سامىر دىئابنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلەرنى ماختىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.08
samir-diab.jpg خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بېرىپ كېلىپ، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي تەرەققىيات، گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە مۇكەممەل دىننى ئەركىنلىك» نى ماختىغان «ئەرەب سولچىللار مۇنبىرى» نىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى سامىر دىئاب (Samir Diab). 2024-يىلى 2-ئاۋغۇست.
XINHUA

ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشلىرى، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك ژۇرنالىستلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىيونلارنى كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. شۇندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن ئاخبارات ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغان باياناتلارنى قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنى مەنپەئەت ئۈچۈن خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئىلىغا تەكلىپ قىلىش ۋە ئۇلارنى سۆزلىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى چېتىشلىق تەنقىد ۋە ئەيىبلەشنى رەت قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئەرەب سولچىللار مۇنبىرى» نىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى سامىر دىئاب (Samir Diab) يېقىندا ئەرەب سىياسەتچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ دۆلىتى لىۋانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تەكلىپ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان باشقا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە مۇخبىرلارغا ئوخشاش «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي تەرەققىيات، گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە مۇكەممەل دىننى ئەركىنلىك» نى ماختىغان. سامىر دىئاب «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دىننى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەركىن دىنىي پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقى بەلگىلەنگەن، دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ».

ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئاۋۋال يېگۈزۈپ ئاندىن سۆزلىتىش» تەك كونا ئۇسۇلىنىڭ ھېچقانداق يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىدا بۇ ھال تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتكەن. ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ئەرەب سىياسەتچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىلدىكى زىيارىتى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ماختاپ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» قىلغان بەرگەن باياناتلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ مۇخبىر ۋە باشقا سالاھىيەتتىكى كىشىلەرنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىپ ساياھەت تەشكىللىشى سېپى ئۆزىدىن تەشۋىقات ئويۇنى. خىتاي بۇنىڭدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار سولانغان جازا لاگېرى ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئېلىپ بارمايدۇ ئۇلارغا كوممۇنىزم ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلارغا ئۇسسۇل ئوينىغان ۋە ناخشا ئېيتقان ‹خۇشال ئۇيغۇرلار› نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار يەنە يالغاندىن ‹ئاساسىي قانۇندا كىشىلەرگە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىلدى› دەيدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مىللەت، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى كوممۇنىستىك پارتىيەگە مۇتلەق بويسۇنۇشقا قىستاۋاتىدۇ. شىنجاڭغا بېرىپ مۇشۇ خىلدىكى ھەقسىز ساياھەتكە ئىشتىراك قىلغان ژۇرنالىستلار ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇيغۇر رايونى ئۇلاردىن بەك يىراق يەر بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى خىتاي تۆلەيدۇ. يەنى ئۇلار ئۈچۈن مېھمانخانا ۋە يېمەكلىك ھەقسىز. پۇل ئۈچۈن خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناش بولسا ئەخلاقسىز ئاخباراتچىلىق قىلمىشىدۇر. بۇ بۇ ژۇرنالىستلار بولسا بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە ئىجابىي ماقالىلەرنى يېزىش ھەققىدە سودىلاشقان.»

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان سامىر دىئابقا ئوخشاش كۆپلىگەن «ئالىم» ۋە «مۇتەخەسسىس» لەر تۇشمۇتۇشتىن سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار ھايات ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى باھانە قىلىپ خىتايغا قارا چاپلىشىنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى» بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن 30 نەچچە يىلدا ئۇل مۇئەسسەسە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارنىڭ كۆچمەن خىتايلار بولۇۋاتقانلىقى، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يىلسېرى چەتكە قېقىلىپ، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلەردىن بەھرىمەن بولۇشقىمۇ ئىلاجىسىز قېلىۋاتقانلىقى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ كۆپلەپ بىلىنىشكە باشلىغان. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد ئامىلى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ زور توسۇق سۈپىتىدە ئەڭ ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) سامىر دىئابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئەركىنلىكى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«سامىر دىئاب ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى مەدھىيەلىگەن. بۇ شەخس سولچى سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىننى پائالىيەتلەرگە قانداق باھا بەردى؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قېيىن. بۇ يەردە رايون خەلقىنىڭ ھېس-تۇيغۇسى توغرۇلۇق گەپ-سۆز قىلمىغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كەمسىتىشنىڭ يوقلۇقىنى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. بۇ خىتاي ئوتتۇرىغا قۇيۇۋاتقان تەشەببۇسلارنى قوللاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بەكمۇ ئاجىز تىرىشچانلىق. چۈنكى ئاساسى قانۇننىڭ قەغەزگە يېزىلىشى ئۇنىڭدىن خەلقنىڭ بەھرىمەن بولغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭ ھېقىقى رېئاللىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر سامىر دىئاب سەمىمىي ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە شەخس ھەمدە ئوبيېكتىپ كۆزەتكۈچى بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بۇلاتتى. لېكىن ئۇ ئۇنداق ئەمەس.»

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، سامىر دىئاب ئامېرىكا ھەققىدە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىگە تۆھمەت چاپلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق خىتاينى ئىچكى قىسىمدىن يىقىتىپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا» دېگەن.

دوكتور ئاندېرس كور سامىر دىئابنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئاشقۇن ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوق. بۇ كۈلكىلىك، ھەقىقەتەن كۈلكىلىك ئەيىبلەش. بىز (ئامېرىكا) كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايمىز. ئەلۋەتتە، خىتاي بۇنى بۇرمىلاپ، بىزنى ‹خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى› دەۋاتىدۇ. خىتاي 1948-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر پۈتكۈل خەلقئارا سىستېمىغا يېقىن بولۇشى، يەنى ب د ت نىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق قائىدىلىرىگە ۋە دېموكراتىيەگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە سايلام ئېلىپ بېرىشى كېرەك. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنىڭ ھېچبىرىنى قىلغىنى يوق. شۇڭا، خىتاي ب د ت نىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىدىغان مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرگە تەۋە ئەمەس، خىتاي ئۆزىنى ئۇلارنىڭ سىرتىدا قويدى. لېكىن بىز (ئامېرىكا) ب د ت نىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلغان مەدەنىيەتلىك دۆلەت.»

مەلۇم بولۇشىچە، سامىر دىئاب مەنسۇپ بولغان «ئەرەب سولچىلار مۇنبىرى» ماركىسىزىم ۋە لېنىنىزم نەزەرىيەسىنى ئاساسى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىدىغان ئانالىزچىلار ۋە تەنقىدچىلەر گۇرۇپپىسى بولۇپ، 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پەلەستىن مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.