خىتاينىڭ مەدەنىيەت ساياھىتى ئىستراتېگىيەسىگە بېزەك بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يالتىراق «مۇزېيلار»
2024.09.16
يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخباراتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى ئەۋزەللىكىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، ھەمدە بىر قىسىم قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرىنىڭ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى» غا ئايلانغانلىقى داۋراڭ سېلىنماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 23-ئاۋغۇست كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خوخخۇت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك «خىتاي مۇزېيلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ھەم تېخنىكا كۆرگەزمىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 مۇزېينىڭ (بىڭتۈەنگە قاراشلىق بولمىغان مۇزېيلار) دەرىجىسىنىڭ خىتاي بويىچە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇزېيغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تۆت مۇزېي خىتاي بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك، ئالتە مۇزېي ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇزېي قاتارىغا يېڭىدىن قوشۇلغان. ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى 25 مۇزېي خىتاي بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك مۇزېيلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ۋاھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى قايتا شەرھلەشكە كىرىشىپ، ئۇنى «خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان مۇزېيلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل يوقىرىقى سىياسىي غەرىزىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىماقتا.
گېرمانىيەدىكى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى پەنلىرى دوكتورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) نىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بەس-بەستە بەرپا قىلىنىۋاتقان مۇزېي ۋە تۈرلۈك ناملاردا ئېچىلىۋاتقان كۆرگەزمىلەر ماھىيەتتە پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىگە ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنى، تارىخىي-مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتاي سۇلالىلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى بارغانسېرى كۈچەيگەن. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار 10-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئەمەس، بەلكى ھىندىستان بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ قويۇقلۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي-مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتايغا باغلاش شۇنداقلا ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزېي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇزېي» قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئارقىلىق، ئۇيغۇر تارىخىنى خىتايغا باغلاش ۋە «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دېگەن ئۇقۇمنى ئىچكى-تاشقى دۇنياغا تارقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ، ئۆز قاراشلىرىنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر خەۋەردە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 مۇزېينىڭ خىتاي بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلۇشى، رايوندىكى مۇزېيلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى «سىياسىي تېرىكى» نى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت خىتاي ئىشغالچىلىرى 1949-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تەبىئىي يوسۇندىكى ئاسسىمىلياتسىيە مۇھىتىنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلۈكىدىن ئېرىتىپ تۈگىتىشكە قول سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تارىخنى يېڭىدىن شەرھلەشكە، ئارخېئولوگىيە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 150 ئەتراپىدا مۇزېي ۋە كۆرگەزمە سارىيى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 91 مۇزېي خىتاي مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورگانلىرىنىڭ مەركەزلىك باشقۇرۇشىدا ئىكەن. بۇندىن باشقا، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى باشقا كەسپىي ساھەلەرگە قاراشلىق مۇزېيدىن 28 ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا تەۋە بولمىغان مۇزېيدىن 31 ى بار ئىكەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلۇۋاتقان مۇزېيلار ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس تۈر مەبلىغى 10 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن 20 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە كۆپەيتىلگەن، مۇزېي كۆرگەزمە مەخسۇس تۈر خىراجىتى يېڭىدىن 10 مىليون يۈەن كۆپەيتىلگەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيلىرى» نىڭ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل مۇزېي ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشايدىغان ئاھالىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە مۇخبىرلار ئۈچۈنمۇ خىتاي تەرىپىدىن يېڭىدىن شەرھلىنىپ ياسالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەم تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە، دىنىي ئېتىقادىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى؛ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك ياخشىلانغانلىقىنى تاشقى دۇنياغا كۆرسىتىشنى نىشان قىلغان.»
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ غەرىزىنىڭ ماھىيەتتە «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە خىتاي تارىخىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى تۈپەيلىدىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ تەنقىدىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. بۇنىڭ بىلەن تەڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى، چەت ئەللىكلەرنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلماقتا. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مۇزېيلارنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈش ۋە ھېس قىلىش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ تارىخنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.»
ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزېي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، دەل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندىن كېيىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق قەدىمى ئىكەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتەنى ھەممىگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېيىنكى ئەۋلات ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.