خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى نەگە بارىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق جىنايەتلىرى خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلىنىپ، سېسىق نامى پۇر كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاپ دۇنيادىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىنقى يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىدا چەت ئەلنىڭ بېسىمىدىن باشقا، يالغانچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىقنىڭ ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندا «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى ئايدا تەتقىقاتچىلار، ئاقىللار ئورگىنى، ئاخباراتچىلار ۋە تور بىخەتەرلىكى شىركەتلىرى بىر نەچچە تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، خىتاينىڭ تور تەشۋىقاتىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا ئادەم ۋە مالىيە كۈچى ئاجرىتىپ، ھۆكۈمەت ھېسابىدىن باشقا يەنە ساختا شەخسىي ھېساب ئېچىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، فېيسبوك، تىۋىتتېر، يۇتۇب قاتارلىق داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا خىتاينىڭ ھۆكۈمەتكە ۋە شەخسكە تەۋە راست-يالغان ھېسابلىرى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يالغان، ساختا ئۇچۇرلىرىنى ھەممە ياققا تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. تور بىخەتەرلىكى شىركىتى گرافىكا (Graphika) نىڭ دوكلاتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشى ئاستىدا فېيسبوك، تىۋىتتېر، يۇتۇب قاتارلىقلار كىملىكى نامەلۇم، گۇمانلىق ئابونتلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇلار يەنە باشقا يوللار بىلەن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىكەن. گرافىكا شىركىتىنىڭ بايقىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئاشۇنداق ساختا ئابونتلارنى «ۋەتەنپەرۋەر پۇقرالار» دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ يوللىغان نەرسىلىرىنى كۆپلەپ تارقىتىدىكەن.

گرافىكا شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ سانى، مىقدارى، سۈرئىتى ۋە تېخنىكىلىق ھىيلىگەرلىكى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىكەن. 2020-يىل 2-ئايدىن 2021-يىل 1-ئايغىچە، خىتاينىڭ ساختا تىۋىتتېر ئابونتلىرى 1400 دىن كۆپ ۋىدىيو تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى مەلۇم ۋەقە يۈز بېرىپ 36 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈلگەن ۋىدىيولار ئىكەن. بۇ ۋىدىيولارنىڭ سۈپىتىدىن قارىغاندا، ئۇنى ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئابونتلار ئۇنى ئىشلەپ بولالمايدىكەن. تەكشۈرگۈچىلەر يەنە تىۋىتتېردا تارقىتىلغان ئۇچۇرلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنىڭ خىتاينىڭ ۋاقتى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتقا زور كۈچ سەرپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھازىر خەلقئارادا تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە جامائەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ».

خىتاي تارقاتقان ساختا ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، «كورونا ۋىرۇسى ئامېرىكانىڭ سۈيقەستلىك پىلانى»، «ئۇيغۇرلار تېررورىست» دېگەندەك ئۆسەك گەپتىن باشلاپ، «لاگېرلار يوق، مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەندەك يالغان تەشۋىقات، كۆز بويامچىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاتالمىش گۇۋاھچىلارنى سۆزلىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى نىقابلاپ كەلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ 1-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى ئېيتقان تاھىر ئىسىملىك بىرەيلەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خوتەن «قايتا تەربىيەلىنىش ئورنى» دا تەربىيەلىنىپ چىققانلىقى، ئۇ يەرنىڭ ھەرگىز لاگېر ئەمەسلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ چېنىپ قېلىشىغا قارىماي، ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن «ئەرتىس تاللاش» بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقى پاش بولغان.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ يېقىنقى تەشۋىقاتلىرىدىكى نومۇسسىزلىقىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئاۋسترالىيەدىكى مامۇتجاننىڭ قىزىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق بايان قىلدى.

يېقىندا «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىۋىتتېر، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە دائىر ئېلىپ بارغان كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتى ئۆتكەن يىل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىل خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتىك تىۋىتتېر ھېسابلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت تارقاتقان ئۇچۇرلىرى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، بۇرۇن ھەر ئايدا 280 ئۇچۇر تارقاتقان بولسا، 2020-يىل ھەر ئايدا 500 ئۇچۇر تارقاتقان. خىتاينىڭ خەلقئارا ئالاقە تورلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى بەلگىلىك ئۈنۈمگىمۇ ئېرىشكەن. 2018-يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت تىۋىتتېر ھېسابى ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان مەنبە بولۇپ قالغان؛ خىتاي يەر شارى تېلىۋىزىيە قانىلى (CGNT) نىڭ فېيسبوك ھېسابىغا ئەگەشكۈچىلەر 115 مىليونغا يەتكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىغا سەل قارىغىلى بولمايدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشىنىدىغانلارنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە باغلىنىپ قالغانلار، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ خىتاينى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىپ باققانلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تەشۋىقات ھۇجۇمى خىتاينى تېگىدىن چۈشەنمەيدىغان ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرالىسىمۇ، خىتاينىڭ ماھىيىتىنى بارغانسېرى تونۇپ يېتىۋاتقان كىشىلەرنى خىتايغا تېخىمۇ ئۆچ قىلىدۇ. خىتاي بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارغا جازا يۈرگۈزۈپ ئۆز پۇتىغا پالتا چاپتى. بۇ تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ رەزىللىكىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. خىتاينىڭ بۇ يالغانچىلىقى ھامان مەغلۇب بولىدۇ».