خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا دۇنيانى ئالداش ئويۇنلىرى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى رەسمىي قارارلار ۋە دۇنياۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى خەۋەرلىرى، شۇنىڭدەك ئاشۇ لاگىرلارنى باشتىن كەچۈرگەن شاھىدلارنىڭ بايانلىرى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل «تاقابىل تۇرۇش» تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئۆزلىرىنىڭ «تولۇق تەييارلىقى» نى پۈتتۈرىۋالغاندىن كېيىن بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرى، مۇخبىرلىرى ۋە ئالىملىرىنى «ئالاھىدە تاللاش» ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدىن تەييارلانغان ئېكىسكۇرسىيە ئورۇنلىرىدا «تەكشۈرۈش» كە ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى.

دەرۋەقە، بۇ خىل ئېكىسكۇرسىيەلەردىن كېيىن «تەربىيەلەش مەركىزى» ياكى «تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى» دىكى «كۇرسانتلار» بىلەن سۆزلەشكەن بۇ ئېكىسكۇرسىيە ئۆمەكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر تولىمۇ «بەختلىك» ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئۆز باياناتلىرىنى ئوقۇدى. ھالبۇكى، بۇ خىل ئالدىن تەييارلانغان تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىكى ساختىلىقلار، «كۇرسانت» دەپ تونۇشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ كېيىنچە ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقا سالاھىيەتتە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن سىرلارنى مەلۇم دەرىجىدە ئېچىپ بەردى. شۇنداق بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق «رىژىسسورلۇق» قىلىۋاتقان بۇ خىل «ئويۇنلار» نىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ئاغزىدىن خىتايغا مەدھىيە ئوقۇتۇشىدا ئەكس ئەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق ئوچۇق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغانلار پەلەستىن، پاكىستان ۋە سۈرىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىلىرى بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن «پاھ! شىنجاڭ نېمە دېگەن تەرەققىي قىلغان!»، «پاھ! ئۈرۈمچىدىكى بۇ بىنالار ۋە يوللار نېمە دېگەن ھەيۋەت!» دېگەندەك ماختاشلار تۆكۈلۈپ تۇرغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ تەرەققىياتتىن كىملەرنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يوللاردا مېڭىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ۋە يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بىنالارنىڭ ئىگىسى كىم ئىكەنلىكىنى زادىلا تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋاستىلار بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېمايە قىلىش، ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى داۋاملىق ھالدا خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ماس قەدەمدە ئىش كۆرۈشكە تەشكىللىشى توغرىسىدا ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى.

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى جوناسان فۇلتون ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى «ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسماققا ئېلىش» چارىسىدىن باشقا يەنە تەشۋىقاتتىكى «چىۋەرلىك» تىنمۇ پايدىلىپ كەتكەنلىكىنى بىر مۇھىم سەۋەپ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «شۇنداق، بۇ مەسىلە ھەققىدە بىز كۆپ قېتىملاپ توختالغان. چۈنكى بارغانسېرى كۆپ ساندىكى غەرپ دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شنجاڭدىكى مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەگە قارىتا بارغانسېرى قاتتىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا شەرقتە بۇ ھال بارلىققا كەلمىدى. بۇنىڭدا ئىقتىسادىي ئالاقىدىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹سىياسىي ئىسلام› ئەندىزىسىنى كۆتىرىپ چىقىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ زور قوللىشىغا ئىگە بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ دۆلەتلەردە كۆپلىگەن سىياسىي گۇرۇھلار ئىسلام دىنىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سەئۇدىي ئەرەبىستاننى ئالساق ‹مۇسۇلمانلار بۇرادەرلىكى› تەشكىلاتى دەل شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ئاشۇ خىل مەسىلىلەر قاتارىدا چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر تەبىئىي ھالدا خىتاينى قوللاش تەرەپدارلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.»

فۇلتون ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئىسلام دۆلەتلىرىدە بۇ خىلدىكى خىتاينى قوللاش بىر ئومۇمىى ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئەھۋال بۇ جەھەتتە يەنە زور پەرققە ئىگە ئىكەن. بولۇپمۇ ئەردوغاننىڭ ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالىي رەھبىرى، دەپ قارىشى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا بۇ «ئالىي رەھبەر» قىلىپ بولالمىغان بەزى ئىشلارنى تۈرك خەلقى قىلماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە نامايىشقا چىقىشى بۇنىڭدىكى بىر جانلىق مىسال ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «يەنە بىر ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ۋاڭ يى زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە بارغاندا باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇچرىتىپ باقمىغان نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى. بۇ نامايىشلاردا تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ نامايىش قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن بىرلىكتە شىكايەت قىلدى. ئۇلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسىڭىز ‹ئۇيغۇر دېگەن بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەنىكەن، بىز ئۇلارغا ھەمدەم بولۇمىز› دەيدۇ. لېكىن ئەردوغان ئۆزىنى سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ داھىسى دەپ قارىغان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا كەلگەندە جىم تۇرىۋالدى. بۇنداق ئەھۋالدا خەلق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئانچە يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن بۇ ئىشلارغا كۆپ جەھەتتىن ئارىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.»

جوناسان فۇلتوننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە سىياسىي تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن «ئىتتىپاقداش» بولۇشقا قىزىقتۇرۇشىدا يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولغان سىياسىي-جۇغراپىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كونتروللۇقى يەنە بۇ رايونلارنىڭ كەلگۈسىدىكى جۇغراپىيەلىك ئورنىنىمۇ دىققەتتىن ساقىت قىلمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن تولۇق مەنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى دېمەكچىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتى 2016-يىلى بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىمنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلار يەنە مەخسۇس بىر كومىتېتمۇ تەسىس قىلغان. بۇ كومىتېتنىڭ قوشما رەئ‍سلىكىنىڭ بىرىنى مۇھەممەد بىن سالمان ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردىن تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا شەرق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇقىم مەۋجۇت بولۇشى خىتاي ئۈچۈنمۇ زۆرۈر. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭ مۇشۇ جايلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى، بۇ رايون مۇقىم بولمىسا پۈتكۈل قۇرۇلۇشقا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن ھالدا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى قوللاشقا ئۆتتى. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئوتتۇرا-شەرقتە نېفت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بۇ رايون يەنىلا خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سىڭىپ كىرىش ھەركىتى بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر رايوندىكى «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» چۈشەنچىسى بىلەن تېخىمۇ مەھكەم يۇغۇرۇلماقتا ئىكەن.