يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «خىتاي نېمە قىلماقچى؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «خەتەرلىك رايون-خىتاي بىلەن بولىدىغان توقۇنۇشلار» ناملىق كىتابنى يازغان ھال براندىس (Hal Brands) مايكول بېكلى (Michael Beckley) قاتارلىق ئاپتورلار مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ ماقالىنى تەييارلىغان. بۇ ئىككى ئاپتور ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن تەجرىبىلىك مۇتەخسسىسىلەر بولۇپ، بۇ ماقالىسىدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۆت ئىستراتېگىيەسىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلغان، بۇ تۆت ئىستراتېگىيە ئومۇمەن خىتاينىڭ تۆت غەرىزىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:
بىرىنچىدىن، خىتاي كومپارتىيەسىدە ھەر قانداق مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ئوخشاشلا ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك قارا نىيەت بار. 1949-يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلىرى بىلەن ئېلىشىپ كەلدى، ئامېرىكانى باشتىن-ئاياغ دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ كەلدى. ئامېرىكا گەرچە نېكسون دەۋرىدىن كېيىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، خىتايغا كۆپ ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ تارىخىي ئۆچمەنلىكى ھېچ ۋاقىت يوقالمىدى.
ئىككىنچىدىن، خىتاي كومپارتىيەسى ئىلگىرىكى ئىچكىي ئۇرۇش ۋە سىرتقى تاجاۋۇز بىلەن قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ خىتاي خەرىتىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا كىرىۋاتقان خوڭكوڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىشنى ئويلاۋاتقان تەيۋەن بار.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈچىنچى غەرىزى، رايون خاراكتېرلىك كۈچ بەلبېغى شەكىللەندۈرۈش. بۇ گىئو-سىياسىي رايوندا خىتاي مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەمما سىرتقىي كۈچلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن خىتاي بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرىقى غەرىزى، يەنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسى دۇنياۋى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ۋە ئاخىرىدا دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە پارتىيە ئورۇنلىرىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي بۈگۈن ھەرگىز ئامېرىكا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپكە كۆنمەيدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خېلى بۇرۇنلا «تەقدىرداش ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇش پىلانىنى تىلغا ئالغا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بەلكىم «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتىدارچىلىق قىلىشىدىكى بىر ئائىلە» گە ئايلىنىشى مۇمكىن دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىلگىرى ناتسىستلار گېرمانىيەسى، ياپونىيە فاشىزىمى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم تەھلىكىسى قاتارلىق رەزىل سىياسىي كۈچلەرنى غۇلاتقان قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ، خىتاي بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكاغا شىلتىڭ ئېتىشتىن ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر قۇدرەت تېپىۋاتقان چوڭ دۆلەت، ھالبۇكى ئامېرىكا تارىختا قايتا-قايتا گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت. خىتاي ئۆزىنى ئامېرىكانىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتا. ئامېرىكا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، خىتاي بولسا، ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزىۋېتىپ يامان قىلدى، دەپ قارىدى. ھىندىستاننىڭ خىتاي بازىرىنى ئىگىلەشكە زورلىنىشى، ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا قاراتقان سىياسىتى خىتاينى ‹ئامېرىكا بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ› دېگەن يەرگە ئاپاردى».
خىتاينىڭ بۇ تۆت تۆت ئىستراتېگىيەسى بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قارىشىچە، پەقەت پارتىيە رەھبەرلىكى بولغاندىلا خىتاينىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى گۈللىنىش ئارزۇسى، يەنى ئاتالمىش «خىتاي چۈشى» ئەمەلگە ئاشىدىكەن. خىتاينىڭ رايون ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك قۇدرەت تېپىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاندېرس كور رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي چۈشىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ يەردە بىرلا خىتاي چۈشى ئەمەس، بەلكى 1 مىليارد 400 مىليون خىتاينىڭ چۈشى بار. يەنى بۇ خىتايلارنىڭ تۇرمۇش ئارزۇسى ھەر خىل ھەر ياڭزا. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمگە تېڭىۋاتقان گەپ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ».
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىدېئولوگىيەسى بولغان كوممۇنىزم ھازىر تاشلىۋېتىلگەن ئەھۋالدا، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى ساقلىيالايدىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي رەھبەرلىرى مىللەتچىلىك ئارقىلىق ئابرۇي تىكلەيدىكەن؛ مىللەتچىلىك خىتاينى مەيلى دۆلەت ئىچىدە ياكى خەلقئارادا بولسۇن، ھەرخىل تەنقىد ۋە بېسىملارغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئۆكتەملىك قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي مىللەتچىلىكىدىن پايدىلانسا ھاكىمىيەت بېشىدا مەھكەم تۇرالايدىغانلىقىنى پەملەپ، «خىتاي چۈشى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي چۈشى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا بولغان. خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى رايموند بۇ مەسىلىگە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئامىللار نۇقتىسىدىن قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «2012 ۋە 2013-يىللىرى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىجابىي ئوبرازى مۇقىم ئىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتتىمۇ خىتاينىڭ قەرز قىلتىقى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى سۈپەت مەسىلىسى ئەندىشە پەيدا قىلغان. زېمىن-تېرىتورىيە مەسىلىسىدە، كورىيە بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلانغان. جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاي قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلدى. بۇ ئامىللار خىتاينىڭ تازا گۈللىنىۋاتقان سودىسىغا تەسىر قىلدى. خەلقئارا ئىشلاردا بولسا، خىتاي نۇرغۇن توسقۇنلۇقلاردا دۇچ كەلدى، بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ داۋاملىق گۈللىنىش چۈشى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ ھازىر خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى داۋالىنىش بىلەن مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىدى. شۇڭا، خىتاي تېشىدىن ساق تۇرغاندەك قىلغان بىلەن ئىچىدىن دەز كەتكەن بىر مەملىكەت».
تەتقىقاتچى رايموند خىتاينىڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئارزۇيى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم، ئەمما خىتاي بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى دەپ قارىمايمەن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بەكرەك، شۇ رايوننى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەتنى قىلىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە خوڭكوڭغىمۇ زەربە بەردى، مەقسەت ئۇ يەرنى ئىقتىسادتا تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى مۇقىمسىز دەپ قارىغان جايلارنى سىياسىي جەھەتتە قاتتىق كونترول قىلىش؛ بۇ ئىشتىمۇ ئۇلار شۇنداق قىلغان».
ئاندېرس كور ئەپەندى «ئەجىبا خىتاي مۇستەبىت ۋە جاھانگىر دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قۇربان قىلىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت مىللىي پەرقنى يوقىتىش، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ دېگەنگە ئىشىنىدىغانلار بار. مەنچە، بۇ ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چاپىدىغان، ھەيران قالارلىق بىر ئىستراتېگىيە. چۈنكى چوڭ بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلار ھامان پەرقلىق بولىدۇ. ئەگەر سەن بىر مىللەتنى يوقاتساڭ، تىبەت، موڭغۇللاردەك يەنە بىر مىللەت ياكى فالۇنگوڭچىلاردەك دىنىي گۇرۇپپا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ئۆز تۇرمۇشىدا ياشاشقا، ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ ئىستىقبالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۆز بېلىتىنى تاشلاشقا يول قويمىساڭ، ئەگەر ئۇلارغا 1948-يىل ‹ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسى› غا كىرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى بەرمىسەڭ، دۆلىتىڭدە ئىختىلاپ كۈچىيىدۇ، سىياسىي ئىختىلاپ كۈچەيسە ھۆكۈمىتىڭمۇ ۋەيران بولىدۇ».
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۇنيا بويچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغاندا دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قارشى ئالىدىغان بىر دۇنيانى بەرپا قىلغان؛ سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي ياۋروپانى كونترول قىلغاندا كوممۇنىستىك دىكتاتۇر تۈزۈمنى بازارغا سالغان. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارا رىقابەتتە، ئىدېئولوگىيە پەرقى مۇقەررەر ھالدا گىئو-سىياسىي پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېموكراتىك دۆلەت بىلەن مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان مۇئامىلىسىمۇ ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. خىتاي ئۆزىنى دۇنياغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ۋە دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان، ئەمما پۈتمەس-تۈگىمەس زىددىيەت قاينىمىغا پاتقان، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال بىر دۆلەتتۇر. بۇنداق دۆلەتنىڭ شىرىن چۈشى بەلكىم قاباھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.