خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوبرازى ۋە ئەمەلىيەت ھەققىدە كۆزەتكۈچىلەر نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرغا قاماۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشتا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ لاگېرلارنىڭ مېڭىسى «رادىكاللىق» بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن بېرىپ، تەربىيە ئالىدىغان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى ئاتالمىش «كۇرسانتلار» نىڭ ئازادە مۇھىت، ياخشى شارائىتلار ئىچىدە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

خىتاي تېلېۋىزىيە ئاخبارات قاناللىرى ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان «يېڭى ھاياتقا قۇچاق ئېچىش» ناملىق قىسقا يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىم ئەنە شۇلارنىڭ بىر تۈرى. ھەربىر فىلىمدا يورۇتۇلغان بىر ئايال ئوبرازنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇنىڭدا سۆزلىتىلگەن خانىم-قىزلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ «دىنى رادىكاللىق» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ.

ئۇلاردىن بىرى، ئۆزىنىڭ دىنى رادىكاللىق ئىدىيەسى سەۋەبلىك ئائىلىسى تەرىپىدىن 16 يېشىدا توي قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، مەكتەپنى تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلىرى دىنىي رادىكال ئىدىيە سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئۇسۇل ئوينىيالمايدىغان، ئۆيىدىن تالاغا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېيىن فىلىملاردىكى رەڭسىز كۆرۈنۈشلەر، سولغۇن مۇزىكىلار بىردىنلا جانلىنىدۇ-دە، بۇ قىزلارنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» گە كىرگەندىن كېيىن ئۆزگىرىپ، مېڭىسىدىكى «كېسەللىك» ساقىيىپ يېڭى ھاياتقا قۇچاق ئاچقانلىقى، دىننىڭ ماھىيىتىنى، شىنجاڭ دېگەن بۇ يەرنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ھازىر ئەرلەرگە تايانماي ياشاۋاتقانلىقى، خالىغان ۋاقىتتا ئۇسۇل ئويناپ، خالىغان ۋاقىتتا ناخشا ئېيتالايدىغان بولغانلىقىدەك مەركىزى ئىدىيە ئالغا سۈرۈلىدۇ.

بۇ فىلىملاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ لاگېرلىرىنىڭ قانداقتۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچى نىجادكارى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. ئامېرىكادىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتشۇناس دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئۇيغۇرلاردا ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئەزەلدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىز-ئاياللىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن خەلق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلاردا ئاياللارنى ئوقۇتۇش، يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە‹ئىپپەتلىك ۋە ئىلىملىك 3 قىز يېتىشتۈرسەڭ، جەننەتكە كىرىسەن، جەننەتنىڭ ئاچقۇچى› دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر بولغان. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. دىنىمىزدا مۇشۇ ھەقتىكى سۈرىلەرنىمۇ ئۇيغۇرلار ناھايىتى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غۇلجىدا دىندار بىر ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا توسالغۇ بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوبرازىنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «بىچارە، ئېزىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى» ئوبرازىغا قارشى كۈچلۈك رەددىيەلەردىن بىرى، «Subchina» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى جىنس زوراۋانلىقى ۋە تەشۋىقاتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى يى شاۋسو، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز ۋە تاتار قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاياللىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇشقا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تەرەققىيات يوللىرىنى ئېتىپ قويغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى جىنس زوراۋانلىقى ئىكەن. ئاپتور ماقالىدە رايوندا ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قىيىن ۋەزىيەتتە قويۇۋاتقان «قوشماق تۇغقان» بولۇش، «ئۇيغۇر-خىتاي ئۆيلىنىش» سىياسەتلىرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يوپكىلىرىنىڭ كېسىلىشى، ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى ۋە ھەتتا لاگېرلاردا ئاياللارغا دورا بېرىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاي كۆرۈشىنىڭ چەكلىنىشىگە ئوخشاش جىنس زوراۋانلىقىنى ئاساس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەتتۇرسۇن بەيدۇلا ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن مەخسۇس شۇلارنى نىشان قىلغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى جىنس زوراۋانلىقى ۋە تەشۋىقاتى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى يى شاۋسو ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى تەشۋىقات فىلىملىرىنىڭ غەربتىكى ئىسلام دىنى ھەققىدە بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان ئاساستا تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1950-1960-يىللار ئارىسىدا ئىشلەنگەن «ھەسەن ۋە جەمىلە»، «ئانارخان» ۋە «تەڭرىتاغدىكى قىزىل گۈللەر» قاتارلىق فىلىملاردىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر، قازاق ئاياللىرى ئىنتايىن جاپاكەش تەسۋىرلەنگەن، قاچان خىتاي كومپارتىيەسى ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئەرلىرىنىڭ ئېزىشىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندىلا ئاندىن ئۆز ھاياتىنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا تەقدىم قىلىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.

ئاپتور يى شاۋسو ماقالىسىدە، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى رايونغا كىرىشتىن ئاۋاللا باشلىنىپ بولغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

«1885-يىللىرىدىلا ئۇيغۇر قىزلىرى ئاتۇشتىكى ئىسلاھاتچىلار تەرىپىدىن ئېچىلغان زامانىۋى مەكتەپلەرگە بارالىغان. 1910-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقلىق گۈلەندەم، زەيتۇنە نامان ۋە رەشىدە قاتارلىق 3 تاتار ئايال ئاياللارنىڭ مائارىپ ھەرىكەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلغان. رايوندىكى تۇنجى ئاياللار كۈنى مارشى 1918-يىلى غۇلجىدىكى قىزلار مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ھالبۇكى، ئاياللار كۈنى مارشى خىتايدا تۇنجى بولۇپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە خېلى كېيىن يەنى 1924-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋەھاكازا. . . مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر، قازاق، تاتار قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاياللىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش تارىخى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ كىرگەن تارىختىن كۆپ ئۇزۇن. رايوندىكى بۇ ئاياللار ھەم رايون ئىچىدىكى ۋە ھەم خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش يولىدا نۇرغۇن يول ئالغان. بۇ يەردە›شىنجاڭ ئاياللىرى‹دەيدىغان بىر ئۇقۇم يوق ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇشقىمۇ ئېھتىياجى يوق. ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجى بار».

مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندىمۇ ئىلمىي پاكىتلار بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئەينى يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش قەدەمدە ماڭغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى مەجبۇرلاش ئارقىلىق مىللەت ساپاسىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

*«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى جىنس زوراۋانلىقى ۋە تەشۋىقاتى» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى يى شاۋسونىڭ پىكىرىگە ئاساسەن قايتا تولۇقلاندى.