خىتاي باش ئەلچىسى شيې فېڭنىڭ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىشى كۈچلۈك تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ (Xie Feng) 25-ئاپرېل ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئوينىغان ئۇسۇللىرىدىن كىرىشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر ۋىدىيونىڭ ئۈستىگە «ۋاھ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ» دەپ يازغان ۋە «شىنجاڭ» دېگەن خەشتەگ بىلەن ھەمبەھىرلىگەن.

ئۇيغۇر بالىلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش
ئۇيغۇر بالىلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش

بۇ ۋىدىيونىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، شيې فېڭ تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن بۇ ۋىدىيو مۇخبىرلارنىڭ، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە قامالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى قاسىم ئابدۇرېھىم، شيې فېڭ ھەمبەھىرلىگەن ۋىدىيوغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «باش ئەلچى شيې فېڭ (ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇسۇلىغا بەرگەن) ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ھەقىقەتەن قىزغىن بىر مىللەت. سىزنى ۋاشىنگتوندىكى ستۇدىيەمىزدە ھەقىقىي ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن. ئۇسسۇل كۆرگەچ ئالاھىدە ئۇسسۇل تالانتى بار ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يوقىتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ سۆزلىشەيلى. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىڭىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، دەپ قارايمەن. سىز بىزگە مۇۋاپىق بىر ۋاقىتنى ئېيتسىڭىز، بۇ زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرايلى».

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى سۇ يۈتوڭ شيې فېڭ ھەمبەھىرلىگەن ۋىدىيونىڭ ئاستىغا مۇنداق ئىنكاس يازغان: «نومۇس، شيې فېڭ! سىز باش ئەلچىلىك سالاھىيىتىڭىزدىن بەكرەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئوخشاپ قاپسىز! خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ساختا سىنلىرىنى سۈرەتكە ئالدى. بەلكىم بۇ ئارتىسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟ شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرى تاقالدىمۇ؟ 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىدىمۇ؟ ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلىرى قىلغان ئەمگىكى ئۈچۈن باشقىلارغا ئوخشاش ئىش ھەققىگە ئېرىشتىمۇ؟ پىروفېسسور ئىلھام توختى ۋە پىروفېسسور راھىلە داۋۇت نېمە ئۈچۈن تۇتۇلدى. . . ؟ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىن-ئازادە ئىلتىماس سۇنۇپ پاسپورت ئالالامدۇ؟ خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارا ژۇرنالىستلارنىڭ شىنجاڭغا ئەركىن كىرىشىگە يول قويامدۇ؟ مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەت قىلغۇم بار.»

سۇ يۈتوڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈردى، ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىر قانچە ئوقۇغۇچى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شيې فېڭغا قارشى نامايىش قىلغانىدى. شيې فېڭنىڭ X تىكى بۇ ئۇچۇرى يۇقىرىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىنىڭ ناھايىتى توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقىتىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.»

مەزكۇر ۋىدىيونىڭ ئاستىغا يەنە 1989-يىلى بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمېن مايدانىدا باستۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشقا ئائىت رەسىملەرمۇ چاپلانغان بولۇپ، «ئۇلار بېيجىڭدىمۇ ئۇسسۇل ئوينىغانىدى» دېگەن يازمىلار بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن.

«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى جوۋ فېڭسو (Zhou Fengsuo) ئەپەندى تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بېرى. ئۇ شيې فېڭنىڭ X دە ھەمبەھىرلىگەن ۋىدىيوسى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ شيې فېڭنىڭ بۇ تەشۋىقات خاراكتېرلىك ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىشىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (Antony Blinken) نىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاي تەرەپنىڭ، يەنى شيې فېڭنىڭ تارقاتقان ۋىدىيوسىغا ئوخشاشلا بىر تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى. بىلىنكېننىڭ دوكلاتتا ئېيتقانلىرى ھەقىقەت. ئەلۋەتتە، دېيىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە دائىم تىلغا ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇشلىرىنى پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىماسلىقى كېرەك. شيې فېڭ تارقاتقان بالىلارنىڭ ۋىدىيوسى خىتاينىڭ تىپىك خاراكتېرلىك سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ خىل تەشۋىقاتنى دائىم قىلىدۇ، ئۇلار تەشۋىقاتتا ۋاسىتە تاللىمايدۇ.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچى، بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتتا ۋاسىتە تاللىمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىرقانچە ئۇيغۇر بالىلارنى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بالىلار لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شيې فېڭنىڭ تارقاتقان ۋىدىيوسىدا دىققەت قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ۋىدىيودا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ، لېكىن خىتاي باش ئەلچىسى شيې فېڭ ھېچبىر يەردە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمىگەن، ئەكسىچە ۋىدىيونىڭ بېشىغا ئالاھىدە قىلىپ «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى ئىشلەتكەن.

جوۋ فېڭسو ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ قەستەن «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشتىن قېچىۋاتقانلىقنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ‹ئۇيغۇر› ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشتىن قېچىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىق، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى رەت قىلغانلىقتۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا بىلىندى. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىپ كۆرسىتىشتىكى بىر ئىستراتېگىيەسى. شۇڭا ئۇلار ‹ئۇيغۇر› دېگەن مىللەت ئىسمىنى ئىشلىتىشتىن قاچىدۇ.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭلىق» كىملىكىنى «ئۇيغۇر» كىملىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش پىلانىنىڭ بۇرۇندىن بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ‹خىتاي› قىلىپ چوڭ قىلىشقا ھەر قانچە كۈچىسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناتايىن. چۈنكى تەتقىقات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كىملىكى ئىنكار قىلىنغان ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىزدىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.»

خىتاي باش ئەلچىسى شيې فېڭ ۋە ياكى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى X دە شيې فېڭنىڭ ھېسابى ئارقىلىق تارقىتىلغان ۋىدىيونىڭ ئاستىغا يېزىلغان مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرى ياكى ئائىلىسى لاگېر تۈرمىلەرگە قامالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىنىڭ ھېچبىرىگە جاۋاب بەرمىگەن.