خىتاينىڭ ساختا ھېسابلار ئارقىلىق سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2020.07.30

خىتايدا ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى دىگىتال سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭمۇ بارغانسېرى ئاكتىپلىشىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئانادولۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە دىگىتال بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور لەۋەنىت ئەراسلان ئەپەندى، خاككېرلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغان ۋە يېڭى ئېچىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ھېسابلارغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. پروفېسسور لەۋەنىت ئەرەسلان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان ساختا ۋە ئوغرىلانغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرى ئارقىلىق، بولۇپمۇ تىۋىتتىر، يۇتۇب ۋە فەيسبۇك قاتارلىق داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسىدىكى جاۋابكارلىقى تۈپەيلى زېدىلەنگەن ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ساختا ۋە ئوغرىلانغان ھېسابلار ئارقىلىق كورۇنا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كورۇنا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكاغا قارشى توقۇلما سېنارىيەلەر ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لەۋەنىت ئەراسلان زىيارەت داۋامىدا، خىتاينىڭ كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسى ھەققىدىكى ئېتىبارىنى ياخشىلاش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارشى جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈنمۇ سەلبىي مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئوخشاش مەزمۇنلارنى تارقىتىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتقان ۋە دائىرىسى كېڭىيىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرى شايكىسىنىڭ 1000 دىن كۆپ تىۋىتتىر ھېسابى، 53 فەيسبۇك سەھىپىسى، 61 فەيسبۇك ھېسابى، 10مىڭ كىشىلىك ئەگەشكۈچىسى بولغان 187 يۇتۇب قانىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ۋە ئوغرىلانغان ھېسابلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا تىۋىتتىر، يۇتۇب ۋە ئىنىستگرام ھېسابلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پىكرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ھەتتا مۇمكىن بولغان شارائىتتا كىشىلەرنىڭ رېئال ئۇچۇرلاردىن ساختا ئۇچۇرلارغا قېيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىز ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ دىققەتنى ئۆزىمىزگە تارتىشقا تىرىشىمىز. خىتاينىڭ ‹بەش مولىرى›مۇ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ، يالغان خەۋەر توقۇپ، نۇرغۇن ساختا ھېسابلار ئارقىلىق يالغان خەۋەرنى بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە چىقىۋاتقان سادايىمىزنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ».
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن تىۋىتتىر يېقىندا، «دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشى» غا ئارىلاشقانلىقى سەۋەبلىك خىتاي، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك 32مىڭ 242 ھېسابىنى تاقىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىپادە بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان ھېسابلارمۇ تاقىۋېتىلسۇن» دېگەنىدى.
خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ساختا ۋە ئوغرىلانغان ھېسابلارنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان، ھەتتا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك بولۇۋېلىپ ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. بۇلارنى ئادەتتە ‹5 مولار› دەپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقىنى ئىنتايىن ئېنىق. بىز ئۇيغۇرلار تىۋىتتىردا ئاكتىپ پائالىيەتنى، ئائىلىمىزنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بولساق، بىزگە قارشى تۇرۇۋاتقان ساختا ھېسابلارنىڭ كەينىدە بىر دۆلەت بار. بىز شەخسىي گۇرۇپپا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئارقىسىدا بىر دۆلەت بولغان ساختىپەزلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار».
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دىگىتال ئالەم ئىدارىسى، ئۆتكەن يىلى 700دىن ئارتۇق ئىنتېرنېت سەھىپىسى ۋە 10مىڭدىن ئارتۇق تېلېفون يۇمشاق دېتالىنى چەكلىگەن بولۇپ، خىتايدا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆزىتىدىغان، سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر مەزمۇنلارنى تەكشۈرىدىغان يۈز مىڭلارچە تور ساقچىسى بار ئىكەن. خىتايدا ئىنتېرنېت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا بولۇشى، تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، IP ئادرېسلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى، توردا ئىزدەش نەتىجىلىرىنىڭ سېنزور قىلىنىشى ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «تور سەددىچىن سېپىلى» ئاتالغۇسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خىتايدا گۇگىل، تىۋىتتىر، فەيسبۇك، ئىنىستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن باشقا «نيۇ-يورك ۋاقتى»، ۋىكىپېدىيە قاتارلىق چەتئەل مەركەزلىك مىڭلىغان داڭلىق تور بېكەتلەر چەكلەنگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە چەكلەنگەن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشى ۋە بۇ تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشى كۆزەتكۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
تۈركىيەدىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئۈمىد ئالپئەرەن ئەپەندىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا، فەيسبۇك، تىۋىتتىر، يۇتۇب قاتارلىق غەرب مەركەزلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قارىماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەسئۇللىرى ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. تەشۋىقات مەقسەتلىك قىلىنسىمۇ ئۇلار بىلەن خىتايغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەسىرلىشىش يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ جىلۋىسى. خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بەزىدە ئۆز مەۋقەسىگە زىت يازمىلارنى ھەمبەھىرلىگەنلىكىگىمۇ شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ تېھران باش ئەلچىسى ئىران سەھىيە مىنىستىرىنىڭ باياناتلىرىنى تىۋىتتىردا تەنقىد قىلغان ئىدى. ئىران خەلقى بۇنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىغا زىت بولمىغان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىلىپ بارغان سىياسىي تەشۋىقاتلىرى چوڭ مەسىلە ئەمەس. ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئىلىپ بارىدۇ. لېكىن قوپال ۋە ئۇسلۇبقا دىققەت قىلمىغان سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمى بولمايدۇ.»