چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان، غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى كەڭ ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، بۇ گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنى يالغانچىغا چىقىرىش مەقسىتى بىلەن بىر قاتار تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئىشلەپ تارقاتقان. بۇنداق ۋىدىيولار ئارقىلىق خىتاي بىر ياقتىن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر ياقتىن چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقانلارغا ۋاسىتىلىك ھالدا بېسىم قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن بۇنداق ۋىدىيولارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ۋىدېيولارنى كۆرۈپ تەھلىل قىلىش ۋە بۇ ۋىدىيولاردا تۇغقانلىرى سۆزلىتىلگەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بۇنداق ۋىدىيولاردا ئاشكارىلانغان قىسمەتلەر ۋە ئائىلىۋى پاجىئەلەرنى تەھلىل قىلغانىدى. 2-مارت كۈنى ئۇلار يەنە، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. يىغىندا يۇقىرىدىكى دوكلاتنىڭ ئاپتورى ئېمىلىي ئۇپسون، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى فۇرقەت جەۋدەت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى (CHRD) تەتقىقاتچىسى ۋىليام نې قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

ئېمىلىي ئۇپسۇن يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىغا خىتاي ئىشلىگەن بۇ تۈردىكى ۋىدىيولارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ۋىدىيولاردا كۆرۈرمەنلەر خۇددى تەبىئىي تارتىلغان، سەھنىلەشتۈرۈلمىگەن ۋەقەلىكنى كۆرۈۋاتقاندەك تەسىر بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ باشتىن-ئاخىرى لايىھەلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدە دۆلەت كونترولى بارلىقىنى، مەيلى خىتاينىڭ ي «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى بولسۇن، مەيلى ‹CGTN› دەپ ئاتىلىدىغان «يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» تارقاتقان ۋىدىيولار بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاش بىر ئەندىزىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېمىلىي ئۇپسۇن يەنە، خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك سەھنىلەشتۈرۈلگەن خەۋەر فىلىملىرىدىن باشقا، چەتئەللەردە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىغا پاكىتسىز قارا چاپلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى ۋىدىيولارنىمۇ ئىشلەپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.
يىغىندا فۇرقەت جەۋدەتمۇ ئاپىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەرنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئۇ خىتاي پاسپورت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئاپىسى بىلەن ئامېرىكىدا جەم بولالماي تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە لاگېرلارغا تۇتقۇن باشلىنىپ، نەتىجىدە ئاپىسىنىڭ 2017-يىلى لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ توختىماي داۋا قىلىشى نەتىجىسىدە ئاپىسىنىڭ 2019-يىلى لاگېردىن ئۆيگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئاپىسىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇشۇنداق يالغان ۋىدىيولاردا ئۆزىگە قارشى سۆزلەشكە، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتتى. فۇرقەتنىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلى نويابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فۇرقەت ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا خىتاي دائىرىلىرى فۇرقەتنىڭ ئاپىسى مۇنەۋۋەر خانىم ھەققىدە ۋىدىيو تارقاتقان. ۋىدىيودا مۇنەۋۋەر خانىم ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى دېگەن. خىتاي ھەتتا تەشۋىقات ماقالىسىدە مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئامېرىكاغا كېتىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولالماسلىقىدىكى سەۋەبنى بۇرمىلاپ «ئامېرىكا ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ بۇ يەردە قالدى. فۇرقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېگەن تېررورچى تەشكىلات ئەزاسى» دېگەن. فۇرقەتنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي يەنە بىر تەشۋىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ «فۇرقەت جەۋدەتنى بىن لادىنغا ئوخشاتقان ۋە مايك پومېيونى تېررورچىلارنى قوللىدى»، دەپ تەنقىد قىلغان.
ۋىليام نى ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى بىر قىىسم خىتايدا قولغا ئېلىنغان خىتاي ئۆكتىچىلەرگە ۋە چەتئەللىكلەر ھەققىدىمۇ مۇشۇنداق ۋىدىيولارنى تارقاتقانلىقىنى مىسال بېرىپ، بۇ ۋىدىيولارنىڭ ئەندىزىلىرىدىكى بىردەكلىكنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
يىغىندا ئىنتايىن دىققەت قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولسا مانا مۇشۇنداق ۋىدىيولارنىڭ ئاشۇ گۇۋاھچىلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇنداقلا بۇنداق ۋىدىيولارنىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئۆزىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەندۈرەلىگەنلىكى بولدى.
فۇرقەت جەۋدەت بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، بۇنداق ۋىدىيولارنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىدە ھەم ئىجابىي ھەم سەلبىي تەسىر ياراتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىر جەھەتتىن خىتاي لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يىللاردىن بېرى ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىمۇ بىلەلمەيۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ھېچ بولمىغاندا ھاياتلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، نەتىجىدە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ناملىق خەشتەگ ھەرىكىتى قوزغىلىپ زور ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەقىقەتەن ئىشقا يارىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر ياقتىن، خىتاينىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆزىگە قارشى سۆزلىتىشى جۈملىدىن ۋاسىتىلىك قىلغان تەھدىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا روھىي بېسىم ياراتقانلىقىنى ئېيتتى. قىسقىسى، بۇنىڭ قوش بىسلىق تەسىر ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنىڭ چەتئەللەردە قانچىلىك ئىشقا يارىغانلىقى، خەلقئارا جامائەتنى ئىشەندۈرەلىدىمۇ، دېگەن سوئالغا كەلسەك، ۋىليام نى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭ كۆز قارىشىم بويىچە بولغاندا، مەن بۇ ۋىدىيولارنى غەلىبە قىلدى ياكى قايىل قىلارلىق بولدى، دەپ قارىمايمەن. ناھايىتى ئاددىي ئۇسلۇب بىلەن ئىشلەنگەن، تەشۋىقات خاراكتېرلىك ۋىدىيولار رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ۋە ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن مەسىلىلەرگە باھا بېرىدىغان كىشىلەرنى قايىل قىلالايدۇ، دەپ قارىمايمەن. مەن بۇ ۋىدىيولارنى كۆرگەندە ئىنتايىن ھەيران قالغان ئىدىم. بۇنداق ۋىدىيولارنى ئىشلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئورۇن ياكى شەخس كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خەلقئارا ئاخباراتچىلىق ۋە ئوچۇق، دېموكراتىك سىستېمىلاردا بىر كۆز قاراشنىڭ قانداق يارىتىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقى ئېنىق.»
ئېمىلىي ئۇپسونمۇ خىتاي ئىشلىگەن بۇنداق ۋىدىيولارنىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئىشەندۈرەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ داۋاسىنىڭ دۇنيادا يەنىمۇ كۆپ تونۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. فۇرقەت جەۋدەتمۇ بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، دەرۋەقە خىتاي ئۇنىڭ رەسىملىرىنى چىقىرىپ، ئۇنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپلەپ دىققىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، ھەتتا بۇنداق ئىسمى چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن نەتىجە ياراتقانلىقىنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىغىندا سۆزلىگەنلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەرنى بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.