يېقىنقى يىللاردا «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇلتۇز» غا ئايلانغان ئارتىس دىلرەبا دىلمۇرات خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا قاراتقان تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا ۋەكىل قىلىنغان شەخسكە ئايلانغان ئىدى. خىتاينىڭ 2024-يىللىق چاغان كېچىلىكىدە دىلرەبا قەشقەردىكى مەخسۇس ياسالغان چاغان سەھنىسىدە خىتايلار ئىشلىگەن «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى ئويناپ، رەڭگارەڭ چىراغلار بىلەن بېزەلگەن سەھنىدە يەنە بىر قېتىم «چاقنىدى.» يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئۆزىنىڭ «فەيسبوك» ۋە «X» سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرى دىلرەبانىڭ چاغان سەھنىسىدىكى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى تەقلىد قىلىۋاتقان ئۇسسۇل ۋىدىيولىرىنى چىقارغاندىن كېيىن خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ ۋىدىيولارنى كۆپلەپ ھەمبەھىرلىدى.
ھەر خىل ياشلاردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەممىلا جايدا ئوپچە ياكى يالغۇز ھالدا دىلرەبانىڭ «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى تەقلىد قىلىۋاتقان بۇ ۋىدىيولارنىڭ بەزىلىرىگە ھەتتا ئەمدىلا ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەن «تور چولپانلىرى» مۇ كىرىشتۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرىدە «شىنجاڭدىكى بەختىيار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بالىلار»، «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان دىلرەبا-شىنجاڭ بالىلىرى ئۈلگە ئېلىۋاتقان ئارتىس» دېگەندەك بايانلارنىڭ قوشۇپ ھەمبەھىرلىنىۋاتقانلىقى بولسا بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ئىشلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «شىنجاڭ بالىلىرى» غا ئايلانماقتا
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ X بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن بۇ تەشۋىقاتى كۆپ ساندا كۆرۈلگەن بولسىمۇ خىتاينىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قىلماقچى بولغان تەشۋىقاتى چەتئەللەردىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەنقىدىي ئىنكاسلىرىغا كۆمۈلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتى ئېچىپ كۆرسىتىلدى.
«ئاكسىيۇس» (Axios) تورىنىڭ مۇخبىرى بېتانى ئەلېن ئىبراھىميان (Bethany Allen Ebrahimian) ئۆزىنىڭ X بېتىدە «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى تارقاتقان بۇ كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتلىرىدىكى ساختىلىقلارنى ئاشكارىلاپ «بۇ يەردىكى تىل ئىلىتىش تاكتىكىسىغا قاراڭلار! ‹ئۇيغۇر بالىلىرى› دېگەننىڭ ئورنىغا ‹جوڭگۇ شىنجاڭدىكى بالىلار› ياكى ‹شىنجاڭ بالىلىرى›، ‹ئۇيغۇر ئارتىس› دېگەننىڭ ئورنىغا ‹جوڭگۇ ئارتىسى› دېيىش ئارقىلىق «‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن قاچقان» دەپ ئىنكاس يازغان.
ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى درۇ پاۋلو (Drew Pavlou) ئۆزىنىڭ X بېتىدە بۇ ۋىدىيولارنى «‹خۇشال ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراڭلار!› دەيدىغان تەشۋىقات ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك ئىرقچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىنكاسى بىلەن قوشۇپ ھەمبەھىرلىگەن.
ئىرقى قىرغىنچىلىقتا يېتىم قالغان ئۇيغۇر بالىلىرى زور دىققەت قوزغىدى
2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ 3-مارت كۈنى X سۇپىسىدا خىتاينىڭ «دىلرەبانىڭ ئۇسسۇلى» ھەققىدىكى ۋىدىيولۇق تەشۋىقاتىغا ئۇلاپ دوكلات ئېلان قىلىشى بولسا، خىتاينىڭ يالغانچىلىقىغا دوكلاتلىق ئىسپات بىلەن قايتۇرۇلغان رەددىيە سۈپىتىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئىنكاس ياراتتى.
«شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلغان بۇ سانلىق مەلۇماتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبىدىن يېتىم قالغان ئالتە مىڭدەك سەبىي ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقىلغان.
بۇ سان خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بېرى رايوندىكى «بالىلار لاگېرى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سانى ئاز دېگەندىمۇ 600 مىڭدەك كېلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاتا-ئانىسى تۇتقۇندىكى بالىلارنىڭ ئىسمى، سۈرىتى، يۇرتى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار يەنە ئاتا-ئانىسى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەن 1700 دىن ئارتۇق بالىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان.
«شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ رادىيومىزغا بەرگەن يازما ئېنىقلىمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن يۇقىرىقى دوكلاتتا يېقىنقى ئالتە يىل جەريانىدا ئوخشىمىغان مەنبەلەرگە تايىنىپ ئىگە بولغان ساندان ۋە ئىسپاتلانغان ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بۇ مەلۇماتلار ئاتا-ئانىسى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ مەجبۇرىي يېتىم قالدۇرۇلغان 18 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېنىقلانغان ئۇچۇرلىرى ھېسابلانسىمۇ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپلۈكى ۋە بۇ ساننىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ يۇقىرىقى دوكلاتىنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان پاكىتلىق سېلىشتۇرما ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بىز ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ غەلىبىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ‹خوشال ئۇسسۇل ئويناۋاتقان› كۆرۈنۈشى. بىز ھەممىمىز بىلىمىز، بالىلار ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۈپ نەرسىلەرگە موھتاج. ئەگەر بۇ بالىلار خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىغا كۆنمىسە، خۇددى ئاتا-ئانىسىدەك جازالىنىدۇ ياكى زۇلۇمغا ئۇچرايدۇ. »
دوكتور ھېنرىك يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان دىلرەبا قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىگە مەجبۇرىي بويسۇنغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە خىتايدا كۆپ قېتىملاپ كۆرۈلگەن دىلرەبا ئۆزىمۇ ئەركىن ئەمەس. شۇنداقلا ئۇمۇ ئۆزىنى ئەركىن ئىپادە قىلىشتىن مەھرۇم. دوكلاتتا دېيىلگەندەك ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي يېتىم قالغان. ئۇلار يېتىم قالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇنداق مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرىگە ئۇچرىماقتا. بۇ بەكمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتنى كۈز ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىدۇ».
ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللىي ئۇسسۇلىنى توغرا ئۆگىنىشتىنمۇ مەھرۇم قالماقتا
خىتاي دائىرىلىرى دىلرەبا دىلمۇراتنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ‹چولپان› قىلىپ تاللاپ، چەتئەللەرگە «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دىلرەبانىڭ گۈزەللىكى ۋە قىسمەن سەھنە تالانتى بىلەن خىتايلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، كىنو چولپىنى دىلرەبا دىلمۇرات دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەن باسقۇچتا ئوتتۇرىغا چىققان. يەنە كېلىپ ئۇ كۆپىنچە مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى باش تېما قىلىپ ئىشلىنىۋاتقان ئاشىق-مەشۇق ھېكايە فىلىملىرىدا خىتاي يىگىتلەرنىڭ مەشۇقى بولۇپ رول ئالغان. تېخىمۇ مۇھىمى دىلرەبا ياراتقان ئوبرازلار ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان قىياپەتتە نامايان بولغان.
ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل يېتەكچىسى ئادالەت سابىت خانىم ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا دىلرەبانى دوراپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋىدىيوسى كۆپلەپ تارقىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلىنىمۇ توغرا ئۆگىنەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «بۇ بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ دىلرەبانى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىغا ‹روھىي قۇللۇق› ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتا ئۇيغۇر گۆدەكلىرىدىن پايدىلىنىشتىنمۇ تەپ تارتمايۋاتقانلىقىدەك رەزىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىشمەكتە.
«كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى دىلرەبا ئوبرازى ياكى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئارقىلىق يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى دوراۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ كۆرۈنۈشلىرى ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى روھىي قۇللۇقتا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋاملىق يەر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىمۇ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش مەزمۇنىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.