كۇرت كامپبېل: «خىتاي تەھدىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن ئېشىپ كەتتى! »

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر كۇرت كامپبېل (Kurt Campbell) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىنقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ «بىزگە خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا، ئۇ خىتاينىڭ ھەربىي، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى تەھدىت ۋە خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل ئىستراتېگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ھېسابلىنىدىغان كۇرت كامپبېلنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ 18-سېنتەبىر كۈنىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئېيتقان سۆزىگە قارىغاندا، ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يىغىندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئامېرىكىغا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ خىرىس ۋە تەھدىت بولۇۋاتىدۇ. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن خىرىس ۋە تەھدىتتىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خىرىس ۋە تەھدىت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنماقتا. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك (ئەسكىرىي، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردە) خىرىسلارغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاي تەھدىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى».

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېلنىڭ ‹ھازىر ئامېرىكاغا خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىنمۇ ئېشىپ كەتتى› دېگەن پىكرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىرىس ۋە تەھدىتلەرنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا كۆپ قۇدرەتلىك بولغانلىقىدا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا ئاساسلىق تەھدىت ۋە خىرىسلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئىدى. بۇ تەھدىت ئېغىر بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادا ئىتتىپاقداشلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ قوراللىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بار ئىدى. لېكىن سەۋىيە جەھەتتە ئامېرىكىغا يەتمەيتتى. ئارىسىدا خېلى پەرق بار ئىدى. ھازىر ئامېرىكا خىتايدىن كېلىۋاتقان جىددىي خىرىس ۋە تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى مۇناسىۋەتنى بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار ‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى› دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تەسۋىرلەۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېلنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ ‹ھازىر خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىس تەھدىتلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى› دېگەنلىكى توغرا».

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) نىڭ قارىشىچە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېلنىڭ خىتاي تەھدىتى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە خىتاي تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەدبىرلەرگە قوشۇلۇشقا بولىدۇ. لېكىن بايدىن ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا بىرەر نەتىجە بارلىققا كەلگىنى يوق. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشاش شەكىلدە تەھدىت سالغان. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنى تېخىمۇ ئېغىر ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇنداق، بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە خەتەردىنمۇ چوڭ خەتەرگە دۇچ كەلدۇق. كۇرت كامپبېلنىڭ سۆزى توغرا. مەن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ قارايمەن، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بېسىم قىلىشىدۇر. بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بىزنىڭ سىياسىتىمىز بىز ئېنىقلىما بەرگىنىمىزدەك ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن» .

مەلۇم بولۇشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا ئىلغار ئۆزەك ئېكسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قاتارلىق كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خىتاينى ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش بويىچە رۇسىيەگە تېخنىكا ئېكسپورتى قىلماسلىققا كۆپ قېتىم چاقىرىپ قىلغان.

10-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، NATO غا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «NATO رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان ھەمدە خىتاينىڭ NATO نىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى جاكارلانغان. بۇ NATO نىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى NATO دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ خىتاينى رۇسىيە ئارمىيەسىگە زۆرۈر بولغان «قورال زاپچاسلىرى» ۋە باشقا تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كېلەر يىلى قايسى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» غا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زۆرۈر بولغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ مەسىلىدە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدە ئۆزلىرى قارار چىقىرىشىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن خەلقنىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇڭا بىز خىتاي بىلەن بولىدىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مەن ئىلگىرى بۇ توغرىلىق سىز بىلەن پاراڭلاشقان. ئەگەر خىتاي ئۆز قارارىنى ئۆزگەرتىپ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىلىق ۋە نېگىزلىك مەسىلىلەرنى بۇزۇشقا ئۇرۇنسا، بىز بەزى زۆرۈر قەدەملەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز».

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېل خىتاينىڭ ھەربىي، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ بۇ تەھدىت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداشلارغا ھەمدە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىزچىل يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇرۇنقى «دوستانە» سەۋىيەگە قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.