كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشنى بىكار قىلىش قارارى› لاگېرلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ»

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە) خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تۇيۇقسىز خەۋەر بېرىپ، خىتاي مىقياسىدا «يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشكە دائىر قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تۈزۈملەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار» نىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ-يوق؟ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قارارنى ماقۇللىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن بولۇۋاتامدۇ-قانداق؟» دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەنبە كۈنى، يەنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 42-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشكە دائىر قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى› 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى ۋە ھازىر ئېلان قىلىندى. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن!»

بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى چوڭ تاراتقۇلارمۇ بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن، يەنى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىتايدا تېنىنى سېتىش ياكى پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارنى «تۇتۇپ تۇرۇپ ياكى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش» كە دائىر قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تۈزۈمنى بىكار قىلىش قارارىنى ماقۇللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ۋىدېيولۇق باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىكار قىلغىنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بولماستىن، بەلكى خىتاي مىقياسىدىكى «تېنىنى سېتىش ياكى پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش» ئورۇنلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى قارار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «خىتايدا 1949-يىلىدىن كېيىن پاھىشە ياكى پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ‹قانۇنسىز قىلمىش› دەپ چەكلەنگەن. ئادەتتە ئىپپەت-نومۇسىنى ۋە تېنىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللانغانلارغا ياكى پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا 2 يىلغىچە يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇنداق جازا خىتايدا ‹يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش› (收容教育) دېيىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ خىل جازا سىستېمىسىنى بىكار قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى بىكار قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق بىر جىددىي ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز-ئاتالغۇ ئويۇنى ۋە خەلقئارا جامائەتنى قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىلىرىغا ئىنتايىن سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشى، ھەرگىزمۇ ھاياجان بىلەن ھۆكۈم چىقارماسلىقى كېرەك.»