توغرا ئىشلەتكەندە، ئۇ ئامېرىكا دۈشمەنلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئىقتىسادىي جازا بىر سېھرى كۈچ ئەمەس. بىز ئۇنىڭ كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا كۆردۇق.»
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى يىللردا ئامېرىكادىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى باشتۇرۇشى، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا بارغانسېرى ئىقتىسادىي جازاغا مەركەزلىشىپ قالغان.
ئېرىك لوربېر مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكادىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتايغا قارىتا قاراتمىلىققا ئىگە جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ جازالار خىتاينىڭ خوڭكوڭغا بولغان كونتروللۇقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھەربىي سانائەت قۇرۇلۇشى ۋە باشقا ساھەسىدىكى بەزى شىركەتلەر بىلەن ئوبوروت قىلىشىنى چەكلەشكە مەركەزلەشكەن. لېكىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان جازاسى ھازىرغا قەدەر چەكلىك بولۇپ كەلدى. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئىقتىسادىي جازاغا كۈنسېرى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاچقۇچلىق تاشقىي سىياسەت قورالى سۈپىتىدە مەركەشلەشمەكتە.»
ئېرىك لوربېرنىڭ ئېيتىشىچە، تىزىملىك ئاساسىدىكى نىشانلىق ئىقتىسادىي جازا نىشاندىكى تەھدىت خاراكتېرلىك كونكىرېت ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە كاشىلا قىلىشتا ئۈنۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قىيىنلاشتۇرسىمۇ، لېكىن بۇ خىل جازا ئىقتىسادنى سىياسىي مەقسەتتىن مۇھىم، دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەيدىكەن.
ئامېرىكادىكى «ئەيكىن گامپ سترائۇس خائۇر ۋە فېلد» خەلقئارا قانۇن مۇلازىمەت ئورونىنىڭ شېرىكى، «ئاتلانتىك كېڭەشى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى كلېت ۋېللىمس يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇداپىيەدە تۇرماسلىقى ۋە ئەتراپلىق بولۇشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دىگەن: «بىز مەسىلە بار سەرمايە ۋە تېخنولوگىيە ئېقىشىغا زەبە بېرىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رىقابەت ئىقتىدارى بولغان باج تۈزۈمى ۋە نازارەت سىياسىتىنى ئالدىن ئالا ئويلىشىشىمىز كېرەك»، «شۇنداقلا بىز ئەركىن بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك قىممەت قارىشى، تىرەن ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىق تورىمىزنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قاتارلىق نىسبىي ئەۋزەللىكلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.»
7-فېۋرال كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىمۇ گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان رىقابىتىگە يېتەرلىك سېلىنما ئايرىلغان-ئايرىلمىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان.
يىغىندا ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەھلىھەتچىسى، باش ئەلچى روبېرت ئوبرايىن، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى، ئادمېرال خارىي خاررىس قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيەسىگە بولغان تەھدىتى» ناملىق بۇ يىغىندا، «خىتايغا تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ خىتاينى تەيۋەن بوغۇزىدا توسۇپ قېلىش، نىمىشقا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم، ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك» دېگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.