خىتاي بېيجىڭدا «53-قېتىملىق شىنجاڭ ئاخبارات يىغىنى» ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.08.31
خىتاي ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى چەتئەللىكلەرنىڭ چاپىنى بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنماقتا شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 25-ماي، بېيجىڭ.
AP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 30-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا «53-قېتىملىق شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى. ئالدىنقى قېتىملاردىكىگە ئوخشاشلا بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىلىرىدىن شۈ گۈيشاڭ بىلەن ئېلىجان ئىنايەت رىياسەتچىلىك قىلغان.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە تەشۋىقات ھۇجۇمى قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» لارنى سەھنىگە چىقىرىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ» دېگەن بايانلىرىغا رەددىيە بېرىشكە ئۇرۇنغان.

بۇ يىغىن باشلىنىشى بىلەن شۈ گۈيشاڭ: «ئەنگىلىيەدىكى بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭ سىياسىتىگە ‹ئېرقىي قىرغىنچىلىق› قالپىغىنى كىيدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما ئەنگىيە تارىختا مۇستەملىكە سىياسىتىنى كېڭەيتىش جەريانىدا ئۆزى بېسىۋالغان مۇستەملىكە رايونلىرىدا رەھەمسىزلەرچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن» دېگەن.

يىغىندا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەتنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماخمۇت ئابدۇۋەلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رامىلە شاۋكەت قاتارلىق ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» لەر سەھنىگە چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان.

ئۇلار سۆزىدە ئەنگىلىيە تارىخىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، «ئەنگىلىيە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە كېڭەيتىش تارىخىدا ئۆزى بېسىۋالغان مۇستەملىكە ئەللىرىدە يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، جوڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قالپىقى كىيگۈزدى،» دېگەن.

شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماخمۇت ئابدۇۋەلى مۇنداق دېگەن: «ئەنگىلىيە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئاتالمىش ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قالپىقىنى كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھازىر شىنجاڭدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەردى› دەۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيەنىڭ نەچچە يۈز يىللىق مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بار. ئەنگىلىيەنىڭ ئۆزى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئەمما ئەنگىلىيە بۇنىڭ ئەكسىچە باشقا دۆلەتلەرنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ› دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ.»

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رامىلە شاۋكەت ئەنگىلىيەنى ئەيىبلەپ: «ئەنگىلىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيشى ۋە ياشلىشىشى، ئەنگىلىيەدىكى ئاق تەنلىكلەردە ‹ئىسلام قورقۇنچى› ۋەھىمىسىنى پەيدا قىلغان. ئەنگىلىيەدە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشخاھىشى يۇقىرى، ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس،» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئاچقان 53-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان يىغىنلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاسىيە خانىم خىتاينىڭ ئاخبارات يىغىندا سەھنىگە چىقىرىلغان ئاتالمىش ئۇيغۇر «مۇتەخەسسىس» لەرنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ تارىختىكى بىر قىسىم مەسىلىلىرىنى سۆرەپ چىقىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە چاپان ياپماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات ئىشىخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تارىختىكى بىر قىسىم مەسىلىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشى ئىكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەشۋىقات ئۇرۇشىنى قوزغاش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياستىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى خەلقئاراغا «ھەقلىق» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.