خەلقئارادىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ھەقىقەت مەيدانىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى داۋاملىق ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىگە بولغان تونۇشى ۋە ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نەپرەت ۋە قارشىلىقىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بەزى چەتئەللىك مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ياكى بۇ سەپكە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان چەتئەللىكلەر خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتىكەن.
خىتايدا تۇرىۋاتقان بۇ چەتئەللىكلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشىنى ئۇنتۇپ، خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەت ۋە راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كەتكەن كىشىلەر بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇشنى خالىمىغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن، بۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايغا ئىشلىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرىدە مۇخبىرلارغا راستچىل بولۇش، بىتەرەپ بولۇش دېگەندەك ئەخلاق ئۆلچىمى قويۇلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى. ئەمما ھەممە مۇخبىرلارنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. خىتاي ئەنە شۇنداقلاردىن پايدىلىنىدۇ. ئەمما نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي تەرەپتە تۇرىدىغانلار يەنىلا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىدۇ».
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن پايدىلىنىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنئەندىكى ۋاقتىدىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئالداش ئۈچۈن ئامېرىكالىق مۇخبىرلاردىن پايدىلانغانىكەن.
ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچراپ يېتىم قېلىۋاتقان ۋە خەلقئارا سودىسى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇنىڭ سەۋەبىنى چەتئەل تاراتقۇلىرىدىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەن. ئەنگلىيە BBC تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 700 دىن كۆپ «ئالاھىدە مۇخبىر» نى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇتۇب قانىلى ۋە بلوگ ئېچىپ تېخىمۇ كۆپ ئابونت توپلىشى ئۈچۈن، مۇكاپاتلىق مۇسابىقىلەر ئۇيۇشتۇرغان. خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى بۇنىڭ ئۈچۈن «توردا داڭ چىقىرىش» بۆلۈمى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى چەت ئەللىكلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى ئىشلىتىش ياكى ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ ۋىدىيو ئىشلەش خىزمىتىنى قىلىدىكەن. يېقىندا بۇ تېلېۋىزىيە تورىدىكى بىر قىسىم بۆلۈملەر «جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان چەتئەللىكلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتىش» يوليورۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان.
خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ چەتئەللىكلەرنى ئىشلىتىشتىكى ھىيلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر ھاكىمىيىتىڭىز يالغانچى بولسا، بىردىنبىر ئامال چەتئەللىكلەرنى تېپىپ ئۇلارنى سۆزلىتىش. چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋاسىتىدۇر. ئۇلار خىتايغا كىرمەكچى بولسا، بەزىلىرى ئۆزىنى مۇخبىر دەۋېلىپ ئېغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلىماقچى بولىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ زۇۋانىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا چارىسى يوق» دېدى.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇر رايونىنى ماختاپ ۋىدىيو ئىشلەۋاتقان چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قانداق يېرىگە بارسا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن، بەلكى ئۇلارغا خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش خادىملىرى ھەمراھ بولىدىكەن. ئەمما BBC ۋە باشقا مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى زىيارەتكە بېرىپ قالسا، قاتمۇ قات توسالغۇ ۋە چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن، تەھدىت سېلىنىدىكەن، ھەتتا قوغلىنىدىكەن. خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشلەنگەن ۋىدىيولار يۇتۇبقا قويۇلىدىكەن. دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇتۇب قانىلى خىتايدا چەكلىنىدىغان قانال بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۈچۈن سۆزلەيدىغان چەت ئەللىكلەرگە بۇ يولنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋىدىيولار قانچە كۆپ كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان مۇكاپاتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. خىتايدىكى «بەش موچەنلىكلەر» دەپ ئاتىلىدىغان غايەت زور قوشۇننىڭ ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ۋىدىيوسىغا قايتا-قايتا كىرىپ ئىنكاس يازىدىكەن ۋە بۇ خىلدىكى ۋىدىيولارنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويىدىكەن. بۇ قوشۇننىڭ «تام ئاتلاپ» (خىتاينىڭ تور چەكلىمىسىدىن ھالقىپ) ئىنكاس يېزىشى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىكەن.
خىتاي گەرچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل كۆز بويامچىلىقى ۋە يالغانچىلىقىنى بىلسىمۇ، ساختا تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدىكەن. گوردون چاڭ ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، بىر يالغاننى مىڭ قېتىم دەۋەرسە ئۇنى راست دەپ ئىشىنىدىغانلار چىقىدۇ. يالغاننى تەكرارلاۋەرسە قارىماققا ئۇ راستتەك بىلىنىدۇ. خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك يالغانچىلىقنى سىناق قىلىشتىن باشقا ئامالى يوق. خىتاي كومپارتىيەسى يەنە بۇ يالغانچىلىققا ئىشەنگۈچىلەرنى ئۆزىگە سادىق كىشىلەر دەپ قارايدۇ».
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ سىياسىتى ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى خاتالىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بىلەن چەتئەللىك بلوگېر ۋە يۇتۇبچىلار ئۆزئارا ھەمكارلاشقان. خۇددى رۇسىيەنىڭ RT تېلېۋىزىيەسىگە ئوخشاش، خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىمۇ چەتئەللىكلەرنى ئېكرانغا چىقىرىپ، ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىشنى خالايدىغان ئىنسانلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ مەيداننى كۆزلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا خىتاينى ياخشى چۈشەنمەيدىغان، بەلكى ئۇنى ماختايدىغان دۆلەتلەر ۋە شەخسلەر يەنىلا كۆپ، خىتايدا مەنپەئەتى بولغان كارخانىچىلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىشنى خالايدۇ ۋە بۇنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆز تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باھانە ئىزدەيدۇ. خىتاينىڭ تەشۋىقاتى دەل شۇنداقلارغا قارىتىلغان».
ئۇ يەنە خىتايدەك كۈچى بار، پۇلى بار بىر دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ھەقىقەتنى ياقلايدىغان غەرب تاراتقۇلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.