قاراقاشلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي ئاخباراتىدا پومپېيوغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان ۋە ئۆزىنى خوتەن شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى دەپ تونۇشتۇرغان ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەسلىدە قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرىتارى ئىكەنلىكى، ئۇ خىزمەت قىلغان ياۋا يېزىسىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېنىقلشى داۋامىدا ياۋا يېزىسىدا 70 پىرسەنت دىنىي زاتنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 30 ياشلار چامىسىدىكى ھەبىبۇللا مېجىت ئىسىملىك ۋەزىپىسىز دىنىي زات 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.
خىتاي ئاخباراتى دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھەر ساھە كىشىلەرنى ئامېرىكاغا قارشى گەپ قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مانا بۇ ۋىدېيودا سۆزلەۋاتقان ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ خاتىپى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى قاراقاشلىقلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتچىنى تونۇيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەسلىدە قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرىتارى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئىنكاستا بۇ بۇ كىشىنىڭ2017 -يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ ئۆز كەنتىدىكى 4 نەپەر دىنىي زاتنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم باياناتىدا، خوتەندىكى دىنىي سىياسەتنىڭ ئادىللىقى ۋە كەڭرىلىكى ھەققىدە ئالقىش ياغدۇرغان.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئەمەلىيەتتە ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم خىزمەت قىلغان ياۋا يېزىسىدا نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىنىي زاتلارنىڭ تۈرمە ۋە لاگېردا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەسلىدە كەنت سېكرىتارى ئىكەنلىكى دەلىللەنمىدى، ئەمما ئۇ خىزمەت قىلغان يېزىدا 70 پىرسەنتتىن ئارتۇق دىنىي زاتنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى دەلىللەندى. ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم يەنە خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ پارلاقلىقى سەۋەبىدىن ئۆزى خاتىپلىق قىلىۋاتقان مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭىلىنىپ، مۇستەھكەملەنگەنلىكى ۋە كۆركەملەشتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئىلگرى قەشقەر توققۇزاققا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، توققۇزاقتا2016 -يىلنىڭ ئۆزىدىلا 80 پىرسەنت مەسچىتنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقى بىر كەنت ساقچىسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.
ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم دىنىي سىياسەتنىڭ پارلاقلىقى ھەققىدە مەدھىيە ئوقۇغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى بىر كەنتتە بىرمۇ مەسچىت قالمىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولسا، قەشقەر پاختەكلى يېزىسىدا بىرمۇ دىنىي زاتنىڭ سىرتتا ئەمەسلىكى، ھەممىسىنىڭلا لاگېر ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.