خىتاينىڭ پولشادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇلى ياۋ دوڭيى «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ماقالىسىدە بىر يۈرۈش يالغاننى ئوتتۇرىغا قويغان.
غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتاراپ قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاساسلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرى «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن نامدا توختىماستىن ھەر تۈرلۈك پروگراممىلارنى ئىشلەپ تارقىتىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا، غەربنى يالغانچىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. 17-ئاۋغۇست خىتاينىڭ پولشادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى ياۋ دوڭيىمۇ «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا جۆر بولغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ تور بەتىدە 18-ئاۋغۇست كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنغان ياۋ دوڭيىنىڭ بۇ ماقالىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشىنىڭ تېكىستى بىلەن باشلانغان. ماقالىدا «شىنجاڭ» نىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن باشلاپلا خىتايغا تەۋە بولغانلىقى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا 1884-يىلى «ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ قايتىپ كېلىشى» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» دېگەن نامنى بەرگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان ھەمدە ياۋ دوڭيى بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا جاۋابىنى بەرگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان نوپۇس قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە ئىستىمالدىن قالدۇرۇلغانلىقى، دىنىي ئېتىقادنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى ۋە مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدا توختالغاندا ياۋ دوڭيى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1949-يىلىدىكى 30 ياشتىن، 2019-يىلى 74. 7 ياشقا ئۆرلىدى. ئۇيغۇرلار 40 يىل ئىلگىرىكى 5 مىليون 550 مىڭدىن ھازىرقى 12 مىليونغا يەتتى. 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 25 پىرسەنت ئۆرلىدى. خەنزۇلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى 2 پىرسەنتلىك ئۆرلەش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى».
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دېپلوماتى بۇ يەردە ئىككى چوڭ يالغانغا ئورۇن بەرگەن. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 30 ياش دەپ بېكىتىشى. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 25 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشى.
ياۋ دوڭيى ماقالىسىدە ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا توختالغاندا، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى 10 دىن ئارتۇق تىل ۋە يېزىقنى ئازادە قوللىنىدۇ. بۇ تىل-يېزىقلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا دەرسلىكلەردە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تىل-يېزىقلار جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغىچە كەڭ قوللىنىلىدۇ،» دەيدۇ ۋە بۇ تىل-يېزىقلار قوللىنىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ساھەنى ساناپ ئۆتىدۇ. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپلا مەكتەپلەردە چەكلىنىشكە باشلىغانلىقىنى، 2016-يىلى جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ھەتتا ئىستېمالدىنمۇ قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە قىستاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ياۋ دوڭيى ماقالىسىدە 1955-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە «شىنجاڭدىكى 32 نامرات ناھىيە، 3666 نامرات كەنت، 2 مىليون 730 مىڭ نامراتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان» لىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بىراق ئۇ بۇ نامراتلىقنىڭ 1949-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن پەيدا بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
بۇ خىتاي دېپلومات ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭدا 24 مىڭ 800 دىنىي پائالىيەت سورۇنى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 24400 مەسچىت، 59 بۇتخانا، 227 چىركاۋ بار. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئىبادەت ۋە پائالىيەت ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە،» دەيدۇ. ئەمما «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ئەمەلىيەتنىڭ خىتاينىڭ دېگىنىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا 18 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە يۈز مىڭلىغان دىنىي زاتلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ياۋ دوڭيى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئالدىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 1200 دىن ئارتۇق دېپلومات، مۇخبىر ۋە دىنىي زاتلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ ناھايىتى ياخشى تەسىراتقا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، غەربلىكلەر ئېيىتقاندەك «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئالغا سۈرمەكچى بولىدۇ ھەمدە پولشالىقلارنى شىنجاڭغا ساياھەتكە تەكلىپ قىلىدۇ.