خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» لەرنىڭ زۇۋانى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە سىياسىي نوپۇزنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي يۇمشاق كۈچىنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۆزىگە يېقىن بىر قىسىم ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» لەرنى ۋە پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنى يېنىغا تارتىپ، تۈركىيىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلماقتا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

يېقىندا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئائىت بىر تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمىدا خىتايدا ئوقۇۋاتقان تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر سۆزلىتىلگەن. مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاينىڭ سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى پەردازلاپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئائىت تەشۋىقات فىلىمىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2022-يىلى فېۋرال.
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئائىت تەشۋىقات فىلىمىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2022-يىلى فېۋرال. (Social Media)

تەشۋىقات فىلىمىدا «ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئويۇنىدۇر. ئۇ جاھانگىرلىكنىڭ ئويۇنى ئەمەس»، «جاھانگىرلىكنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كۈرىشى يېڭىدۇ» قاتارلىق شوئارلار تەشۋىق قىلىنغان. مەزكۇر فىلىمدا يوقىرىقى شوئارلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى «جاھانگىرلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىشلىتىش جەريانىدا غەربكە قارشى زىھنىيەت، غەربكە قارشى سۈيىقەست نەزەرىيەلىرى ۋە غەربكە قارشى سىياسىي بايانلاردىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا. تۇركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ غەربكە قارشى مۇقام توۋلاپ، تۈرلۈك شوئارلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى يۇمشاق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ماسلىشىۋاتقان بەزى تۈرك «مۇتەخەسسىس» لەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ئاۋامنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور شەرەف ئاتەشنىڭ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قانىلى (CCTV-13) دا ئېلان قىلىنغان بىر تەبرىكنامىسى ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا قاتتىق ئەيىبلەنگەن بولۇپ، شەرىف ئاتەش تەبرىكنامىدا مۇنداق دېگەن:

«بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئۈمىد. بىز بۇ ئۈمىدنى ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭىمىز. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭ بىزگە يەنە بىر باھار كەيپىياتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، ئىنسانىيەتكە ئۈمىد ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىز داۋامىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى يۇمشاق كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قانداق قانات يايدۇرىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا تەپسىلىي جاۋاپ بەردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتى تەشكىللىگەن «ھەق ئۈچۈن نومۇر ئال-2022 گۇرۇپىسى» نىڭ ئەزاسى ئىدرىس ئاياس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بېيجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە تىبەت، خوڭكوڭدا سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۈنسېرى ئىغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن بۇ يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قارشى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى.