ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇپ قالدىمۇ؟
2024.06.02
مەركىزى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە بولغان «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇت» نىڭ 30-ماي ئېلان قىلغان «بېيجىڭ شىنجاڭدىكى مەنپەئەتىنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شۇنچە يىللىق ئېغىر باستۇرۇشلاردىن كېيىنمۇ «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت يوق» ئىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. 5-ئايدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي قانۇن-كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ 11 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بۇ رايوننى زىيارەت قىلدى. چېننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىتى: مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ھەم باشقا تەھدىتلەرگە قارشى تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى نورماللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ‹ئىشلىتىلمىگەن تۇپراقلارنى بىر تەرەپ قىلىش› قانۇنىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدا يەتكۈزۈش ئىكەن.»
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، «ئىشلىتىلمىگەن تۇپراقلارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى» ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىشنىڭ بىر باھانىسى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ چارە، خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئانچە پايدىلىق ھېسابلانمايدىكەن. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا جازا ۋە سودا چەكلىمىسى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن.
خەۋەردە يەنە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت يوق. بۇ مەزكۇر رايوندىكى خىتايلارنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمدە پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەمدە ئۆزىنى ئۆز خەلقىگە مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كۈچ سۈپىتىدە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.»
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن بۇلغانغان خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان ھەر تۈرلۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. تېخى ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 28-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ بىر سەنئەت ئۆمىكى كۇۋەيت پايتەختى كۇۋەيتتىكى «گابىر مەدەنىيەت مەركىزى» دە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق كۆلىمى زور بىر ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، «كۇۋەيت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا مۇيەسسەر بولغان». بۇ سەنئەت ئۆمىكى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنە ئىستانبۇلدا ھەقسىز ئويۇن كۆرسىتىپ، «گۈزەل شىنجاڭ ئوبرازى» نى نامايان قىلىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە، فىنلاندىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە، ئالدىنقى ھەپتە فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.
فىرانسىيەدە ياشايدىغان لاگىر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان ساختا تەشۋىقاتلىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۇۋەيت ۋە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىشىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىر تەركىبيى قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقاتىغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.