يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مالىك نەبى ئېسىملىك بىر ئۇيغۇر ۋىيبو چولپىنىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك يۇتۇبېر راز گال-ئور (Raz Gal-Or) بىلەن چۈشكەن سۈرىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. راز گال-ئور، يەنى خىتايدا گاۋ يوۋسى (高佑思) دېگەن خىتايچە ئىسىم بىلەن داڭلىق بولغان بۇ يۇتۇبېر ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىق جىنايىتىنى ئاقلاپ ئىشلىگەن بىر يۈرۈش ۋىدىيولىرى بىلەن دىققەت تارتقانىدى.
مالىك نەبى، گاۋ يوۋسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئىنستېگرام قاتارلىق بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگىلىيە ۋە باشقا جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مالىك نەبىنىڭ بۇ رەسىمىنىڭ ئاستىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى يازغان. ئىنكاسلاردا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ جىنايىتىنى ئاشۇ گاۋ يوۋسىدەك «چەت ئەللىك تەشۋىقاتچىلار» ئارقىلىق يۇيۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆز يۇرتىدىكى يۇرتداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ باققان- باقمىغانلىقنى سورىغاندا، مالىك نەبى بۇ تۈردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنىنىڭ ھەدىسى رەناگۈل غېنى 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، 2020-يىلى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنىدى. ئۇ مالىك نەبىنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئائىلىسىگە يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس يازغان. قەلبىنۇرنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مالىك نەبى ئۇنىڭغا ئايرىم ئۇچۇر يېزىپ، سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان.

نيۇ-يوركتا ياشايدىغان ئۇيغۇر ياش ستېۋېنمۇ مالىك نەبىنىڭ ئىنستېگرامدىكى رەسىمىنىڭ ئاستىغا مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدە، ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن روھىنى پۇلغا ساتقان، شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر قارا نىيەت بىلەن ئاپاق-چاپاق بولساڭ قانداق بولىدۇ؟ ئاشۇ جازا لاگېرىدىكى يۇرتداشلىرىڭغا ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭغا يۈز كىلەلەمسەن؟...»
مەلۇم بولۇشىچە، راز گال-ئور، يەنى گاۋ يوۋسى «خىتاي-ئىسرائىلىيە سودا ئۇيۇشمىسى»نىڭ پەخرىي رەئىسى، ئىسرائىلىيەلىك سودىگەر ئامىر گال-ئور (Amir Gal-Or) نىڭ ئوغلى ئىكەن. ئامىر گال-ئور (خىتايچە ئىسىمى高哲铭) «ئىنفىنىتى گۇرۇھى» (Infinity) نىڭ قۇرغۇچىسى. ئىنفىنىتى گورۇھىنىڭ قۇرۇلۇشىنى بولسا خىتاي تەرەققىيات بانكىسى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن. 2017-يىلى گال-ئور 20 يىلدىن بۇيان خىتاي-ئىسرائىلىيە سودا مۇناسىۋىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دوستلۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىكەن. بۇ مۇكاپات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن بەرگەن ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى ئىكەن. 2020-يىلى 1-ئايدا گال-ئور خىتايدىكى «خىتاي-ئىسرائىلىيە سودا ئۇيۇشمىسى»نىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
گاۋ يوۋسى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتىلىرىغا جازا تەدبىرلىرى قوللانغاندىن كېيىن، «چەت ئەللىك ساياھەتچى» نامىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى كېۋەزلىكلەر ۋە زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان چەت ئەللىك تەشۋىقاتچلارنىڭ بىرى ئىدى. گاۋ جىمىڭ ۋە گاۋ يوۋسى دادا-بالىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بۇ خىل يېقىن ھەمكارلىقى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
بىز گاۋ يوۋسى توغرىلىق چىققان بۇ ئۇچۇرلار ھەققىدە ئۇنىڭ ئۆز ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشىقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ يازغان ئېلخەتلىرىمىزگە جاۋاپ قايتۇرمىدى. ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا گاۋ يوۋسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىرىپ ئاتالمىش «كېۋەزلىكلەر ۋە زاۋۇتلاردا ئۆزلىرى خالاپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار»نى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىق جىنايىتىنى ئاقلاپ ئىشلىگەن بىر يۈرۈش ۋىدىيولىرى تارقالغانىدى. بىز ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ ئېلخەت يازغان ئىدۇق، ئەمما ئۇ شۇ ۋاقىتتىمۇ جاۋاپ قايتۇرمىغانىدى.
ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ستېۋېن بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدى. ئۇ مالىك نەبىنىڭ ئاتايىن ئىسرائىلىيەگە بېرىپ گاۋ يوۋسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ ياخشى ئالامەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مالىك نەبىگە ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدىلا دىققەت قىلغانىكەن. ئۇ چاغلارغا مالىك نەبى ئامېرىكادا بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكانى چۈشۈرۈپ خىتاينى ماختاپ ئىشلىگەن ۋىدىيولىرى ۋىيبودا ناھايىتى داڭق قازانغان ئىكەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئىشلىگەن.
مالىك نەبى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە پاراللېل سىنىپتا ئوقۇغان بىر مەكتەپدىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مالىك نەبى ئۇيغۇر رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە «قوش تىللىق سىنىپ»تا ئوقۇغانىكەن. مالىك نەبىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇ 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ئامېرىكادىكى رۇتگېرىس ئۇنۋىرسىتېتى (Rutgers University) دا پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇغان ئىكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خىتاينى ماختاپ ئىشلەپ ۋىيبودا تارقاتقان ۋىدىيولىرى خىتايدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ھەتتا خىتاي جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن «ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى» بولۇپ باھالانغان. مالىك نەبى «ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى» ئوبرازى بىلەن خىتايدا داڭلىق تور چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ۋىيبودىكى ئەگەشكۈچىسى 2 مىليون 800 مىڭدىن كۆپ ئىكەن.
ئۇ ئالدىنقى ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنى خىتايدىكى يۇقۇم كونترول ئەھۋالى تازا يۇقىرى پەللىگە چىققان كۈنلەردە بېيجىڭدىن لوندونغا يېتىپ بارغان. ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى بىر تۈركۈم خىتاي تورداشلىرى تەرىپىدىن «ۋەتەننى تاشلاپ قاچقان خائىن» دەپ قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچرىغان. 10- ئاينىڭ 7-كۈنى، مالىك نەبى ۋېيبوغا ئۇزۇن يازما يوللاپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ توپلىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكادا شىركەت قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بۇ يازمىسدا يەنەTikTok ۋە YouTube نى تاۋارلاشتۇرۇش ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە «مەن ئىزچىل خىتاي پۇقراسىمەن، كەلگۈسىدىمۇ پەقەتلا خىتاي پۇقراسى بولىمەن» دەپ يازغان. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يازغان بۇ باياناتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان سادىقلىقىنى تەكىتلەشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
قەلبىنۇر غېنى زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيدىن تالاغا چىقىشى تەس بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، مالىك نەبىنىڭ نەچچە دۆلەت ئاتلاپ پائالىيەتتە بولۇشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان، دەپ قارايدىغانلقىنى بىلدۈردى.
ستىۋېنمۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مالىك نەبىنىڭ ئۆزىنى ھېچقاچان «ئۇيغۇر» دەپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىدە ئون نەچچە يىل ياشىدىم. خىتاي بولۇپ كەتسەم، مەن بولۇپ كەتسەم بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى كۆرمەسكە سېلىشقا مېنىڭ ۋىجدانىم ئۇنىمايدۇ. مالىك نەبىگە ئوخشاشلار ‹ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ جەسىتى ئۈستىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ›».
قەلبىنۇر غېنى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، مالىك نەبى ئەگەر راستىنلار ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان تەشۋىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولسا، ئامېرىكادا ماقۇللانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.
مالىك نەبى خىتايدىكى ئىجتىمائى ئالاقە تور سۇپىسى ۋېيبودا خىتايچە ماكى (马克) دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1994-يىلى غۇلجادا تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن. كېيىن ئۇ ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كېلىپ، 2018-يىلى رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن.
ئۇ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى فېيسبۇكتىكى شەخسىي ھېسابات بېتىدە، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا بېيجىڭغا قايتىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى ۋە ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازغان.
مالىك نەبى 2018-يىلى رۇتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قېلىنغان. ئەمما ئۇ بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى داۋام قىلمىغان. ئۇنى تونۇيدىغان رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، بېيجىدىكى چىڭخۇا ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ۋە بېيجىڭغا قايتقان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتېتىدىن ماگېستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىكەن.