يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئۇرۇشىنى كۈچەيتكەن.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-دېكابىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»، «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئامېرىكاغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك سىياسىي تەشۋىقات ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىلگەن.
ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېچىلغان بۇ خىل يىغىن ۋە سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسى ئىنكار قىلىنغان، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى «خىتايغا قارشى كۈچلەر» دەپ ئاتاپ، ھۇجۇم قىلىنغان.
ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆز نۇتۇقلىرىدا «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹مەجبۇرى ئەمگەك› دېگەندەك يالغان تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ، بەختلىك ياشىماقتا» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچەيگەن ئىكەن. بولۇپمۇ يېقىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قىلغان.
ئامېركادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ئۆز سىياستىدىكى خاتالىقلارنى ئاقلاشقا مەجبۇر قالغىنىدا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بىلىم ئىگىلىرىنى سەھنىگە چىقىرىپ، ئامېرىكاغا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن قالغان كونا ئەنئەنە ئىكەن.
خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1980-يىللاردا بىر مەزگىل خىتايدا نىسبەتەن دېموكراتىك مۇھىت بارلىققا كەلگىنى ئۈچۈن، ئالى مەكتەپلەردە ئامېرىكا دۈشمەنلىكى كەيپىياتى بىر مەزگىل پەسەيگەن. ئەمما 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايدا ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقات يەنە كۈچەيگەن.
شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچلىق سىياسىتى، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەش چوقانلىرى كۈچەيگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدا خىتاي مىللەتچىلىكىنى چىقىش قىلغان «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» تەشۋىقاتى قايتىدىن ئەۋجىگە چىققان.
خۇ پىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان مەقسىتى ئالدى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇشتۇر. يەنى خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشتۇر. تېخىمۇ توغرىسى، دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنى ئۆز سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەندۈرۈشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زىيالىلىرى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى سەرخىللىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى خىتايلارنى ياكى كوممۇنىست ئەمەلدارلارنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلارنىڭ ئۈنۈمىدىن يوقىرى بولىدۇ، دەپ قارالغان.»
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايغا قارشى رەسمىي تەدبىر ئېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگىلىيەگە ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىدىكى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
روشەن ئابباس خانىم ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىن يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن تەستىقلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان، دېدى. ئۇ يەنە مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىكى تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بولسا بۇ خىل تەشۋىقات ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىكى تەشۋىقاتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى
مەمەت توختىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئاۋام خەلقنىڭ نەزەرىدىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى كۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشمۇ خىتاينىڭ ئىلگىرىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشاشلا نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىكەن.