گۆرلاخ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىپلا قالماستىن، قوشنىلىرىغىمۇ تەھدىت سالماقتا»

0:00 / 0:00

8-ئىيۇن «باۋارىيە رادىيوسى» بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراكىدا «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قانچىلىك كۆلەمدە بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا نەق مەيدان سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ 2035-يىلىدىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قۇۋۋەتكە ئىگە دۆلەتكە ئايلىنىشقا بەل باغلىغانلىق مەسىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ باشقا ئەللەرگە ئېلىپ بارىدىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمىنى مۇنازىرە قىلدى. بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 6-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەلىك سىياسىي ئانالىزچى پروفېسسور ئالېكساندېر گۆرلاخ دەل مۇشۇ مەزمۇندا بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە تېنىچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پروفېسسور ئالېكساندېر گۆرلاخنىڭ «پۇتىن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى، شى جىنپىڭ خەلقنى ئۆلتۈرمەكتە: دېكتاتورلار گېرمانىيەنى بىر قارارغا كېلىشكە مەجبۇرلىماقتا» ناملىق بۇ ئوبزورى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «ئىقتىسادنىڭ يۈكسەك چوققىسىدا ئۇچۇۋاتقان كىشى دۇنياۋى پەسكەشلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتىمۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ خىتاينى بىر دېكتاتور دۆلەتكە ئايلاندۇردى. بۇ خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى زوراۋانلىق يۆنىلىشىدە غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتا كۈنسېرى كۈچلۈك تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماي، ئۇرۇش ماھىرى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بارماقتا.»

ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما خىتاينىڭ دۇنيا سودا چەمبىرىكىدىن ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەت شاتلىقلىرى بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈزلەنمەكتە. دېكتاتور دۆلەت بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يۈكسەلگەن ئىقتىسادىي كىرىمى ۋە خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي قىزىقىشلىرىدىن پەيدا بولغان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە قوشنا ئەللەرنىڭ چېگرالىرىدا تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىماقتا.»

ئوبزوردا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «2000-يىللىرى ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن بىرتالاي ئەسكەرلەر ئۆلدى. شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي-شىمالىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىۋېلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي كادىرلىرىنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىگە يەرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى نازارەت ئاستىدا تۇتماقتا. زوراۋانلىقلار بۇ ئائىلىلەردە كۈندىلىك نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن ھەمدە بۇ مىللەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ، كۆپىيىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ياردىمىدە پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلىغان ۋە ئاۋازلىرىنى ئارخىپلارغا كىرگۈزىۋالغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ باھالىدى.»

پروفېسسور ئالېكساندېر گۆرلاخ «پۇتىن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى، شى جىنپىڭ خەلقنى ئۆلتۈرمەكتە: دېكتاتورلار گېرمانىيەنى بىر قارارغا كېلىشكە مەجبۇرلىماقتا» ناملىق بۇ ئوبزورىدا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەللىللىرى بىلەن تولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بولمىسا خىتايدىكى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاندىن دېكتاتور خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەرنى، موڭغۇللارنى، خوڭكوڭلۇقلارنىمۇ باستۇرىۋاتقانلىقىنى، تەيۋەنگە ئۈزلۈكسىز ھەربىي تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «پۈتۈن بۇلار خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇنىڭ جاۋابكارلىقى بىرلا ئادەمدە، ئۇ بولسىمۇ شى جىنپىڭ،» دەپ بايان قىلىدۇ.

دەرۋەقە، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىدە خېلى كەسكىن بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ گېرمانىيەدە ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىر قوزغىغان. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

گۆرلاخ مەزكۇر ئوبزورىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۆزگىچە ياۋۇز تەبىئەتكە ئىگە بىر ئىنسان بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن ئىسلاھاتچى دىڭ شاۋپىڭنى ئەمەس، دېكتاتور ماۋزېدوڭنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغانلىقىنى، ماۋ زېدوڭ بولسا زامانىدا مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئاچارچىلىقتىن، لاگېرلاردىكى زۇلۇملاردىن ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بىر جاللات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پروفېسسور ئالىكساندېر گۆرلاخ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا بوي سۇنماسلىقى، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان تېخنىكا جاسۇسلۇقى، پاتېنت ھوقۇقىغا رىئايە قىلماسلىقى، دېكتاتورلۇق تۈزۈمىنى بارغانسېرى كۈچەيتىشى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىرتىدىكى شەخس» كە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئالىكساندېر گۆرلاخنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالدىمىزدىكى بىرقانچە يىلدا ئەركىن دۇنيادا شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتور ئىمپىرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاق قۇرۇلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىن چېكىنىپ چىققان غەرب قىممەت قارىشىغا ئىگە دۆلەتلەرگە تەۋە بولغان كىشىلەرنىڭ 90 پىرسەنتى، خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشتىكى تۈپ سەۋەبنى خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىگە باغلىغان. خىتايدىكى شىركەتلىرىنى ۋېيتنام ۋە كومبودژالارغا يۆتكىگەن شىركەتلەرمۇ يوقۇرىقىدەك قاراشنى تەكىتلەپ، خىتايدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئوبزورنىڭ خاتىمىسىدە گېرمانىيەنىڭ خىتايغا تۇتۇدىغان پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ، گېرمانىيەنىڭمۇ باشقا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىگە ئوخشاش ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇدىغانلىقى، خىتايغا قارشى خەلقئارالىق بىر ئىتتىپاقنىڭ ھازىرلىق ئىشلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە ئالىقاچان باشلانغانلىقى، خۇددى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن پۈتۈن غەرب دۆلەتلىرى تىز سۈرئەتتە بىر ئارىغا كەلگەنگە ئوخشاش، خىتايغا قارشىمۇ بىر ئارىغا كىلەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.