«چېگرا رايون تور چولپانلىرى: خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يېڭى يۈزى» ناملىق دوكلاتتا خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر ھەرىكىتى ئاشكارىلاندى
2022.10.31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئېتىراپ قىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (ASPI) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىۋاتقان يېڭىچە ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پارچە مۇھىم دوكلاتقا ئىمزا قويغان. مەزكۇر دوكلاتقا «چېگرا رايون تور چولپانلىرى: خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يېڭى يۈزى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا مەركەزلىك تەشۋىقات ۋە ساختا ئۇچۇر ھەرىكىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭدا قوللىنىۋاتقان يېڭىچە ئۇسلۇبلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى خىتايدا مۇتلەق چەكلەنگەن يوتۇب (YouTube) ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قوللىنىپ، ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قىلىۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا ئالاھىدە دىققەت تارتىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يۇتۇب تورىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئىچكىي موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت چېگرا رايونلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان توردا تەسىر پەيدا قىلغان شەخسلەرنى ياكى باشقىچە ئاتىلىشى بىلەن تور چولپانلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، بۇ رايونلارغا ئالاقىدار تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىشنى كۈچەيتمەكتىكەن. بۇ تور چولپانلىرى ئەسلىدە خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت لىنىيىسىگە ماس كېلىدىغان ۋىدىيولارنى ئىشلەپ تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرى كېيىنچە يۇتۇب (YouTube) تورىدىمۇ تارقىتىلىشقا باشلىغان.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان ئاپتورلارنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دارىيا ئىمپىيومباتو (Daria Impiombato) نىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، بۇ تور چولپانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تور چولپانلىرىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى بىر شىركەتكە ئىشلەيدىكەن.
ئۇ بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تور چولپانلىرى خىتايدىكى ‹كۆپ خىل قانال تورى› يەنى (MCN) ناملىق بىر شىركەتنىڭ توختاملىق ئىشچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەت ئۇلارنىڭ بارلىق تور ھېسابلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۇلار بۇ تور چولپانلىرى بىلەن توختام تۈزىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى خىتايدا چەكلەنگەن يوتۇب قاتارلىق سۇپىلارغا چىقىرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ چىقارغان مەزمۇنلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ ئىچىدە پارتىيە كومىتېتى بار. بۇ شىركەتلەر پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئۇلار خىتاينىڭ ياخشى ئوبرازلىرى يارىتىلغان بۇ ۋىدىيولارنى چەت ئەل تور بەتلىرىدە تارقىتىدۇ.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاي ئىچىدە يوتۇب قاتارلىق تور بەتلەرنى چەكلىسىمۇ، ئەمما ئۇنى تاشقىي دۇنيا بىلەن بولغان ئىدىيەۋى رىقابەتتىكى مۇھىم جەڭ مەيدانى دەپ قارايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا چەت ئەللەرگە يۈزلەنگەن تەشۋىقات ئىشلىرىدا چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق كۈچەيتكەن. نەتىجىدە دەسلەپتە خىتاي ئىچىدىكى ۋىدىيو ھەمبەھىرلەش سۇپىلىرىدا تارقىتىلىۋاتقان تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى يوتۇب ۋە تىۋىتتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇپىلاردا تارقىتىشنىمۇ باشلىغان.
مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا يوتۇب تورىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار دۇنياغا داڭلىق بولغان بۇ تور سۇپىسىدا خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى تارقىتىدىغان 18 ھېساباتنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ ھېساباتلارنىڭ تور ئابونتلىرى ئادەتتە 200 يۈز مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. مەزكۇر ئورگان بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ ھېساباتلار تارقاتقان 1741 ۋىدىيونى تەكشۈرگەن.
بۇ ۋىدىيولاردىكى ئاساسلىق پېرسوناژلار گۈلى ئابدۈشكۈر، خۇرشىدەم ئابلىكىم، سابىرە سەمەت قاتارلىق ئۇيغۇر تور چولپانلىرى ۋە باشقا تىبەت، موڭغۇل، قازاق مىللەتلىرىدىن تاللانغان تور چولپانلىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرى ئىلگىرى خىتايدىكى ۋېيبو، شىگۇا قاتارلىق تور بەتلەرگە چىقىرىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاي تىلىدا ياكى بەزىدە ئىنگىلىزچە تەرجىمە قىلىنىپ، يوتۇب تورىغا قويۇلماقتىكەن. ئۇلارنىڭ ئابونتلىرى چەت ئەللەردىكى خىتايلار ياكى خىتايچە بىلىدىغانلاردىن ھالقىپ، چەت ئەللىكلەرگە كېڭەيمەكتىكەن.
«بۇ تور چولپانلىرىنىڭ ۋىدىيولىرىدا نۇرغۇن مەزمۇنلار بار، ئۇلارنىڭ بەزى ۋىدىيولىرى كىشىگە ناھايىتىمۇ تەبىئىي ۋە چىندەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزى ۋىدىيولىرى ئېنىقلا تەشۋىقاتنى نىشان قىلغان. ئۇلار بۇ ۋىدىيولىرىدا بىۋاستە خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قارشى چىقىدۇ. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەۋقۇتلۇقىنى يوققا چىقىرىدۇ. يەنە تېخى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرىدا ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئارا تويلىشىش ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايچە سۆزلىشىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭمۇ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرىدا ھۆكۈمەت ئالغا سۈرۈۋاتقان سىياسەتلەر ئالغا سۈرۈلىدۇ.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھېساباتلار تارقاتقان ۋىدىيولاردا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى قويۇۋېتىشى ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزمۇنلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى بىلەن بىردەك ئىكەن.
دارىيا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ۋە ھەتتا يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدىمۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكى دەلىللگەندىن كېيىن، بۇنداق تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى بىراقلا ئاشۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تاللانغان تور چولپانلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن تارقاتقان. كۆرۈنۈشكە شەخسىي ھېساباتتەك بىلىنىدىغان بۇ تور چولپانلىرىنى قوللىنىش بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئابونتلارنى قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئۇسلۇبلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. قارىسىڭىز ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگانلىرى، ئورگان خادىملىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ھەر خىل مەزمۇنلارنى چىقىرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، چىقىرىۋاتقان مەزمۇنلىرى بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما يۇقىرىدىكىدەك تور چولپانلىرىنىڭ شەخسى ھېساۋاتلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتىنى ئالغا سۈرۈش ئىنتايىن يۇمشاق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ. چۈنكى ئادەتتىكى ئادەملەر بۇ تور چولپانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، ئۇلارنىڭ كەينىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇشىدىكى ئورگاننىڭ قولىنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ تور چولپانلىرىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.»
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوكلاتتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تور چولپانلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار ئىشلىگەن ۋىدىيولار ئالدى بىلەن شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەنگەندىن كېيىن، يۇتۇب تورىدا ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم «MCN» شىركىتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىن سۇپىلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆتىدىكەن. ھەتتا تەتقىق قىلىنغان ئۆرنەكلەرنىڭ بىرىدە، بۇ چېگرا رايون تور چولپانلىرى ئىشلىگەن ۋىدىيونىڭ بىۋاستە ھالدا دۆلەت تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ۋىدىيولاردىكى ئۇيغۇر تور چولپانلىرى ئىلگىرى خىتايچە سۆزلىگەن بولسا ھازىر بىۋاستە ئىنگىلىزچە سۆزلەپ تۇرۇپ، ۋىدىيو ئىشلەيدىغان تور چولپانلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان چەت ئەللىك تور چولپانلىرى بىلەنمۇ بىرلىكتە ئىشلىگەن ۋىدىيولىرى بار ئىكەن.
تەتقىقاتچى دارىيا خانىم سۆزىدە بۇ تور چولپانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك قورالى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ تور چولپانلىرى توختام تۈزۈپ ئىشلەۋاتقان «MCN» گە ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ چەت ئەل تور بەتلىرىدە ۋىدىيو چىقىرىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى پەرقلەندۈرۈشى ۋە باشقۇرۇشى قېيىن. شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، بۇ تور چولپانلىرىنى توختام تۈزۈپ ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ يوتۇب ۋە باشقا چەت ئەل تور بەتلىرىدە پائالىيەت كۆرسىتىشى ۋە ۋىدىيولىرىدىن پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ بىۋاستە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بۇ بۇ ھېساۋاتلارغا چوقۇم ‹دۆلەت ئاپاراتلىرىغا چېتىشلىق ھېساباتلار› دەپ ئېنىق بەلگە قويۇلۇشى كېرەك. يۇتۇب تورى بولسا خىتاينىڭ MCNشىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.»
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (ASPI) دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى تەۋسىيەلەرنى بەرگەندىن سىرت، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا رايون تور تەشۋىقاتچىلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۆز تەشۋىقاتىنى ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «ھازىرچە بۇ تور چولپانلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي جامائىتى بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەزمۇنغا قارىتىۋاتقان كونترولىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قارىماققا ھەقىقىيدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ھېساباتلار دۇنياغا تارقىلىشى مۇمكىن.»