خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيوغا قارشى ھۇجۇملىرى داۋام قىلماقتا.
19-يانۋار ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇنى «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەجەللىك زەربىسى» دەپ ئاتىغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىئارام بولۇپ 20-يانۋار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پومپېيو باشلىق 28 نەپەر خادىمىغا جازا ئېلان قىلىپلا قالماي، 20-يانۋاردىن باشلاپ يەنە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتلىرىدا ۋە خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ھەرخىل تەشۋىقات قوراللىرىدا مايك پومپېيوغا قارشى ھۇجۇملارنى تىز سۈرئەتتە كۆپەيتىشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرى تىللاپ پۇخادىن چىقالمىغان بولسا كېرەك، ئەمدى ئۆزلىرىگە سادىق بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ مايك پومپېيونى تىللاشقا سالغان. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كاتىپى ھەمدۇللانىڭ مايك پومپېيوغا قارشى ماقالىسى بۇنىڭ بىر مىسالى ھېسابلىنىدۇ.
«ئالتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 25-يانۋاردىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەمدۇللا ئابلا «تەڭرىتاغ» تورىدا «شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى قارىلاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، پومپېيونىڭ قەبىھ پىلانى مەغلۇپ بولىدۇ» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالە مۇنداق جۈملە بىلەن باشلانغان: «يېقىندا مەن پومپېيونىڭ شىنجاڭنى قارىلاپ ھۇجۇم قىلغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم ۋە نارازى بولدۇم. پومپېيو تارقاتقان شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل ئىغۋالار شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر، بەلكى خەلقئارالىق ئەخلاق ۋە ئاساسىي ۋىجدانىي چۈشەنچىلەرگە قىلىنغان ئاسىيلىق ھەم خىرىستۇر. شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.»
ھەمدۇللا ئابلا ماقالىسىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتلىرىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارغا پاراللىل ھالدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پومپېيو ‹شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر خالىغانچە تۇتۇپ قامىلىۋاتىدۇ، كىشىلىك ئەركىنلىكى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ› دەپ ھۇجۇم قىلدى، بۇ پۈتۈنلەي زەھەرلىك پىتنە، ئوغرىنىڭ ئوغرىنى تۇتۇشقا چاقىرىشىدۇر. پومپېيو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇ ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ يامرىشىغا يول ئاچتى، ئامېرىكالىق قارا تەنلىك فرويىدنىڭ ئۆلۈمى كەڭ كۆلەملىك مالىمانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پومپېيو بۇنىڭغا نىسبەتەن پەرۋا قىلماي ھەمدە ھېچ ئىش قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ، ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىغا پەرۋا قىلماسلىق بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى سەكرەپ چىقىپ جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتتى. ئۇ تەختتىن چۈشىدىغان مەزگىلىدە گويا بىر غالجىر ئىتتەك ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنى قارىلاپ ئۆزىنىڭ ‹تارىختىكى ئەڭ ناچار، ئەڭ چېرىك، ئەڭ نومۇسسىز تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى› لىق سەت قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. پومپېيونىڭ قىلمىشلىرى خەلقئارالىق ئادالەت مىزانلىرى ۋە قىممەت قارىشى ئۆلچەملىرىگە، ئىنسانىي ئەخلاق ۋە ۋىجدانىي چۈشەنچىلەرگە خىلاپتۇر.»
ھەمدۇللا ئابلا ماقالىسىنىڭ داۋامىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق، پاراۋان ياشاۋاتقانلىقىنى، پومپېيونىڭ بۇنىڭغا ھەسەتلىرى قوزغىلىپ ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ «شىنجاڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى كونترول قىلىشتەك پەسكەش ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى» نى بايان قىلىدۇ. بىراق پۈتۈن ماقالىدا مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغانلىقىغا دائىر ھىچ بىر كەلىمىگە ئورۇن بەرمەيدۇ. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنى ئۇيغۇر خەلقىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، خىتاي جان-جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان مايك پومپېيونىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ سۆيۈملىك بىر كىشىسىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ مايك پومپېيونى ئۇيغۇرلارغا تىللىتىشىدىكى مەقسەد ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 20-يانۋار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» توغرىسىدا بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە، مايىك پومپېيونى ھەمدۇللا ئابلا ماقالىسىدا تىلغا ئالغان ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.