خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قامىغان لاگېرلار ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئىچكى ھۆججەت ۋە ماددىي ئىسپاتلار تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا يۈزلىنىۋاتقان بىر پەتتە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى لاگېرغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇنى «خىتاينىڭ لاگېر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پەرقلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ ئانالىز قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دېققىتىڭلاردا بولسۇن.
خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقىلار قامالغان جازا لاگېرلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لاگېر ھەققىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۆلۈم لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئالدىدا زۇلۇملىرىنى يوشۇرالماس ھالغا يەتكەندە بولسا لاگېرلارنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەلەش مەركىزى»، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ دۇنيانى ئالداشقا باشلىغانىدى.
ئەمدىلىكتە، كانادا پارلامېنتى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن رەسمىي ئەيىبلىدى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى.
خەلقئارادا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىۋاتقان قوشۇنمۇ بارغانسېرى زورايماقتا.
خىتايمۇ بۇنىڭغا قارشى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا نامراتلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغاندىن باشقا، كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتىۋالغان بۇ جايلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك سانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە چىقارغان ھەر بىر قارار ياكى ئەيىبلەشلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرچە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 2016-يىلىدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، 4 جەمئىي 4 مىليون 719 مىڭ 600 نەپەر ئادەم قېتىم ھەرخىل كەسىپلەردە تەربىيەلەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يەنى خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرگەن ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدە، 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليوندىن كۆپ ئادەم قېتىم سانى بويىچە، كىشىلەنىڭ «ھەر ساھە كەسپى بىلەن تەربىيەلىنىپ» چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش قارار لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىنلا ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەدبىر قوللىنىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 17-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق بىر ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا «2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شىنجاڭدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئىشچى كەسپىي تەربىيىلەشكە قاتناشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېيىلگەن.
يېقىندا يەنە 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەربىيەلەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ 8 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئائىت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۇ سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى قانچىلىك، پايدىلىنىش قىممىتى بارمۇ يوق ؟ دېگەندەك سوئاللارغا قارىتا، مەخسۇس جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سورىدۇق.
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىئان زېنىز بۇ ھەقتىكى سوئاللرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ھەمىشە ئۆزىدە گۇمان تۇغدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق يازغان: «ھەر خىل كەسىپلەر ئارقىلىق تەربىيەلەنگەن دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان 4 مىليون 700 مىڭ دېگەن بۇ ئومۇمىي سان ناھايىتى قىزىقارلىق. ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتىمۇ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 290 مىڭ ئادەم قېتىم دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ، يەنى بۇنىڭغا قارىغاندا بەزى كىشىلەر ئوخشىمىغان پروگراممىلاردا بىر نەچچە قېتىم تەربىەلەنگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بۇ سان مەجبۇرلاش كۈچى بولمىغان كۆپ خىل كەسپىي تەربىيىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنى چۈشەندۈرمەك تەس.
ئەمما ‹شىنجاڭ گېزىتى›دىكى بۇ يېڭى دوكلاتتا يەنە ئايرىم كۆرسىتىلگەن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى 550 مىڭ، پۈتۈن شىنجاڭدا 660 مىڭ نامراتنى مەجبۇرىي ھالدا كەسپىي تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم سان بار. بۇ لاگېرغا قامالغانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى بۇ يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش باھانىسىدە كەسپىي تەربىيەلەش يەنى ھەربىي ھالەتتە مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش تەربىيېسى ئېلىپ بېرىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ».
ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتس ئەپەندى بۇ سانلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «بۇ سانلارمۇ ئوخشاشلا، نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمايۋاتقان ئېنقسىز سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇشنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تەربىيەلەش سىستېمىسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلماقتا. لاگېردىن باشقا بۇ يەردە يەنە كەسىپلەردە تەربىيەلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەتتا بىۋاستە تۈرمىلەرگە قامالغانلارمۇ بار. شۇڭا بۇ سانلارغا تايىنىپلا، زادى قانچىلىك ئىنساننىڭ لاگېردا ۋە يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ باشقا شەكىلدىكى مەجبۇرىي تەربىيەلەشكە ئۇچرىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس. ئۇيغۇرلارغا زادى نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن لاگېردىن باشقا، مەجبۇرىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەسپىي تەربىيىلەش ۋە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك ۋە سېتىلمىلىق سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك».
شون ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نوپۇس ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلىرىغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەقىقىي نوپۇس سانىنى بىلمەكمۇ تەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي نوپۇس ئىستاتېستىكىسىنىڭ بولماسلىقى، ئۇلار ھەققىدە ھەر قانداق سانلىق نىسبەتلىرىنى بېكىتىشكە زور رىقابەت ياراتماقتا. يېقىندىن بۇيان يەنە، ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدىن چىققانلارنىڭ ئاساسەن مەجرۇھ، يېرىم جان ھالدا ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى ھەتتا لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم. مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلار شىنجاڭ گېزىتى ۋە باشقىلار ئېلان قىلغان سانلارنىڭ ئىچىدە ئەمەس، بۇ سانلار مېڭە يۇيۇش تەربىيىسىگە ئۇچرىغان بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ سان شۇ مەزگىلدە، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشكە مەجبۇرىي شەكىلدە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بولمىسىمۇ، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاساسلىق سانىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن».
مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدىكى سانلىق ئامبىرىنى قۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ دىرېكتورى، نورۋېگىيەدىكى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپمۇ لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك پەرقلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشى خەلقئارادا قايمۇقۇش پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
بەختىيار ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى» ئېلان قىلغان «4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىم سانى پەقەت، خەلقئارادىن تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەن تەقدىردە، خىتاي سانىنى بېرەلەيدىغان تەربىيەلەگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن تەھلىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00