خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتلىرى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 1-ئاپرېل ئېلان قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ ۋە بېسىم ئىشلىتىپ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى باياناتى ئىككى كۈندىن بۇيان «گېرمانىيە ئاۋازى»، «فىرانسىيە ئاۋازى» قاتارلىق كۆپلىگەن غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى 14-مارت كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت دا «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يىغىن تەشكىللەپ مەخسۇس جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن، بۇ يىغىندا قازاق زىيالىيسى ئۆمەر بېكئالى لاگېر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 13-مارت ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ب د ت دىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يۇ جيەنخۇانىڭ نامىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت دا ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يىغىنغا قاتناشماسلىقنى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەلبىي ئاقىۋىتىنى ئويلاشنى ئەسكەرتىپ تەھدىت ۋە بېسىم قىلغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى خىتاينى كۆپ بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقا ئاجىز دۆلەتلەرگە، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا بېسىم ئىشلىتىش يولىنى تەڭ قوللىنىشقا باشلىغان.

«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېسىمى 15-مارت ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەن. يىغىندا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق سۆز بولمىغان. خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرىغا سالغان بېسىمى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ دوكلاتىدىن كېيىن يىغىن خاتىمىسىدە سۆز تەلەپ قىلغان كۆپلىگەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە سۆز بېرىلمىگەن. پەقەتلا نورۋېگىيە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلىيەلىگەن. ئەكسىچە، پاكىستان، فىلىپپىن، مالى قاتارلىق خىتاينى ياقلايدىغان 12 دۆلەت بۇ يىغىندا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

خىتاي بۇ يىغىندا يەنە ئۆزلىرى ياخشى ئۆتىدىغان 6 دانە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى مەدھىيىلەتكۈزگەن. بۇ يىغىن گويا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت ئەمەس، جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس دېگەندەك بىر شەكىلدە ئۆتكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ كۈنى بىردەك ھالدا جۇڭگونىڭ 3-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش دوكلاتىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق، ئىنتايىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى» دېگەن.

لې يۈچېڭ بۇ يىغىن ھەققىدە خىتاي ئاخبارات قاناللىرىغا قىلغان سۆزىدە: «بىرىنچىدىن، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىندى. ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىندى. ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسى كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىندى» دەپ ماختانغان. ھالبۇكى، بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق يىغىندا خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك پاسسىپ ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى.

خىتاي، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىپ نەتىجە قازىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام ئەرەب ئەللىرى بولۇپ، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىق ئەرەب ئەللىرىنى خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىغا كىرگۈزۈۋاتقان ئاساسىي ئامىللار ئىكەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت غا بېسىم ئىشلىتىپ د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ماتېرىياللىرىغا ئېتىبار بەرمەسلىكىنى، چەتكە قېقىشنىمۇ تەلەپ قىلغان.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايى سىياسىتىنى ھەرقانداق بىر ۋاسىتىلەر بىلەن يوشۇرۇپ ياكى ئاقلاپ بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بولسا بۈگۈن خىتاي ئالدىدا ئاجىز قالغان مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئەگەر ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇدەك بىر مادار نېسىپ بولسا، خىتايغا قارشى مەيدانغا ئۆتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.