خىتاي غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكانى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىسى» ۋە «ئىجابىي ئوبرازى» نى يارىتىپ، بۇ ئارقىلىق غەرب جامائەت پىكىرىنى ئۆزىگە ماھىل تەرەپكە بۇراشقا تىرىشپ كېىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يېقىندىن بېرى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقات ھەركىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈشتە تاشقىرىغا قارىتا «شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىسى» نى سۆزلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يوليۇرۇقىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەركىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
غەرب تەتقىقات ئوروگانلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلار توغرىلىق ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا غەربنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ تۋىتتېر، فېيسبۇك، يوتوب، ئىنستېگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك قوللانماقتا ئىكەن. 22-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكادىكى «ئادىل پلانېت» ناملىق تور ژورنىلىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەركىتى تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئامېرىكانى بازا قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ھالغا كەلگەنلىكى، بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك 6 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق تۋىتتېر يوللانمىسى ۋە ھەمبەھىرلەش ئانالىز قىلىنىپ، بۇ يوللانمىلارنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن يوللانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكادىكى «پرو-پۇبلىكا» ناملىق ئاخبارات ئورنى بىلەن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» بىرلىشىپ ئېلىپ بېرغان بىر تەكشۈرۈشتە، غەرب ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرى ئەمگەكنى ئىنكار قىلىپ سۆزلىگەن ئۇيغۇر سۆزلىگۈچىلىرىنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق ۋىدېيوسىنى ئانالىز قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن تېكىست ۋە قوللانغان سۆزلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى خەلقئارا تور سىياسىتى مەركىزىنىڭ خادىمى ئالبېرت جاڭ 24-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئالبېرت جاڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز تۋىتتېرغا قارىسىڭىز، تۋىتتېردىكى شىنجاڭغا دائىر خەشتەگ بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىسىڭىز، ئۇنىڭدىكى ئەڭ كۆپ يوللانما خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېساباتلاردىن كەلگەن. ئۇلار يېقىندا قۇرۇلغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولمىغان، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماشلىشىپ ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنى تارقىتىدىغانلاردۇر. شۇڭا، بۇلار ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي كىشىلەرنىڭ ھېسابى ئەمەس ياكى قانۇنلۇق رېئال ئابۇنتلارئەمەس. ئەمما مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز قارىشىغا ماسلىشىدۇ ۋە ئۇنى تارقىتىدۇ.»
ئالبېرت جاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال فېيسبۇكتا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. ئالبېرت جاڭ مۇنداق دېدى: «فېيسبۇكتا خىتاي ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن يوللانغان يوللانمىلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھېسابات تورى ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇڭا بۇ ھازىر فېيسبۇك ۋە يۇتوبقا ئوخشاش باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىرىلىنى قاپلاپ، بۇ سۇپىلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماھىل مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرىۋەتتى. ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى قاپلاپ كەتكەچكە كىشىلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت قاراشلىرنى ھەمبەھىرلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.»
دوكلاتتا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتايغا ماھىل قاراشلارنى كەڭ كۆلەملىك تارقىتىشى، ئۇنىڭ «يۇمشاق كۈچىنى كېڭەيتىش ئىستىراتېگىيەسى» نىڭ پارچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەركىتى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ خەلقارا ئوبرازى» نى قايتا شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەنقىدلىرىنى، شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن. دوكلاتتا ئامېرىكادىكى «مېندىيانت» ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ئورۇننىڭ خىتايدىكى «شاڭخەي خەيشۈن تېخنىكا چەكلىك شېركىتى» گە باغلىنىشلىق 72 تور بېتى ۋە يوللانمىنى تەكشۈرگەنلىكى، ئۇنىڭدا ئېنگىلىز تىلىدىكى ئابۇنتلارغا «ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئىجابىي ئېنىرگىيە» شەكىللەندۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى بايقىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشتا غەرب ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ تېمىنى بۇرمىلاش ۋە ھېچقانداق تەپتارتماي ساختا ئۇچۇرلارنى كەڭ قوللانماقتا ئىكەن.
شۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇچۇر پەنلىرى مۇتەخەسسىسى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت 23-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا ئۇچۇر تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملىك چارىسى شۇكى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، ئۆزى تۇرۇشلىق دۆلەتلەرنىڭ تىلىدا بۇ خىل ساختا ئۇچۇر ۋە تەشۋىقاتلارغا ئىزچىل ۋە دەرھال رەدىيە بېرىش ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە «ئىجتىمائىي تاراتقۇ كۈلتۈرى» شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
«ئادىل پلانېت» ژورنىلىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىشتا يېڭى بىر ئىستىراتېگىيە قوللانماقتا ئىكەن. بۇنىڭدا «جوڭگو گېزىتى»، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئىشلەيدىغان مۇخبىرلار توردا ئۆزلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە كىمگە ئىشلەيدىغنالىقىنى يوشۇرۇن تۇتماقتا ئىكەن. ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ خەلقئارا تور سىياسىتى ئانالىزچىسى ئالبېرت جاڭ، غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا بۇ خىل خىتاي تاراتقۇلىرىغا قارىتا «ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ جازالىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالبېرى جاڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل (خىتاي) تاراتقۇلىرنى چەكلەشتە تېخىمۇ كۆپ ۋاستىلارنى قوللىنىشىمىز كېرەك. بىز بۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق دەپدسەندىچىلىك قىلمىشىغا تۇتقان مۇئامىلىنى تۇتۇشىمىز لازىم. مەسىلەن، بىزنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ‹ماگنىستىكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› بار. بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى شەخسلەرلارنى نىشانلىق جازالاشنى نىشان قىلىدۇ. بىز ئۆتكەنكى دوكلاتىمىزدا بۇ قانۇننى كېڭەيتىپ، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلارنى جازالاشنىمۇ تەۋسىيە قىلدۇق.»
لېكىن «ئادىل پلانېت» ژورنىلىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر ئارقىلىق ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىش ھەركىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەپسەندىچىلىكى ئۇنىڭ يۇمشاق كۈچىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەركىتى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئوبرازى ئۇچرايدىغان زىياننى كونترل قىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئۇتۇقلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.