خىتاي ئەلچىسى: «بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز ئامېرىكانىڭكىدىن قېلىشمايدۇ»

0:00 / 0:00

23-سىنتەبىر كۈنى، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چىن گاڭ ئامېرىكا كارتېر ئاقىللار مەركىزى بىلەن چوڭ بۇش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى فوندى ئۇيۇشتۇرغان تور يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەشھۇر پرېزىدېنتى لىنكولىن بىلەن قەدىمكى گرېكلارنىڭ غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمكى گرېكلار خەلق ۋەكىللىرى ھۆكۈمىتى بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن. ھازىرقى خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولۇپ، خىتاي خەلقىمۇ ھۆكۈمەت سايلىمىغا قاتنىشىش ۋە سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن، مانا بۇنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە بولۇپ، ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى بىلەن ھېچقانچە پەرقى يوق ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى بولسۇن، ياكى پرېزىدېنت لىنكولىننىڭ ‹خەلقتىن كېلىش، خەلق ئىگە بولۇش، خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش› ئىدىيەسى بولسۇن، ھەممىسى خەلق ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ بىز خىتاي سوتسىيالىزىمىنىڭ دېموكراتىيەلىشىش جەريانىنى ئېلىپ خەلقتىن خەلققە قايتۇرۇش، خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولۇش، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش چۈشەنسەك نېمىشقا بولمايدىكەن؟»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ئەلچى چىن گاڭنىڭ بۇ يەردە مەشھۇر پرېزىدېنت لىنكولىننىڭ سۆزىنى سۈيئىستېمال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىدا بېرىلگەن دەپ مەلۇماتتىن قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2019-يىل «تولۇق دېموكراتىيەلىشىش» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقتىن كەلگەن پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ قىپقىزىل يالغان گەپ بولۇپ، شى جىنپىڭ دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان. 2018-يىلىلا ئۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۆمۈرلۈك قىلىپ ئۇزارتقان. ماركىسىزمنىڭ «خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرسى» ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزى ئاتىۋالغان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» غەربنىڭ ئەركىن دېموكراتىيەسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. خىتايدا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئالدىن بېكىتىلسە، غەرب ئەللىرىدە ھەقىقىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىكەن ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى چەكلىك بولىدىكەن.

خىتاي ئەلچىسى چىن گاڭ بۇ يىغىندا يەنە مۇستەبىت شى جىنپىڭنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، «نامرات يېزىدىن ئۆسۈپ چىققان، خەلق ياخشى كۆرىدىغان، ئىشىنىدىغان ۋە قوللايدىغان رەھبەر» دېگەن ھەمدە 90 پىرسەنت خەلقنىڭ خىتاي خەلق كومپارتىيەسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاھالەنكى، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈننىڭ بىرىنچى ئەۋلاد كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىدا بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ئەلچىسى چىن گاڭنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارادا سۆز ھوقۇقى تالىشىدىغان تەبىئىتىنى، غەرب ئەللىرى كۆپ تىلغا ئالىدىغان كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، كۆپ قۇتۇپلىشىش دېگەن ئۇقۇملىرىغا خىتايچە تەبىر بېرىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن. خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ دائىم «ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت قارىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەپ تەرغىب قىلىشلىرى ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك دېگەن ئۇقۇملارنى ئۆز مەيلىچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلىقى ۋە ھەممىنى ئۆز قېلىپىغا سېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

چىن گاڭ يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپلىرىنى تۈگىتىشكە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، تەتقىقاتچى ئالىملىرى ۋە سەنئەتكارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توساقنى يوقىتىشقا، «يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە سىياسىي ئىرادە بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى يول ئېچىش» قا چاقىرىق قىلغان.