خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «مۇھاجىر» لار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىماقچى بولغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل ۋاسىتەلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش ھەركىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 18-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، 16-فېۋرال كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە خوڭكۇڭ-ماكاۋ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقلىرى بېيجىڭدا مەخسۇس يىغىن ئاچقان. يىغىنىدا «چەت ئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنى ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ‹شىنجاڭ ياخشى جاي› تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاشتا، چەت ئەلللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق ئاتالمىش «مۇھاجىرلار» دىن پايدىلانماقتا ئىكەن.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشتا، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە ئاتالمىش ‹بىرلىكسەپ خىزمىتى› دىن پايدىلىنىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي چەت ئەللەردىكى خىتايغا سادىق ئاتالمىش ‹ماھاجىرلار›، خىتاي تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنى ئاكتىپ ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۆز تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ كەلدى. ئاتالمىش ‹مۇھاجىرلار› خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باشقا جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇندى. بولۇپمۇ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› جىنايىتىنى ئاقلاشتا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتى بۇراشقا ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەيىبلەشتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹خىتاي ھەققىدىكى ياخشى ھېكايە›، ‹شىنجاڭ ھەققىدىكى ياخشى ھېكايە› دەل ئەشۇ مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىققان تەشۋىقاتتۇر. بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا شىنجاڭدا ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇ جاي ‹ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى› دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.»

تېڭ بياۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە چەت ئەللەردىكى ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرلىرى» غا ھەر خىل ئۇسۇللاردا تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە ‹بىرلىكسەپ› خادىملىرىنىڭ، چەت ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان «خىتاي پۇقرالىرىغا» غا بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇلار ئاتالمىش ‹مۇھاجىرلار› نى ئۆزىگە تارتىدۇ. خىتاي يەنە تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، چەت ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى كونترول قىلىدۇ.»

تېڭ بياۋ يەنە چەت ئەللەردىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ توختالدى: «ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان زىيانكەشلىكلەر يۈز بەردى. چەت ئەللەردە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ قەبىھ شەكىلدىكى ئۆچ ئېلىشقا ئۇچراۋاتىدۇ. چەت ئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئازلىرى ۋە ئورۇق-تۇغقانلىرى ‹يىغىۋېلىش لاگىرلىرى› غا قامالدى ياكى ئېغىر جازالار بېرىلىپ تۈرمىلەرگە قامالدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى خىتايدا «كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى» بولغان تېڭ بياۋ ئەپەندى ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن، خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش، ھەتتا ئۆلۈم تەھتىدىگىمۇ ئۇچرىغان ئىكەن.

تېڭ بياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئاللىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئۆزۈمممۇ چەت ئەللەردىكى خىتايغا ماھىل ئاتالمىش ‹خىتاي مۇھاجىرلىرى› نىڭ تەھدىتلىرى ۋە ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدىم. ئۇلار ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە كېلىپ ماڭا تەھدىت سالدى ۋە ھۇجۇم قىلدى. تور ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ مېنى قارىلاش، شەخسىيىتىمگە تېگىش، ئۆسەك سۆز تارقىتىش ئەھۋاللىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى غەربتىكى ئەركىن پىكىر مۇنبەرلىرى، يەنى تۋىتتېر، فېيسبۇكلاردىكى سۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقات مەقسىدىگە يېتىۋاتىدۇ. ھەتتا چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەر خىل تەھدىتلەرنى سالماقتا. شەخسەن مەن ئۆزۈم ئەشۇنداق ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى.»

نورۋىگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ دېرىكتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» تاكتىكىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىنى چەت ئەللەرگە كېڭەيتىش، ھەر خىل مەنپەئەتلەرنى بېرىشكە ۋەدە قىلىش ياكى قورقۇتۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، چەت ئەللەردە ئۆزىنى «خىتاي مۇھاجىرى» دەپ ھېسابلايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن پايدىلانماقتىكەن.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايغا ماھىل ئاتالمىش «مۇھاجىر» لار، كۆپ ھاللاردا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلەيدىغان يوللانمىلارنى يوللايدىكەن. ئۇلار يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا ھەر خىل باھانىلاردا ھۇجۇم قىلىدىكەن. ھەتتا بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدىمۇ بولىدىكەن.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش» ھەركىتى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. بەزى دۆلەتلەردە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشلەرمۇ ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

بەختىيار ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالدانماسلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىدىن ھەرگىز قورقماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.