خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ئەنە شۇ خىل ئاقلاشنى مۇددىئا قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
تەڭرىتاغ تورىدا 3-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان مەخسۇس خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا قەشقەردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەنۋەر تۇرسۇن، قەشقەر ئادەم بايلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەسئەت ئىبراھىم، قەشقەر مەدەنىيەت رادىيو-تېلېۋىزىيە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجاپپار مىجىت قاتارلىق ئۈچ نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قەشقەرنىڭ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا خىتايچە بايانات بەرگەن.
ئۇلار سۆزىدە ئاۋۋال ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى ئىنكار قىلغان. ئاندىن كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قەدىمىي شەھەر قەشقەردە شەھەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، شەھەر قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى، مىللىي ئالاھىدىكى ساقلاپ قېلىنغان قەشقەر شەھىرىنىڭ پۈتكۈل خىتايدىكى مۇھىم ساياھەت شەھىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇ تەرەقىياتتا قەشقەر خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، يىغىندا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە، يەكەن مىشا يېزىسىدىكى دېھقان تۇرغۇن ئەھمەت، قەشقەر كوناشەھەر ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى نامەتجان قاسىم، چېڭ يوڭلى، قەشقەر كونا شەھەردىكى مېھمانخانا خوجايىنى ئالىيە ئابلىمىت، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ساياھەت يېتەكچىسى زۇلپىيە ئەكرەم، قەشقەر شېنتوڭ تېز يوللانمىسى پونكىتى باشلىقى ئەزىز مەمەت ئىمىن قاتارلىق ئاتالمىش 7 نەپەر گۇۋاھچىنىڭ سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنغان.
بۇ ئاتالمىش گۇۋاھچىلار سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز-ئارا مېھرى-مۇھەببەت ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باياشات بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە كومپارتىيەگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە يەنە قەشقەر ھېيتگاھ جامىسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە، قەشقەر كونا شەھەردىكى مېھمانخانا خوجايىنى ئالىيە ئابلىمىت، قاتارلىق بىرقانچە نەپەر ئاتالمىش گۇۋاھچىلار زىيارەت قىلىنىپ، مەخسۇس ئىشلەنگەن سىن فىلىملىرىمۇ كىرىشتۈرۈلگەن.
قەشقەر ھېيتگاھ جامىسىنىڭ ئىلگىرىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەتمەن، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «مۇناپىق» دەپ ئاتىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن سابىق ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئوغلى مەمەت جۈمە سىن فىلىمىدا، دادىسىغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەگە بولغان بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن.
مەمەت جۈمە سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ھېيتگاھ جامىسىنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلەر بىلەن بېزەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادتا ئەركىن، بەختلىك خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
قەشقەر كونا شەھەردىكى مېھمانخانا خوجايىنى ئالىيە ئابلىمىت زىيارەت قىلىنىپ ئىشلەنگەن سىن فىلىمىدا بولسا، ئالىيە ئابلىمىت قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ سۆزىدە بۇ يىللاردا قەشقەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مەشھۇر ساياھەت شەھىرىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىققا ئىگە قەشقەر كوچىلىرىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىنى ماختاش ئىچىدە بايان قىلغان.
ئۇنداقتا خىتاي دائىرىلىرى تەييارلاپ چىقىلغان بۇ گۇۋاھچىلار ھەقىقىي رېئاللىقنى سۆزلىگەنمۇ؟ ئۇلار نېمىشقا مىليوندىن ئارتۇق لاگېرلارغا سولانغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمايدۇ؟ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى، خەلقئارادا جىددىي دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئىنكار قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە، پۈتۈنلەي يالغانچىلىق بىلەن تولغان بۇ خىل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى 50 قېتىمدىن ئارتۇق ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ خىتاي تىل-يېزىقى بىلەن باراۋەر ئىشلىتىلىش دېگەن ئەڭ ئەقەللىي قانۇنغىمۇ ئەمەل قىلمىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ھەتتا پۈتۈن ۋىۋىسكا، كىشى ئىسىملىرى بەلگىسى قاتارلىقلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمىگەن. گۇۋاھلىق بەرگەن قەشقەر شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاتالمىش گۇۋاھچىلارنىڭ خىتاي تىلىدىكى باياناتلىرىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئاشكارىلايدىغان پاكىتلار ئىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى ئانالىز ۋە تەتقىقاتلىرىنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان گوللاندىيەدىكى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈشىگە، قەشقەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى ئاچقان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قورغاس ۋە قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە تەرەققىيات رايونىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن، قەشقەردە ئېلىپ بارغان، مەجبۇرىي زامانىۋى خىتاي شەھىرىگە ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ئېھتىياجى سەۋەب بولغان.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010-يىلدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىنىڭ مىللىي بىناكارلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. قەشقەر شەھەر قىياپىتى خىتاي شەھەرلىرىدىن پەرقسىز ھالغا كەلتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد، تىل-مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغان. لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى خەلقئارادا ئەيىبلەش نىشانى بولۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش جىددىي تەلەپكە ئايلانغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى قەشقەردە ئېچىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئىلشات ھەسەننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە ئاچقان بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەرنىڭ تەرەقىياتقا ئېرىشىپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان. ئەمما كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغان قىياپىتى، تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي ئۆلىمالار، لاگېرلارغا تۈركۈملەپ قامالغان ئۇيغۇرلار، ئانا تىلىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئېتىقادى چەكلەنگەن، يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ خىتاي شەھەرلىرىدە قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى خىتاينىڭ يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىماقتىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ خەۋەر ئانالىزىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.