2022-يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش يىغىنىدا «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا 10 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ ئاۋاز بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى. 8-يانۋاردىن باشلاپ «دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى» دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتقا ئەزا 14 دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەپەر ئاتالمىش «ئۆلىما» نىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك نەپرىتىنى قوزغىدى.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 11-يانۋار بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «بۇ ھەپتە، خىتاي رېجىمى ئالبانىيە، بەھرەين، بوسنىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۇنىس ۋە كۇۋەيت قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆلىما ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى پەردازلاش ئۈچۈن ھازىرلىغان سەھنىلىرىنى زىيارەت قىلدۇردى. ئەلۋەتتە، بۇ زىيارەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قوزغىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ساختا تەشۋىقات ۋە ئۇچۇرلىرىنى سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئالدانغان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ ئېغزىدىن تارقاتتى. خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زىيارەتكە باشچىلىق قىلغان ئەبۇزەبىدە تۇرۇشلۇق ‹دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى› نىڭ رەئىسى، دوكتور ئەلى رەشىد ئەل نۇئەيمىي ‹رايوننىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن›. ئەل نۇئەيمىي يەنە تېۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ ‹شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پىلانىنىڭ تاماملانغانلىقى› نى تەبرىكلىدى».
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر چاقىرىقىنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىقنى تەكىتلىگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى پائالىيەتلەرگە بەكرەك ئېغىرلىق بېرىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ قوزغىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ھەرخىل ئويۇنلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ غەرب ئەللىرى ياكى ب د ت خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي، «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» ئەرەب تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇشى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرىنى ئەرەبلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.
ئىسلام دۇنياسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ياخشى مەلۇماتى بولغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى» ناملىق بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ھېچقانداق ئورنى ۋە تەسىرى يوق ئىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇۋاتقان بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىننى ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈلمىسىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدىكەن.