خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. پائالىيەتكە زۇم ئارقىلىق قاتناشقان بىر قىسىم ئەربابلار دەل خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات ھەرىكىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
يېڭى زېلاندىيەدىن چىقىدىغان «خەۋەرلەر تۈگۈنى» ناملىق تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، 30-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ ۋېللىڭتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېڭى زېلاندىيەدىكى بىر تۈركۈم ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەربابلىرىغا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق بىر تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، پائالىيەتتە كۆرۈرمەنلەرگە «شىنجاڭ ئىناقلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئورنى دەپ تەسۋىرلەنگەن بىر قاتار تەشۋىقات فىلىملىرى كۆرسىتىلگەن، ھۆكۈمەت سۆزلەشكە تاللىغان يەرلىك ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ‹خۇشال› ئىكەنلىكىنى، خالىغانچە ياشاش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئېيتقان.»
ھالبۇكى، يىغىنغا قاتناشقان يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى مىللىي پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى گېررى بروۋنلې ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەندىشىلىرىنىڭ بۇ تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يىغىن جەريانىدا مۇنداق دېگەن: «مەن شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن داۋاملىق ئەنسىرەپ تۇراتتىم، ئەمما ھازىر ئەندىشىلىرىم ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك كۈچەيدى. سىلەرنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىڭلار قارىماققا ‹بۇ يەردە كۆرىدىغان باشقا نەرسە يوق، يولىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ› دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى. مەدەنىيىتىمىزدە بۇنداق قىلمىشلار دائىم ‹بۇ يەردە چوقۇم بىر نەرسە بار، ئەمما ئۇنى سېنىڭ كۆرۈشۈڭنى خالىمايمىز› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.»
كانتېربۇري ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاي تەتقىقاتچىسى ئاننې-مارىيە برادي Anne-Marie Brady تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا مەزكۇر پائالىيەتنى «پروپوگاندا»، يەنى «تەتۈر تەشۋىقات» پائالىيىتى، دەپ ئاتىغان ۋە يېڭى زېلاندىيە ئاخباراتلىرىنى بۇ پائالىيەتنىڭ «پروپوگاندا» ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە ھەمدە بۇنى خەۋەر قىلغاندا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» كونتېكىستىدە تۇرۇپ خەۋەر قىلىشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەت تەكلىپلىك پائالىيەت بولۇپ، سورىلىدىغان سوئاللارمۇ يىغىندىن ئاۋۋال يوللانغان ئىكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ خىل سادالار ئاۋسترالىيەدىمۇ كۈچىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.