پەخىردىن پەرھاتنىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ دوكلات بېرىشى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-06-22
Share
پەخىردىن پەرھاتنىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ دوكلات بېرىشى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان «خىتاي پروفېسسورلار جەمئىيىتى» قاتارلىق ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توردا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سائەتتىن ئارتۇقراق دوكلات بېرىش يىغىنىدا پەخىردىن پەرھات سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 29-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيەدىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ياپوندىكى خىتاي ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق «خىتاي پروفېسسورلار جەمئىيىتى» قاتارلىق ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توردا بىر سائەتتىن ئارتۇقراق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ يىغىندا ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق پەخىردىن پەرھات ئىسىملىك ئۇيغۇر خىتاينى ئاقلاپ دوكلات بەرگەن. ئۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ دوكلاتىدا پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

بىز پەخىردىن پەرھاتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنى تاپالمىدۇق. بۇ ھەقتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلىمۇ ھەر خىل بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ئەلچىخانىسى توردا دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ يىغىنغا بىۋاستە ئۈرۈمچىدىن خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دە تەربىيەلىنىپ ئىديەسى ئۆزگەرگەن ئاتالمىش ‹كۇرسانت› لار، ‹دىنىي زات› لار دېگەندەك ھەر ساھادىن كىشىلەر بۇ تور يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالماقتا. ئۇلار ھازىرقى خەلقئارادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېيىلىۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان تەشۋىقاتى ئىلەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. . .»

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا بەزى دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاشلا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتىكەن. ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى يېقىندا پەخىردىن پەرھات ئىسىملىك بىرىنى سۆزلەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتنىڭ يەنە بىر تۈرى شۇكى، خىتاي ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ياپونىيەدىكى بەزى خىتايپەرەس ياپونلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيەدىكى ‹خىتاي پروفېسسورلار جەمئىيىتى› قاتارلىق ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توردا بىر سائەتتىن ئارتۇقراق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ يىغىندا ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر خىتاينى ئاقلاپ دوكلات بەرگەن. بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئىسمى پەخىردىن پەرھات بولۇپ، ئۆزى 25 ياش، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئىكەن. بىر ئىنىسى بار ئىكەن. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ گۇۋاڭدۇڭدا ئوقۇغان ئىكەن. ئالىي مەكتەپنى بېيجىڭدىكى تىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپون تىلى كەسپىدە ئوقۇغان ئىكەن. شۇ جەرياندا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا ئاساسەن 2017-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەنىكەن. ئۇ 2019-يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ توكيو ئەتراپىدا بىر يەردە خىزمەت تېپىپ ئىشلەشكە باشلاپتۇ.»

پەخىردىن پەرھات دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلغاندىن ئۆلگەنگىچە ئەڭ ئالىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولۇپ ياشايدىغانلىقىنى، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پەخىردىن پەرھاتنىڭ بىر سائەتلىك دوكلاتى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلغاندىن ئۆلگەنگىچە ئەڭ ئالىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولۇپ ياشايدۇ› دېگەن گەپ بىلەن باشلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا ‹ئەگەر شىنجاڭ مۇستەقىل بولسا ھازىرقى سۈرىيە، ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ھېچكىم بۇنداق بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇنداق بولغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇساپىرلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا بارلىق ئۇيغۇرلار ھازىرقى ھالەتكە ئەڭ ياخشى دەپ قارايدۇ› دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.»

ئەخمەتجان لېىپ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «پەخىردىن دوكلاتىدا لاگېر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان ۋاقتىدا، ھازىر غەرب مەتبۇئاتلىرى بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى توغرىسىدا ساختا تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم لاگېرغا سولاندى دېيىلسە، ھەر بىر ئائىلىدىن بىر نەچچە ئادەم لاگەرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولىدۇ. مېنىڭ ئائىلەمدە كۆپ جان بار، شۇنداق تۇرۇقلۇق، مېنىڭ ئائىلەمدىن بىرمۇ ئادەم تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئەھۋال يوق. مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تونۇش-بىلىشلەردىنمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر يوق. مەن ئاڭلاپ باقمىدىم.»

پەخىردىن دوكلاتىدا «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلىشتا، ۋەتەنگە بېرىپ كېلىشتا قىيلىنىۋاتىدۇ» دېگەن گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2017-يىلى ئۇ ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بېيجىڭغىچە ئۇزىتىپ كەلگەن، 2018-يىلى بىر قېتىم، 2019-يىلى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭگە بېرىپ كەلگەن چاغدىمۇ ئاتا-ئانىلىرى بېيجىڭغىچە ئالدىغا كېلىپ كۈتىۋېلىپ، يەنە ئۇزىتىپ قويغان ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە بېيجىڭدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنىمۇ كۆرسەتكەن.

ئۇ دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ باياشات ۋە ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنى خىتايلار ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ دوكلاتنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ پەخىردىننى كۆپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما تاپالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەتلا خىتايلار بىلەنلا ئارىلىشىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىر سائەتلىك يالغان تەشۋىقاتى تورلارغا قويۇلغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىن كۆرۈنۈش تەييارلاپ تارقاتقان ھەمدە ياپونىيەدىكى نۇپۇزلۇق گېزىتلاردا ماقالە ئېلان قىلغان. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى خىتاينىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقان بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت پىكرى ئارقىلىق تور دۇنياسىدىن سىقىپ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى پائالىيەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت