خىتاينىڭ «ئۇيغۇر بالىلار لاگېرلىرى» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» نى ئىنكار قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.07.19
qaranchuqsiz-balilar-bala-lager.jpg «ئۆسمۈرلەرنى يۆلەش فوندى» خادىملىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقان كۆرۈنۈشى(مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان). 2018-يىلى سېنتەبىر، قەشقەر
childrenshope.org.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 7-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان 47-، 48- ۋە 50-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت گۇۋاھچىلىرى سەھنىگە چىقىرىلىپ سۆزلىتىلگەن.

بۇ ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت گۇۋاھچىلىرى «ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە ئۇچرىمىدى، كۆپ پەرزەنتلىك بولغان ئۇيغۇرلار بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بەختلىك ياشاۋاتىدۇ»، «شىنجاڭدا بالىلار لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس»، «ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى بالىلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ»، «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەت خەلقى ساياھەتچىلىك بىلەن بېيىدۇق» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاتالمىش گۇۋاھچىلار يەنە ھۇجۇم نىشانىنى «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن قارارنى چىقارغان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قاراتقان. ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارا سۈركەش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن.

ئەمما «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلار، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ساختا تەشۋىقاتلىرى ۋە ئىنكار قىلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يوشۇرۇپ قالالمايدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى «نوترې دامې دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بالىلار لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلىشى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە، ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بالىلار لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزىلا 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن، ئەرلىرى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى مەزكۇر مۇراسىمدىكى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى بارلىق ئىنسانلارنىڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك بولغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە مەجبۇرىي سۆزلىتىلگەن ئاتالمىش گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۇلارنىڭ بايانىدىكى «ئۇيغۇرلار كۆپ پەرزەنتلىك بولۇپ، بالىلىرى بىلەن بەختلىك ياشاۋاتىدۇ»، «ئۇيغۇر رايونىدا بالىلار لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس»، «ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى بالىلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەندەك يالغانچىلىق تەشۋىقاتلىرى بىلەن، خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان «بالىلار لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى» ھەققىدىكى دوكلات-خەۋەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى.

زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2018-يىلى مەخسۇس تۈركىيەگە تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇ، شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىدە 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغانىكەن.

زۇبەيرە خانىم شۇ قېتىم ئېرىشكەن ئىسپاتلىق ئۇچۇرلار ھەققىدە توختالدى.

زۇبەيرە خانىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋەتەندە 5 بالىسى قالغان قەلبىنۇر خانىم قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر يەسلىسى» نامىدىكى «بالىلار لاگېرلىرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلار لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى نەقىل ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلانغان بۇ خىل تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، نيۇ-يورك ۋاقتى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا دەلىللەنگەن خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدىكى بۇ خىل يالغانچىلىق تەشۋىقاتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىسپاتلىق ماتېرىيال ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.