داڭلىق بىلوگېر جوش ساممېرس: «مەن ئۇيغۇرلارنى ئائىلەمنىڭ بىر پارچىسىدەك ھېس قىلىمەن»

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش ۋە ساياھەت بىلەن تۇرۇپ قالىدىغان چەت ئەللىكلەر خىلى كۆپ ئىدى. 2015-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدا تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە بولغان تەكشۈرۈشنىمۇ كۈچەيتكەن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە يازما ياكى ۋىدېيو چىقىرىدىغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق بولغان.

تورداشلارغا تونۇشلۇق بولغان «خىتاينىڭ يىراق غەربى» (Far West China ) بىلوگى ۋە يۇتۇب قانىلىنىڭ قۇرغۇچىسى جوش ساممېرس (Josh Summers) 2006-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، ئۇ 2018-يىلىغىچە ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، قەشقەر ھىيتگاھ مەسجىدىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بلوگ يازمىلىرى ۋە ۋىدېيولىرى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئەمما 2018-يىلى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتا كەلمەسلىكىنى ئېيتىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.

جوش ساممېرس بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) ئاشۇ رايونىدا مەندەك كىشىلەرنىڭ كامېرا بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈشىنى ياقتۇرمايدۇ. مېنىڭ ئۇ يەردە ياشىشىم، ئەتراپنى سۈرەتكە ۋە فىلىمگە ئىلىشم خىتاينى راھەتسىز قىلدى. شۇڭا ئۇلار مېنى خۇددى جىنايەتچىنى سوراق قىلغاندەك سوراق قىلدى. ئەگەر سىز مېنىڭ بىلوگىمغا كېرىپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئىشلىگەن ساياھەت ۋىدېيولىرىم ۋە يازمىلىرىمنىڭ ھەممسىى خىتاينىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن. مەن ئۇ يەردىكى ۋاقتىمدا خىتاينى تەنقىدلەيدىغان ھېچقانداق سۆز-ھەرىكەتتە بولمىدىم. مەن پەقەت ئۇ يەردىكى ئىشلارنى كۆردۈم، خالاس، لېكىن ئۇلار نېمىشقىدۇر شۇنىمۇ خالىمىدى. ئۇلار مېنى تۇتقۇن قىلدى ۋە سوراق قىلدى. ئۇلار مېنى بىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ھېچنېمە تاپالماي مېنى قويۇۋەتتى. لېكىن مېنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ خىتايغا قايتا كەلمەسلىكىمىزنى ئۇقتۇردى.»

ئاشۇ مەزگىللەردە جوش ساممېرسقا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىكلەرلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارالىق ئاخبارات قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ۋىزالىرىنىڭ بىكار قىلىنىش، قايتا ۋىزا ئالالماسلىق ياكى ۋىزاسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماسلىقتەك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن.

ئامېرىكادىكى «بازفىد» (BuzzFeed) ناملىق ئاخبارات ئورگانىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مېگا راجاگوپالان خىتايدا تۇرغان 6 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى ۋە ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە، خەۋەرلەرنى يازغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، 2018-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋىزاسى بىكار قىلىنغان ئىدى.

2019-يىلى 29-يانۋار كۈنى «خىتايدىكى چەت ئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى» مەزكۇر كۇلۇبقا ئەزا چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى 2018-يىللىق پائالىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، مەزكۇر كۇلۇبنىڭ رەئىسى خاننا سالبېرگ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتايدا كەڭ كۆلەملىك نازارەت ۋە خەۋەر مەنبەلىرىگە بولىدىغان بېسىم سەۋەبلىك، مۇخبىرلار پىلانلىغان جايغا بارماي تۇرۇپلا خەۋەر ئىشلەشتىن ۋازكېچىشكە مەجبۇرلانماقتا.»

بۇ تۈردىكى ئەھۋاللار كۈنىمىزدىمۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. ئانالىزچىلار «خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدىغان تەرەپلىرى زادى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلاردىن نېمىشقا شۇنچە ئەندىشە قىلىدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى قويۇشماقتا.

جوش ساممېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى تىنچ، گۈللەنگەن بىر ۋەزىيەتتە بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا قاراتقان نازارەتنى ئاستا-ئاستا كۈچەيتىشكە باشلىغان. ئۇ ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن قەشقەرگە نۇرغۇن قېتىم بارغان. شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل ياشىدىم. 2006-يىلى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا بارغاندا ھېس قىلغان ۋە كۆرگەنلىرىمدە 2018-يىلى قوغلاپ چىقىرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. شىنجاڭدا ئون يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپتىمەن. ئۇ يەرنى ئائىلەمنىڭ بىر پارچىسىدەك ھېس قىلاتتىم. ھازىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان ۋىدېيولارغا قارىسام، ئۇ يەرلەر تونۇغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە قارىغاندا، ئۇ يەرنى بۇرۇنقىدەك بىخەتەر دەپ قارىمايمەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز ساياھەتچى بولۇپ بارسىڭىز، بەك كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلالمايسىز، ئەمما ئۇ يەردە ياشىسىڭىز، مۈرىڭىزدە ئەللىك كىلولۇق تۆمۈرنى كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك ياشايسىز. چۈنكى ھەر بىر ھەرىكىتىڭىز، ھەر بىر سالاملاشقان كىشىڭىز ۋە ھەتتا ھەر بىر سېتىۋالغان نەرسىڭىزنىڭمۇ قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقنى بىلىپ تۇرىسىز. سىز گەپ قىلىشقان كىشىلەردىن سورىغان سۇئاللىرىڭىز، سىز سوراققا تارتىلغان كۈنى سىزدىن سورىلىدۇ. مېنى سوراق قىلغاندا ساقچىلار مېنىڭ نېمىشقا ئۇ كىشىگە گەپ قىلغانلىقىم، ئۇ يەرگە نېمىشقا بارغانلىقىمنى سورىغان. ئۆزىڭىزنىڭ ھەر دائىم نازارەت قىلىنىپ تۇرغانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ياشاش بەك تەس.»

جوش ساممېرس 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنى ۋە باستۇرۇشنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى، 2014-يىلى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى ۋە 2016-يىلى چىن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا رەسمي «ساقچى دۆلىتى» قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى خىتاي بولسۇن، مەيلى ئامېرىكالىق بولسۇن، ھەر قانداق بىر گۇرۇپپىدا ئۆزىنىڭ مىللىتىگە ياخشى ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بولىدۇ. لېكىن ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنى قارىلاشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئۇلار ئەلۋەتتە تېررورچى ئەمەس. بەزى كىشىلەرنىڭ راستتىنلا ئىسلامغا بولغان قارىشى ياخشى ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بىلىشكە، چۈشىنىشكە تىرىشمايدۇ، پەقەت ئالدىغا چىققاننى ئوقۇپ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.»

ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى كۆرگەن قەشقەرنى ئەسلەپ: «قەشقەر دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل گۈزەللىككە ئىگە ئۆزگىچە ماكان ئىدى،» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭدىن قەشقەردە ئۆزى بارغان ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئورۇننىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ قەشقەردىكى مال بازىرىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان خۇشچاقچاق مۇئامىلىسىنى، بازاردىكى ئاشخانىلارنىڭ مەززىلىك تاماقلىرىنى ھازىرغىچە ئەسلەيدىغانلىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2018-يىلى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى، قاراماي ۋە قەشقەرلەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەزمۇن چىقارمىغان. چۈنكى ئۇ ئاشۇ يەرلەردە تونۇشقان دوستلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىكەن.

ئۇ ئۈرۈمچى چوڭ بازىرى ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى «خاتىرجەم، خۇشال» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرى ئوقۇغان تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ قالغاندۇ، لېكىن ئۇلار ‹قاراڭلار، مەن بۇ يەردە خۇشال ساياھەت قىلىۋاتىمەن› دېيىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى چوڭ بازارنىڭ ھەقىقىي ئۈرۈمچى تۇرمۇشىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئورۇن ئەمەسلىكىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ يەر پەقەت ئون نەچچە يىل بۇرۇن مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياسالغان. شۇڭا مېنىڭ ئۇ يۇتۇبېرلارغا دەيدىغىنىم، يۇتۇب، تۋېتتېر ۋە فېيسبۇكتەك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەۋاتقان گېپىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ بېقىڭلار. ئۇ يەردە ھەقىقەتەن كىشىلەر زۇلۇم كۆرۈۋاتىدۇ. سىز كۆرمىگەن بولسىڭىزمۇ، ئۇ كىشىلەرنى تونۇمىسىڭىزمۇ ئۇ كىشىلەر مەۋجۇت. شۇڭلاشقا ئاشۇ زۇلۇمغا ياردەملەشكەن كىشىلەردىن بولۇپ قالماڭ.»

ئۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان چىن سۆزلىرى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق دېسەم بەك غەلىتە ئاڭلىنىشى مۇمكىن، لېكىن مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن. خىتاينىڭ سىرتىدا ۋە بەلكى خىتاينىڭ ئىچىدىمۇ سىلەرنى، سىلەرنىڭ مەدەنىيىتڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان، سىلەرگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمدىن ئازابلىنىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بار. مەن سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى يالغۇز، ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىزنىڭ كىشىلىرىمىز سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەن سىلەرنىڭ، ئائىلەڭلەرنىڭ ۋە دوستلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابنى چۈشىنىمەن، دېيەلمەيمەن. لېكىن مەن ئازراق بىلىمەن، ھېس قىلالايمەن. سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. مەن بۇ كۈنلەرنىڭ تىزراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»