خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مېدىيا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى بايان-شەرھلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش تاكتىكىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي مېدىيا بەتلىرىدىن ئېلانلارنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كورونا ۋىرۇسىغا قايتۇرۇلغان دۇنياۋى ئىنكاسلارنى قايتا شەرھلەشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
خىتاينىڭ ئۇرۇنۇشلىرى فېيسبۇكتىن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىنگلىز تىللىق ئاخباراتلار ئۈچۈن ئېلان سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ خەۋىرىنى بازارغا سېلىشى، ھەتتا بەزىدە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا قايتۇرغان ئىنكاسىنى ناچار قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«خاتىرىلىگەن كەلگۈسى» ناملىق تور بىخەتەرلىكى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل فېۋرالدىن، مارتنىڭ بېشىغا كەلگۈچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي ئاخباراتلارغا كۈنىگە 3 مىڭ 300 پارچە ئۇچۇر چاپلىغان. بۇ خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇر چاپلاش نىسبىتىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولغان.
بۇلار ئاساسەن فېيسبۇك ۋە تۋىتتېر تورلىرىدا ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان.
خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، «ستانفورد ئىنتېرنېت رەسەتخانىسى» ناملىق تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى ۋانېسسا مولتېر خىتاينىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان سىياسىي ئېلان تارقىتىش ئۈچۈن فېيسبۇكتىن 200 دىن ئارتۇق ئېلان ئورنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئاي جەريانىدا سېتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان «ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى» دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ جىددىي كرىزىس پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي مەزكۇر ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان. ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بىر تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.
«يېڭى كورونا ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۆپكە ياللۇغىسىمان بۇ ۋىرۇس نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا يامراپ، 1 مىليون 800 مىڭغا يېقىن ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.