يېقىندا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر پاسونىدا ياسىنىپ پارىژ كوچىلىرىدا ئايلانغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەۋەس قىلىپ سوئال سورىغانلارغا ئۆزلىرىنى «شىنجاڭلىق»، ئۈستىدىكى تىپىك ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلەرنى بولسا «جۇڭگو-شىنجاڭ كىيىم مەدەنىيىتى» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىغا دائىر ۋىدىيولار تارقالغانىدى.
بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ۋىدىيولىرىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىشى بىلەن، پارىژدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاستىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2-دېكابىر كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ پارىژدىكى ۋىدىيولىرىنى Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىدى. ھەمدە ئۇنىڭغا «شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى پارىژدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى» دەپ ئىنكاس يازدى.
ۋىدىيودىكى ئەر-ئايالنىڭ ئۆزلىرىنى مەن «شىنجاڭلىق، بۇ شىنجاڭنىڭ كىيىمى» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بۇ ۋىدىيولاردىكى ئايالنىڭ ئەتراپىدىكى خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئالاھىدە يېقىنلىقىنى ئىپادىلەشلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بەزى ئىنكاسلاردا بۇ ۋىدىيولا ئەمەس ھەتتا بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال تەنقىدلىنىپلا قالماي ھەمدە ئۇلارنىڭ «گۇمانلىق ئارقا كۆرۈنۈشى» كە سوئاللار قويۇلدى.
ۋاڭ ۋىنبىن ئەتىسىلا يەنە، خىتايدا «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» غا ئايلاندۇرۇلغان دىلرەبانىڭ بىر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بايرىمىدا ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ۋىدىيولىرىنىمۇ ئوخشاش ھەمبەھىرلەپ، «دىلرەبا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، شىنجاڭچە ئۇسۇل ئويناپ، پارلىماقتا» دېگەن ئىنكاسىنى قوشۇپ تارقاتتى.

ۋاڭ ۋېنبىن ئەزەلدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە 10 غا يېقىن ياۋروپا ئەللىرى پارلامېنتلىرى ئېتىراپ قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىنكار قىلىشتا، جۈملىدىن لاگېر شاھىتلىرىنى قارىلاپ ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىشتا كەسكىن بايانات بېرىپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت تۇيۇقسىزلا ئارقىمۇ-ئارقىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋىدىيولىرىنى تارقىتىشى ۋە «شىنجاڭ» سۆزىنى قەستەن كۈچەيتىپ ئىشلىتىپ، «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئىلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ۋىدىويدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە باغلىنىشى بارلىقى توغرۇلۇق گۇمانلارنى ئۇتتۇرغا چىقاردى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نۇقتىلىق مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلاردا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ پارىژ كوچىلىرىنى تەشۋىقات سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلارنىڭ بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئويۇنىدا رول ئېلىۋاتقان «ئارتىسلار» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
فېيسبۇك بېتىدە مەزكۇر ئەر-ئايالغا قارىتا ئىنكاس يازغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدىن دىلنۇر رەيھان خانىم، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغانلىقى» نى ئۇتتۇرغا قويدى. ئۇ ئىنكاسىدا، گەرچە خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ بېرىۋاتقان بۇنداق ئۇيغۇرلار ئاز ساندا بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ جىددىيلىكنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پارىژدا ئۇيغۇرلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا قارشى، 4-دېكابىر كۈنى فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىلمىشىنى ئەيلىدى.
ئۇلار باياناتىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ توختىماي كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، پارىژدا تۇرۇۋاتقان گۈلباھار ھاتىۋاجى ۋە گۈلباھار جېلىلىۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بارغانچە تونۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتنى قىلىش ئۈچۈن، پارىژدا ئۇتتۇرغا چىققان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «تەھدىت» دەپ جاكارلىدى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ھەيئىتى رادىيومىزغا يوللىغان ئاۋازلىق ئىنكاسىدا، ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن ماتېرىيال توپلاۋاتقانلىقى ھەمدە ئاخىرىدا بۇنى فىرانسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىزمۇ پارىژ كوچىلىرىدا ئۆزلىرىنى «شىنجاڭلىق» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ ئەر-ئايالنىڭ كىملىكى ھەققىدە پاش قىلىش ئىنكاسلىرى، سىن ۋە سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالماقتىمىز.
بىز ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار قانۇنلۇق ئەر-ئايال بولۇپ. ئەرنىڭ ئىسمى مۇرات، ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇر، فىرانسىيەدە ياشايدۇ ئەمما نېمە ئىش قىلىدىغىنى نامەلۇم.
ئايال ئىسمى بولسا-دىلرەبا يۈسۈپ. 1992 يىلى قارىمايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا مودېللىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. مۇرات بىلەن قارىمايدا 2017-يىلى-1 ئايدا توي قىلغان، ئۇ شۇ يىلى-4 ئايدا ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن Duiburg-Essen ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن.
بىزنىڭ دىلرەبا يۈسۈپنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كۆپ قېتىم قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى. ئەمما گېرمانىيەدە دىلرەبانى ياخشى بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، دىلرەبا يۈسۈپ 2019-يىلىدىن باشلاپلا «گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرى» نى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا سېتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ تىكتوكتا 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى باركەن. بۇ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەن.
ئامما رادىيومىز يۇقىرىدىكى ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىدۇق.
خىتاي ئۇيغۇرلارغا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى بىردەك چەكلىنىپلا قالماي ھەتتا چەتئەلگە بېرىپ كەلگەنلەر تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دىلرەبانىڭ فىرانسىيەدىكى مۇرات بىلەن توي قىلىشى ۋە ئارقىدىنلا بىمالال گېرمانىيەگە كېلەلىشى، ئەمدىلىكتە تۇيۇقسىز ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن قىياپەتتە، «شىنجاڭ» لىق بولۇپ مەيدانغا چىقىشى دىلرەبانىڭ ھەقىقىي كىملىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭمۇ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، خەلقئارادا بولۇپمۇ ئامېرىكا، ياۋروپادىكى ئەللىرىدە ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلار ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلىدۇر. خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»، «جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى چەتئەللەردە قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.
بۇ يىل سېنتەبىردە، خىتاي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى بىرلىكتە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىش مەسئۇللىرى مۇھاكىمە سىنىپى» نى تەشكىللەپ، بېلگىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئىران، قازاقىستان قاتارلىق 17 دۆلەتتىن كەلگەن 22 تاراتقۇ مەسئۇللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت قىلدۇرغانىدى. ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇر رايونىدا «ھەر مىللەتنىڭ تىنچ، بەختلىك» ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش تەشۋىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى.
ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور، ھېنرىي شاجايىۋىسكى Dr. Henryk Szadziewski بۇ ھەقتە ئانالىزىنى ئۇتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان تىنچ جاي، دەپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۆز تاراتقۇلىرىدىلا تەشۋىقات قىلىشتىن ھالقىپ، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. پارىژدا مەيدانغا كەلگەن بۇ تەشۋىقاتمۇ شۇنىڭ بىر پارچىسى.»
پارىژدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بىلەن ئالقىشلانغان ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ كۈرىتىش خۇنۈكلەشتۈرۈش قىلمىشىنى خەلقىمىز ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ» دېدى.
ئىلگىرى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بەزى ئاممىۋى بايراملاردىكى پائالىيەتلەردە، خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ بىر قىسىم خىتايلارنى ئۇيغۇرلارچە كىيىندۈرۈپ ساختا ئۇيغۇر قىلىپ ياساپ، ئۇيغۇرلارنى دوراپ ئۇسسۇل ئويناتقۇزۇپ، پاراتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىدەك كۆز بويامچىلىقى پاش بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىدە، چەتئەللەردىكى قىسمەن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان ئەللەردە پاش بولماقتا.
پارىژدىكى دىلرەبا ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ قىلمىشلىرى پاش بولۇشتىن ئىلگىرى، پاكىستاندا راھەت ئابدۇللا ئىسىملىك بىر پەردىچى ئۇيغۇر ئايالنىڭمۇ، يېقىندا تۇيۇقسىز خىتايلىق چولپانغا ئايلىنىپ، خۇددى دىلرەباغا ئوخشاش ئەتلەس كۆڭلەك، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيگەن ھالەتتە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدۇق.