خىتاي تەتۈر تەشۋىقاتلار ئارقىلىق خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدى ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار ھەققىدىكى پاكىتلارنى بۇرمىلايدىغان خەۋەرلەرنى كۈچەپ تارقىتىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» 1-دېكابىر كۈنى زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دە نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن يەرلىك ئاھالىلەرنى «ساقچىلارنىڭ تررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى شانلىق نەتىجىسى» قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىكە ئۇرۇنغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندەك «تېررورلۇق ۋەقەسى» بولماستىن، بەلكى دىنىي ۋە مىللىي بېسىمغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىق ۋەقەسى ئىكەن. ئۈچ نەپەر ساقچى بارات ناۋاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئوغۇللىرىنىڭ ساقاللىرىنى ئېلىۋېتىشكە ۋە قىز-ئاياللىرىنىڭ چۈمبەللىرىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جىدەل يۈز بېرىپ، كېيىنچە قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئالتە دېموكراتىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تونىغان، ئامېرىكا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەسمىي دېپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بىر مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇنقى ۋەقەنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىرىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ‹تېرورچى› دېگەن قالپاققا كەلسەك، ھازىر بۇ قالپاق تازا ئىشلىمەي قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھېچقانداق زوراۋانلىقققا دائىر مۇھىم ۋەقە بولمىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى تولۇق بىسىقتۇرۇلغان. بىز خوڭكوڭغا ئوخشاش باشقا يەرلاردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلغانلارغا ‹تېرورچى› دېگەن قالپاقنىڭ كىيگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ قالپاقىنى ئاشۇنداق قالايمىقان ئىشلىتىۋەرگەچكە، خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ ‹تېرورچى› دېگەن قالپاقنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى قالمىدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ تالاش-تارتىشقا قالغان بىر ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولىدىغان بولدى. چۈنكى خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتىدۇ. ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن بېرلىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتايغا كەلسەك، پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولغىنىدەك، خىتاي بەش يىلدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچلىقنى داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، خىتاينىڭ مەسىلىسى ناتسىسىتلار گېرمانىيەسىدىنمۇ ئېغىر تارتىشىلىدىغان بىر مەسىلە.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش «تىرورلۇق» قا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇپ كەلگەن. سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ قانلىق باستۇرۇشلارنى 1944-يىلى پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ ناتسىستلار ئارمىيەسىگە كۆرسەتكەن قارشىلىقى ۋە بۇ قارشىلىقنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا تەمسىل قىلغان.

27-نويابىر كۈنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا دوكتور ئادرىيان زېنز يېڭىدىن ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» ھەققىدە مۇھىم دوكلات بەرگەنىدى. ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە 2014-يىلى شى جىنپىڭنىڭ شەخسەن ئۆزى ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەرگە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «زوراۋانلىق» قا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەرلىك قانۇن-نىزام تۈزۈشكە ھوقۇق بەرگەن ئىكەن. نەتىجىدە «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» 2017-يىلى 4-ئايدا يولغا قويۇلغان ۋە بۇ كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا قاماشقا ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

كانادادىكى «راۋول ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ دايموند ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۇيرۇقى بىۋاستە يۇقىرىدىن چۈشكەن. يەنى شى جنپىڭنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن. لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي سىياسىتىگە ئاساسەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن سىسىتېمىلىق جازالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. خىتاي بۇ خىل سىستېمىنى باشقا توپلۇقلارغىمۇ ئىشلىتىشى مۇمكىن. بۇ بەك خەتەرلىك. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ يورۇتتى. شۇڭا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنى ‹جىنايەتچى›، ‹خەتەرلىك توپلۇق› دەپ تەشۋىقى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ھەققىدە تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن خىتاينىڭ مۇشۇنداق نومۇسسىزلارچە سىياسىي تەشۋىقاتى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئالدىيالايدۇ، دېموكراتىك ئەللەرنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئىشىنىمەنكى، خەلقئارالىق ئورگانلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

يېقىندا تۋىتتېر ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار 2 مىڭ 160 ساختا تەشۋىقات ھېسابىنى تاقىغان. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ «مېتا» شىركىتى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىگە چېتىشلىق 500 دىن ئوشۇق ساختا فېيسبۇك ھېسابىنى تاقىغان. بۇ ھىساباتلار رەسىم، ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ھېسابلار ۋە ساختا ئۇيغۇر ئابونتلار قوللىنىلىپ، «رايوندىكى بەختلىك تۇرمۇش» توغرىسىدىكى دۆلەت تەشۋىقاتى ۋە ساختا ئىسپاتلار تارقىتىلىدىكەن. تارقىتىلغان بەزى مەزمۇنلارنى خىتاي دىپلوماتلىرى قايتا تارقىتىپ، مەزمۇننى ئىناۋەتلىك قىلىدىكەن. بۇلار ساختا ئۇچۇر ئارقىلىق رايوندا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى، كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا تاشلاش قىلمىشى، قايتا تەربىيەلەش پروگراممىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىكەن.

يوناھ دايموند ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاخبارات قاناللىرىنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار دۇنيانىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىگە ئائىت ئىسپاتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى. شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىرى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشلىرىغا ئائىت ئىچكىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا دۇنيا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇشۇ مەسىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەمدە خىتاينىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› گە خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، بىزنىڭ جەمىئىيىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار، رەھبەرلەر ۋە سىياسەتچىلەر ھەممىمىز ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز. قولىمىزدا بار ھەر قانداق كۈچ ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لاگېرلار تاقالغۇچە، بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەر ۋە بۇ سىستېمىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگىچە، ئائىلىلەر جەم بولغۇچە، ئۇيغۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەقە «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان. ئارىدىن يەتتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2013-يىلى 16-نويابىر كۈنى سېرىقبۇيا يېزا ساقچىخانىسىدا 2-قېتىملىق قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردىن 1-قېتىملىق توقۇنۇشتا 6 كىشى، 2-قېتىملىق توقۇنۇشتا 9 كىشى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.