خىتاينىڭ كانادا تارىخىدىكى «ياتاقلىق مەكتەپ ۋەقەسى» نى مىسال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 5-ئايدا كانادادا 1800-يىللاردا سېلىنغان ۋە كانادادىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ بالىلىرى يىغىۋېلىنىپ «تەربىيەلەنگەن» ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرىنىڭ ئورنىدا بىر قېتىمدا 215، 6-ئاينىڭ بېشىدا يەنە شۇنداق بىر مەكتەپ ئورنىدا 715 يەرلىك خەلق بالىلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرى بايقالغانىدى. ئەينى چاغدا ياتاقلىق مەكتەپلەردە «مەدەنىيەت ئۆگىتىش» نامىدا ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېلىنغان بۇ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ پەرۋاسىزلىق، خورلاش ۋە سەل قاراشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. مەزكۇر ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا كانادادىكى مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان. كانادا ھۆكۈمىتى، خەلقى ۋە كانادادىكى يەرلىك خەلقلەرنى ۋە شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرۇپ، تارىختىكى سەۋەنلىكلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ يەنە بىر قېتىم ئاچچىق ساۋاق ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان.

قىزىقارلىقى، بۇ خەۋەرگە كەڭ ئورۇن بېرىپ ئۇ ھەقتە ئايلارچە مۇنازىرە قىلغان يالغۇز كانادا ئاخباراتلىرى بولمىغان. كانادادىكى «خاتا ئۇچۇرنى كۆزىتىش» ئورنىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، بۇ خەۋەرگە باشتا خىتاي ئاندىن قالسا رۇسىيە ۋە ئىران كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەرگەن. بۇ مۇستەبىت دۆلەتلەر كانادانىڭ كونا تارىخىدىكى بۇ ۋەقەنى كانادانىڭ ئابرۇيىنى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى ئاۋانگارت دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر خاتا ئۇچۇر تارقىتىش، تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ‹تەنقىدكە تەنقىد ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش› تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ جىنايى ھەرىكەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بولۇپمۇ بۇ ياتاقلىق مەكتەپ ۋەقەسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئارىسىدا خاتا بولغان ئەخلاقىي تەڭپۇقلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

«خاتا ئۇچۇرنى كۆزىتىش» ئورنى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى كانادانىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس ‹ھەقىقەت ۋە يارىشىش كومىتېتى› قۇرۇپ تارىختىكى خاتالىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى بۇرمىلىماقتا. كانادا ئىلگىرىكى خاتالىقى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدۇ ۋە تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ، خىتاي بولسا ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا».

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختا يەرلىك مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا يۈزلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«خاتا ئۇچۇرنى كۆزىتىش» ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادادىكى ياتاقلىق مەكتەپ ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى فېيسبۇكتا نۇرغۇن قېتىم خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ فېيىسبۇكتا 63 مىليون ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە شىنخۇا، يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) ۋە «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە 94 پارچە خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، بۇ ماقالىلەر 3158 قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن ۋە 16 مىڭ 614 ئىنكاسقا ئېرىشكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە ئارقىلىق كانادانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ۋە باشقا تۇتقۇندىكى كانادالىقلارنىڭ مەسىلىسىدىن يۆتكەش ئۈچۈن قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كانادانىڭ يەرلىك بالىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سېلىشتۇرۇشتەك سۆز ئويۇنى كانادا سىياسەت ساھەسىدە بەلگىلىك غەلىبە قازانغان. ئۇلار دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «6-ئايدا كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لېئو خوساكوس كانادادىكى 79 كېڭەش پالاتا ئەزاسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش ھەققىدە بىر تەكلىپ سۇندى. ئەينى چاغدا مۇستەقىل كېڭەش پالاتاسى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى يۈئېن پاۋ ۋۇ بۇنىڭغا قارشى مۇنازىرىسىدە كانادانىڭ ئۆز يەرلىك خەلقلىرىگە قىلغانلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلماسلىقى كېرەك، خىتاي ھازىر قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشتەك قىلمىشلارنى بىز تارىختا قىلغان» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئورگان دوكلاتىدا «بۇنداق باياناتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات سۆزلىرىنى رەسمىيلەشتۈرىدۇ ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاقىي ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى بولسا سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمدى دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، «خاتا ئۇچۇرنى كۆزىتىش» ئورنىمۇ دوكلاتىدا كانادادىكى مىللىي مۇنازىرە، جامائەت پىكىرى ۋە دېموكراتىك جەريانلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەرنىڭ سىڭىپ كىرىش، تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش زۆرۈر. لىبېرال دۆلەتلەر تارىختىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى چوقۇم ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يامان غەرەزلىك چەتئەل ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقات ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە چوقۇم دىققەت قىلىشى، تەھلىلى قىلىشى ۋە ئۇنى كەڭ ئاشكارىلىشى كېرەك، دېگەن. ئۇلار يەنە كانادا ھۆكۈمىتىگە «فېدېراتىپ ھۆكۈمەت چەتئەلنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ كانادا دېموكراتىيەسى ۋە جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر تەھدىتىنى تونۇشى ۋە ھەل قىلىشى كېرەك. بىز فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىمىز».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش ئۇسلۇبنى 2020-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكادا ساقچىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان جورج فلويد ۋەقەسىدىمۇ قىلغان. ئەينى چاغدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرى، باياناتچىلىرى خىتايدا چەكلەنگەن تىۋىتتېر قاتارلىق مۇنبەرلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ «ئامېرىكا باشقىلارغا كىشىلىك ھوقۇق دەرسى بېرىشتىن ئاۋۋال قارا تەنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك» دەپ قاتتىق جار سالغان.

يېقىندا خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن ب د ت يىغىنىدا ئامېرىكاغا رەددىيە بېرىپ: «ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن يالغان ئارقىلىق بىزگە تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى توسۇش. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن بۇ ئەسىردىكى چوڭ يالغانچىلىق، ئۇ مىڭ قېتىم دېيىلسىمۇ بەرىبىر يالغان» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.

مەمەت توختى ئەپەندى ئەپەندى سۆزىدە كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ تارىختىكى جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلسا، خىتاي ھازىرغىچە بۇنى رەت قىلىۋاتىدۇ. بىراق ھازىرقى پەن-تېخنىكا، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سايىسىدا خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي بۇنى يوشۇرۇش ئورنىغا بۇ دۆلەتلەردىن ئىلھام ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشى ۋە دەرھال بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.