يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋە رەقەملەشتۈرۈلگەن «مۇزېيلار» نىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە ئاتالمىش «يېڭىدىن بايقالغان» «ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملار» ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلىشكە باشلىدى.
بۇلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، رايوندا مۇزېيلارنىڭ قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان مۇزېيلاردا «شىنجاڭ تارىخىغا» ئائىت تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار قايتىدىن رەتلەپ چىقىلغانلىقى ۋە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەردە يەنە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مۇزېيلاردا زىيارەتتە بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق، رايوندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلارنىڭ «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەن قاراشنى ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن ئىسپاتلىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 21-مايدىكى سانىدىن ئېلىنغان «مۇزېيلار ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئايلاندى» ناملىق خەۋىرىدە: «ئۇيغۇر رايونى ساياھەتچىلىكىدە، ساياھەتچىلەر مۇزېيلاردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي بىلىملەردىن ‹شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ بىر قىسمى›ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تارىخىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى» دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشىدە، 10 لىنىيە بويىچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى 80 دىن ئارتۇق مۇزېيدا 6 مىليون ئادەم قېتىملىق ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېيىلگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 23-ماي ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2-قارارلىق يېڭى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مۇزېيلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بويىچە مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي قەدىمى» دەپ تەرىپلەنگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي قاتارلىقلار مۇزېينىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، مۇزېينىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش» كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە يەنە تەكىتلىنىشىچە، ما شىڭرۈي قاتارلىقلار تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈچۈن سۆزلىتىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» دەپ كۆرسەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر ما شىڭرۈي قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇزېي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ بىرقىسمى»، «ئەزەلدىنلا خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەن ئىدىيەنى ھەممىگە سىڭدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن، ئوبزورچى خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەن يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنى تەكرارلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يالغانچىلىق دۇنيانى ئىشەندۈرەلمىگەن.
خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىندىن بۇيان، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى قايتىدىن كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، مۇزېيلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش، ھەتتا 6 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن زور كۆلەملىك ساياھەتچىلىك تەشكىللەش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن بۇ سەپسەتىنى ئاتالمىش تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىسپاتلاپ، ئۆزىنىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتىغا خىتاي خەلقىنى ۋە دۇنيانى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن.
خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر ئۇرۇنۇشىدىن، «ئۇنىڭ بېسىۋېلىنغان بۇ زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن».
«تەڭرىتاغ تورى» دا 24-ماي ئېلان قىلىنغان «رەقەملەشتۈرۈلگەن شىنجاڭ مۇزېيلىرى، 500 دانە نەپىس ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىق سىزنى ساقلىماقتا» سەرلەۋھىلىك مەخسۇس خەۋەردە بولسا، بىر مەزگىللىك قۇرۇلۇش ۋە رەتلەشتىن كېيىن، يېقىندا قايتىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچىدىكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» دا، «شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت 1570 دانە قەدىمىي يادىكارلىقنىڭ كۆرگەزمە ئۈچۈن قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 500 دانە يادىكارلىقنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسكىلاتتىن چىقىرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكادىكى ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى قۇربان ۋەلى ئەپەندى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» دا ئىشلىگەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان يادىكارلىقلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نىڭ ئىسپاتى قىلىپ تەرىپلىنىشىنى خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق» دەپ كۆرسەتتى.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئەينى چاغدا ئۆزى ئىشلىگەن مەزگىللەرنى ئەسلەپ، خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار» ۋە «ئىسكىلاتتىن تۇنجى قېتىم چىقىرىلىپ كۆرگەزمىگە قويۇلغان 500 دىن ئارتۇق ئاسارە-ئەتىقىلەر» نىڭ كېلىش مەنبەسى گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش خىتايچە يازمىلار ھەققىدىمۇ توختالدى.
قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان تۇرپاننىڭ ئاستانە، قاراغوجا دېگەن جايلىرىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تارىخى مەنبەلىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار، ئىلگىرى خىتايدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە خەۋەر مەنبەلىرىدە ئۇچرىمىغانىكەن.
قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بۇ خىل ئاتالمىش ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلارنىڭ توساتتىن ئوتتۇرىغا چىقىشى گۇمان قوزغىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخنى بۇرمىلاشتەك نەيرەڭۋازلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىش بىلەن بىللە، يەنە بۇ خىل ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىرقىسمى» دېگەن يالغانچىلىق تەشۋىقاتى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى تارىخىي ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتىكەن.