پۇل ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىغا يانتاياق بولۇۋاتقان خىتايدىكى چەتئەللىك «ساياھەتچىلەر»

0:00 / 0:00

خەلقئارالىق رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمىغان ئۇيغۇر رايونىدا خىتايدا ياشاۋاتقان چەتئەللىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرىنىڭ ساياھەت قىلىپ يۈرگەن ۋىدىيولىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى تىۋىتتېر، يۇتىيۇبقا ئوخشاش خىتاينىڭ ئىچىدە چەكلەنگەن خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلىۋاتقان، «ساياھەت ۋىدىيولىرى» نامىدا ئىشلىنىۋاتقان بۇ ۋىدىيولاردا ئاتالمىش ساياھەتچى پاختا تېرىۋاتقان، نان يېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈش سۆزىنىڭ ئارىلىقىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى خالاپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە ۋاكالەتچى شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىگە قارىغاندا دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاينى تەشۋىق قىلىدىغان ساياھەتلەرنى ئۆزلىرى تەشكىللىگەن ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن.

يۇتىيۇب ۋىدىيو تارقاتقۇچىلىرى، يەنى يۇتىيۇبىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋىدىيولىرىدا ئەگەر مەلۇم ئورۇن ھەققىدە ساياھەت ۋىدىيوسى ئىشلىسە ئۆلكىلىك ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە باشقا خىراجەتلىرىنىمۇ كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لى باررېت ئېسىملىك يۇتىيۇبىر ئۆزىنىڭ بىر فىلىمىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ۋىدىيودا «ئۇلار بىزنىڭ ساياھىتىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ياتاق-تاماقنىڭ پۇلىنى ئاشۇلار تۆلەيدۇ» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ئاپېسلاند ئىسىملىك بىر يۇتىيۇبىر بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، ئۇ كىشى «نيۇ-يورك ۋاقىتى گېزىتى» دا «Gweilo 60» ناملىق بىر ۋىدىيو تارقاتقان. ئۇ ۋىدىيوسىدا ««مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، مەن بىر خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن سىنلارنى نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىلەرگە تارقىتىمەن» دېگەن.

«ئىككى قېرىنداش» (brothers 2) ناملىق قانالنىڭ قۇرغۇچىلىرى، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق تارىك ھەبىب ۋە ئەنەس ھەبىب ئىسىملىك مىسىرلىق قېرىنداشلار 2021-يىلى 31-دېكابىر بىر ۋىدىيو تارقاتقان. مەزكۇر ۋىدىيودا ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي شىركىتى ئۇلاردىن، خىتاينىڭ 2022يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن خىتاينىڭ كورۇنا ۋىرۇسىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئالغانلىقى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ۋىدىيو ئىشلەپ تارقاتسا مىڭ دوللار ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقنى ئېيتقان. ئۇلار بۇ تەلەپنى رەت قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدە ۋىدىيو ئىشلەپ تارقاتقان.

ئىلگىرى خىتايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزمۇن چىقىرىشقا مەسئۇل بولغان ئېرىك ليۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي، يەرشارى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا كەلگەن يېڭى دەرىجىدىن تاشقىرى سۇيىئىستېمالچى، ئۇلارنىڭ نىشانى غەلىبە قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىققۇچە قالايمىقانچىلىق ۋە گۇمان پەيدا قىلىش».

بۇ ھەقتە خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشۋىقاتى» نى قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان، خىتاي تىلىدا نۇرغۇن پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكالىق كومېدىيە ئارتىسى ۋە رەپ ناخشىچى لى لى فارلېي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.