ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى يېقىندا خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئورگانلاردىكى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەيدىغان سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. بۇ لايىھە ئاۋام پالاتادا 0 گە قارشى 415 ئاۋازغا ئېرىشكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ۋە ھەرقايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەيدىغان سالاھىيىتىنى «يۇقىرى كىرىملىك دۆلەت» ياكى «تەرەققىي تاپقان دۆلەت» كە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكلەيدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە «خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت سالاھىيىتى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىگە ۋە ياردەملىرىگە ئېرىشەلمەسلىكى ئۈچۈن» ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەككەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنە بىر مىسالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋام پالاتادىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تولۇق قوللىشىغا ئېرىشىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىكەن.
ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى رايموند كو (Raymond Ko) نىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، بۇ قانۇننىڭ گەرچە خەلقئارالىق ئورگانلار ئۈستىدە بەك چوڭ تەسىرى بولمىسىمۇ ئەمما خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم سىگنال ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلگىنىمىزدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇنداق بىرلىكنى كۆرۈش ئىنتايىن قېيىن. شۇڭا ئۇلارنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرۈش تولىمۇ ياخشى ئەھۋال. بۇ قانۇننىڭ خەلقئارالىق سىياسەتلەرگە قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇشى مۇقەررەر» .
H. R.1107 نومۇرلۇق بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم (Young Kim) تونۇشتۇرغان. ياڭ كىم خانىم ئۇ ئاۋام پالاتادا قانۇننى تونۇشتۇرغاندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ھەقسىز رىقابەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۆلىمى ئامېرىكادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ قارالغان ئىكەن، ئۇ ھالدا خىتايمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. خىتاي ئۆزىنى ‹تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت› دەپ ئاتاش ئارقىلىق سىستېمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ ۋە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە زىيان سېلىۋاتىدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقىغا قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە «ئامېرىكا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى، ھەددىدىن ئارتۇق مەسئۇلىيەت ئارتماقچى» دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىمۇ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا «تەرەققىي قىلغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان دۆلەتتىن نەچچە يۈز يىلدىن بېرى تەرەققىي قىلىپ كەلگەن سانائەت دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ئادالەتسىزلىكتۇر» دېگەن.
فوربىس ژۇرنىلىنىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە يازغۇچىسى مىلتون ئىزراتى (Milton Ezrati) نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدىن قارىغاندا، خىتاي نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، ھەتتا 1999-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن مەزگىلدىمۇ ئۇنىڭ ئومۇمىي مىللىي كىرىمى 374 مىليارد دوللارغا باراۋەر بولۇپ، ئۇ يەرشارى ئومۇمىي مىللىي كىرىمىنىڭ %1.7 گىمۇ يەتمەيدىكەن. دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى بولسا يەرشارى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %1.0 گە تەڭ بولغاچقا ئۇ چاغلاردا خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ قاراشنىڭ ئاساسى بار ئىكەن. بىراق خىتاي ھازىر دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇلتۇر ئىشلەپچىقارغان تاۋار ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 20 تىرىليون 300 مىليارد دوللار بولغان. ئېكسپورت ۋە ئىمپورتى دۇنيا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12 نى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى بولسا 165 دۆلەتتە تەخمىنەن 13 مىڭ 427 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى 850 مىليارد دوللارغا يەتكەن. خىتاي يەنە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە بانكىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئاساسلىق قۇرغۇچى ئەزاسى.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتاي نېمىشقا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ؟
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ سالاھىيەتتىن ھەم ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي جەھەتتىن پايدىلانماقتىكەن. ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ب د ت، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تۆۋەن باج، تۆۋەن چىقىم، مەبلەغ سېلىش ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىدىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئۆزىنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەيدىغان سالاھىيىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ «ئاكىسى» بولۇۋېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى سىياسەتلىرىدە قوللانماقتىكەن.
دەرۋەقە فوربىس ژۇرنىلىدىكى ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارغا تۆلەيدىغان كۆپ چىقىمدىن قۇتۇلىدىكەن. مەسىلەن، ئۇنىڭ 2023-يىلىدىكى ب د ت دىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەقنىڭ ئۆزىلا 48 مىليون دوللار ئىكەن. خىتاي يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دېگەن نامى بىلەن «رىئو مۇھىت ۋە تەرەققىيات خىتابنامىسى» ، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق كىلىمات شەرتنامىلىرىدىن تولۇقلىما تەلەپ قىلالايدىكەن. بۇ سالاھىيەت يۇقىرىدىكى كېلىشىملەر بويىچە تۆلەيدىغان ھەقنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، خىتاينىڭ بۇ كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش دەرىجىسىنىمۇ بوشىتىپ، مۆلچەردىكى ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۇزارتىدىكەن. بۇ سالاھىيەت يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تېخنىكىسىنى كۆچۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ بېيجىڭنىڭ خەلقئارا سىياسەتلەردە كەڭچىلىككە ئېرىشىشىگە يول قويىدىكەن. مەسىلەن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجىنى % 14 كە يەتكۈزۈشىگە يول قويىدىغان بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پەقەت% 7 لىك تاموژنا بېجى ئېلىشىغا يول قويىدىكەن. ئۇ يەنە بېيجىڭنىڭ ئۆز ساھەلىرىگە تولۇقلىما بېرىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قەرزى، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، بەزىدە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ نۆل بۆلۈشىگە ئوخشاش تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى بېرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سالاھىيەت يەنە خىتاينى خەلقئارا كېلىشىملەرنى دەپسەندە قىلغاندا ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىنىشى ۋە ياكى دىپلوماتىك ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلۇشىغىمۇ ياردەم بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى قانۇن لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەندە بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى سۇسان ۋىلد (Susan Wild) « ‹خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس› ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە شەرتنامىلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەيدىغان ھەمدە ئۇنى بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر تەدبىر» دەپ باھالىغان.
بىراق، تەتقىقاتچى رايموند كونىڭ بىزگە دېيىشىچە، خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ئامېرىكانىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە ھازىرچە باھا بەرگىلى بولمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي بىلگىنىمىزدەك، دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى شۇنداقلا زور ھەربىي كۈچكە ئىگە دۆلەت. بىراق ئۇنىڭ يەنە نامراتلىق سىزىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىليونلارچە نوپۇسىنىڭ بارلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ سالاھىيىتى ب د ت، دۇنيا بانكىسى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ قايسى شەرتلىرى بويىچە قانداق باھالىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. خىتاي بەلكىم بىر مۇنچە دۆلەتلەرنى ئارقىسىغا سېلىپ، ئۇلارغا ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دېگۈزۈشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق بىر شارائىتتا ئامېرىكانىڭ قارارىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلگىلى بولمايدۇ»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكانىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي تاپقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولسىمۇ پايدىلىق بولىدىكەن.
«فوربىس» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئەگەر دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ سالاھىيىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقسا خىتاي ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويىدىكەن. ئەمما دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا شۇ دۆلەت ئۆزى ئۆز سالاھىيىتىگە قارار بېرىدىكەن شۇڭا خىتاينىڭ قايسى كاتېگورىيەگە كىرىشى ئۇنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئۇسلۇبىغا بەك چوڭ ئۆزگىرىش ئەپ كېلەلمەيدىكەن. بىراق ماقالىدا دېيىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىدا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى مەيدانىنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ئەڭ مۇھىم بولغىنىمۇ مانا مۇشۇ پوزىتسىيە بىرلىكى ئىكەن.