ئۇيغۇر رايونىدىكى تەشۋىقات ساياھەتچىلىكىدە ئۇيغۇر كىملىكى بارغانچە يوقىتىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» دە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان گۈزەل غۇلجا شەھىرى مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان.

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان سىن فىلىملىرىدا، خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى تەرىپىدىن تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، مۇزېي شەكلىدە ياساپ چىقىلغان مەھەللە تۈسىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، يېمەك-ئىچمەك، بازار مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولمىغان مىللەتلەرگە تەۋە قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە «ئۇيغۇر» نىڭ ئورنىغا «شىنجاڭلىقلار» ياكى «ھەر مىللەت خەلقى» دېگەن ئىبارىلەرنىڭ ئىزچىل قوللىنىلىشىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىدا 15-ماي ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدە ساياھەتچىلىك قىزىماقتا» ماۋزۇلۇق رەسىملىك خەۋەردە، غۇلجا شەھىرىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدىن قازانچى مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك رەڭلىك پېشايۋانلىق، ئۈزۈم باراڭلىق تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا، قوي بېقىۋاتقان قازاق قىزىنىڭ پورترېتى كىرىشتۈرۈلگەن. مەزكۇر رەسىملىك خەۋەرگە يەنە ياۋا كەپتەرلەر ئەركىن قونۇپ يۈرىدىغان غۇلجا شەھىرىدىكى مەيدان مەنزىرىسى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق بازار مەنزىرىلىرى، غۇلغا كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خادىك ھارۋىلىرىدا ئولتۇرۇپ تاماشا قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ رەسىملىرى كىرىشتۈرۈلگەن. ئەمما بۇ رەسىملەردە غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىيىنىش ئالاھىدىلىكلىرىدىكى مانچېستېر دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر ئەرلىرى، چېكىلەپ ياغلىق تاڭىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە مەدەنىي ياسىنىپ يۈرىدىغان جۇشقۇن غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئورنىغا، باش كىيىمسىز ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرى ۋە كوچىلاردا ساياھەت قىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ ھەر خىل كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ساياھەت سىن فىلىملىرىدىمۇ، غۇلجا شەھىرىنىڭ تۇڭگان، قازاق، ئۇيغۇر، خىتاي قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقى ياشايدىغان كۆپ مىللەتلىك شەھەر ئىكەنلىكى، ئۇ يەردە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان «ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى» نىڭ بارلىقى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان. ھەتتا غۇلجىدىكى «خىتاي بازىرى» دەپ ئاتىلىپ قالغان بازارمۇ خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

گېرمانيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئايسىمە مىرسۇلتان خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە، ئۇيغۇرلارغا تەۋە ماددىي ھەم مەنىۋى مەدەنىيەت نۇقتىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ «ئاز-سانلىق مىللەتلەرگە تەۋە» دەپ تەشۋىق قىلىنىشىدىكى مەقسەتنىڭ «ئۇيغۇر» نامىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئايسىمە مىرسۇلتان خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتاي مەدەنىيەتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا يۇرتىدا ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس قىسمى، بۇ يەردە ھەر مىللەت خەلقى ياشايدۇ» دېگەن سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتىكەن.