خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان يەنە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش»، «شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش»، «شىنجاڭنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەنلەرنى قايتىدىن تەشۋىقات نىشانى قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
بۇ ئىبارىلەر، خىتاينىڭ 18-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە باشلانغان «خىتاي-ياۋرو ئاسىيا كۆرگەزمىسى» دىكى «خىتاي-چەتئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» نىڭ مۇھىم تېمىسى قىلىنغان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە «كۆرگەزمە پائالىيىتىدە شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازى ئەكس ئەتكەن ئەسەرلەر ۋە يىپەك يولى مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى شىنجاڭنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سەھنىسىدە مەركىزىي تېما بولدى» دېيىلگەن. خەۋەرلەردە يەنە بۇ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنىڭ «كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى» ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئانالىزچىلىرىدىن رەھىمە مەھمۇت، زۇبەيرە شەمسىدىن ۋە باشقىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشى» ئىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇ تەشۋىقاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى› پاكىتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى» ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىدە، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ خەلقئارالىق بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قانداق قىلىپ ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، مۇخبىرلار، ب د ت غا ئوخشاش ئورگانلار خاتىرىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت پاكىتلىرى خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى قانداق قىلىپ يوشۇرۇپ قېلىش، ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. خىتاي ئىلگىرى‹قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىۋاتىمىز› دېگەننى تەشۋىق قىلاتتى. رايوندا ئالغان تەدبىرلىرىنى‹قانۇنلۇق ھالدا تېررورلۇققا زەربە بېرىش› دەپ پەردازلىغانىدى. ھازىر بولسا‹رايون ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى، يېڭى سېكرېتار ما شىڭرۈي كەلگەندىن كېيىن، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ھازىر يېڭى بىر شىنجاڭ ئوبرازىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىۋاتىمىز›دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى پاكىتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى».
مايا ۋاڭ ئىلگىرى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى› ئۇيغۇرلارنى ئوچۇقتىن ئوچۇق خىتايلاشتۇرۇش، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تۈسىنى ئالغان» دېگەنىدى.
ئەنگلىيەدىكى رەھىمە مەخمۇت خانىم ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپ كېلىۋاتقان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.
رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي-چەتئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» دە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمى ساھەسىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىشى ۋە «يېڭىچە شىنجاڭ ئوبرازى»، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» دېگەنلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئۇيغۇرلارغا قوشنا ۋە ئىقتىسادىي سىياسىي جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىنىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
زۇبەيرە خانىم يەنە، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە دۇنيا ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر ھەتتا خىتايغا بېقىنىپ ياشاۋاتقان باشقا دۆلەتلەردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەت بارغانچە كۈچەيگەن. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ خىل «شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش» سىياسىي تەشۋىقاتلىرى بازار تاپالمايدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.