خىتاينىڭ «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» دېگەن تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

0:00 / 0:00

مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە نىسبەتەن دۇنيانىڭ سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى زور دەرىجىدە قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، بىر ئۇچۇم چەت ئەللىك ياللانما قەلەمكەشلەرنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» دېگەن تەسىراتنى يارىتىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە ئىدى. بىر ئۇچۇم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ، يالغان سەھنىلەرنى كۆرسىتىپ، يالغان ئۇچۇر تارقىتىشلىرىنىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشقان ئىدى.

23-سېنتەبىر گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئوبرازىنى ياراتماقچى» ناملىق ماقالىدىمۇ بۇ خۇسۇستىكى بەزى بايانلارغا ئورۇن بەرگەن. ماقالىغا «بېيجىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ رايوننىڭ يېڭى بىر ئوبرازىنى يارىتىش يولىدا ھەرىكەت قىلماقتا. ئەمما زۇلۇم ئوخشاشلا داۋاملاشماقتا» دېگەن كىرىش سۆز مۇقەددىمە قىلىنغان.

ماقالىدە تىلغا ئېلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسار ئىشخانىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا «بۇ خىتايغا قارشى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئويدۇرما تەشۋىقاتى ۋە يالغانچىلىق» دەپ رەددىيە قايتۇرغان ۋە ئۆز جىنايەتلىرىنى نىقابلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئاي جەنۇبىي ئافرىقادىكى يىغىندىن قايتىپلا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق بەرگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» دېگەن تەسىراتنى يارىتىش ئۈچۈن «شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلاش» يولىدا ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئۇنداقتا، خىتاي «شىنجاڭنىڭ ئوبرازى» نى قانداق يېڭىلىماقچى؟

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيانىڭ سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشى ئۈچۈن، «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» دېگەن تەشۋىقاتنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدىن كۆپلەپ ساياھەتچى جەلپ قىلىپ، «شىنجاڭدا ھەممە ئىشلارنىڭ نورمال» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقچى بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېسىل مېھمانخانىلار، ساياھەت ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتكەن.

بىراق، بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنتۇمىغانغا ئوخشاش، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلاش» يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە چاپان ياپالمايدىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، ھامان بىر كۈنى تارىخنىڭ خىتايدىن ھېساب سورايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرى سادىر قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىكى يىغىندىن كېيىن ئۇدۇل شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشى، ئۇنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ساياھەت ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدىكەن.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ دۇنياغا «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» دېگەن تەسىرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات ساھەسىگە غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايلار يەنە ئۇيغۇر بالىلىرىنىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ ساياھەتكە ئاپىرىپ، ئاشۇ نارەسىدىلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق خىتايلارنى ماختاش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرماقتا ئىكەن.